ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 273 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 132|ئىنكاس: 2

تەڭشەلمىگەن تەڭسىز دۇنيا دا ‹‹قاراسۇ›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
0 سائەت
شۆھرەت
57
پۇل
167
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2011-10-21
نادىر
0
جۇغلانما
57
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-2 22:54:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         رۇستەم قاراسۇ  
        ئىجادىيەتلىرى      

تەڭشەلمىگەن تەڭسىز دۇنيا دا
كۆلگەنلەردىن كۆلمىگەنلەر كۆپ.  
دىلغا پۆككەن ئارزۇ  ئارمانغا،  
يەتكەنلەردىن يەتمىگەنلەر كۆپ.  

تەڭشەلمىگەن تەڭسىز دۇنيا دا،  
ياخشى تۇرۇپ قارلانغانمۇ كۆپ.   
ۋىجدان سىتىپ ئەلنىڭ ئاغزىدا،
نام ئابرۇيدا  ئاتالغانمۇ كۆپ.  

تەڭشەلمىگەن تەڭسىز دۇنيا دا،  
چىن مۇھاببەت كۆتكەنلەرمۇ كۆپ.  
شۇ سۆيگۈدىن كۈتۈپ نەپ پايدا،  
يالغان سۆيگەن نامەرىتلەرمۇ كۆپ.

تەڭشەلمىگەن تەڭسىز دۇنيا دا،   
گاھ ھەقىقەت  خار بولغانمۇ كۆپ،  
نېمە ئۆچۈن دىگەن سۇئالغا،  
جاۋاپ ئالماي كەتكەنلەرمۇ كۆپ.

تەڭشەلمىگەن تەڭسىز دۇنيادا، `
ئەنە شۇنداق تەڭسىزلىكلەر كۆپ.  
لىكىن بۇندىن سەن ھەيران بولما،  
شۇڭا دىگەن تەڭسىز دۇنيا دەپ. ,  

          ئازغان ئوغول  
  
غىرىپلىق  باسقان  ئاشۇ  كەپىدە،  
ئەي ئازغان ئوغول جان ئاتاڭ قالدى  
بىلى مۆكچەيگەن سىنڭ دەردىڭدە،  
يەنە مىھرىبان جان ئاناڭ  قالدى.  

سەھرا ياراتماي كەتتىڭ شەھەرگە،  
ئۇلارنى قۇيۇپ ئەقلىڭدىن ئىزىپ.  
سىنى بىر ئۈمۈر  باققان ئەجرىگە،  
جاۋاپ بولدىمۇ يالغۇزلۇق غىرىپ.  

ئارقىڭدىن يىغلاپ قالدى دەرىت يۇتۇپ،
رەھمىڭ كەلمىدى   ۋاپاسىز    سىنىڭ.  
ئۇلار قەدرىنى  بىلمىدىڭ    ھەجەپ،   
كەتتىڭ   يىراقلاپ  قالدۇرۇپ   يىتىم.  

شۇ ۋىجدان قېنى سەندىكى يىگىت،
ئاتا ئانىدىن كەچتىڭمۇ    كىتىپ.  
ھامان بىر كۈنى  دەيسەن مىڭ ئىسىت،  
كەتكەندە كەلمەس  يەرگە خوشلۇشۇپ.  
  
رۇستەم قاراسۇ  
2011.11...بۆرتالا ئالاتاۋ

Rank: 3Rank: 3

توردا
166 سائەت
شۆھرەت
386
پۇل
1408
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-29
تىزىملاتقان
2009-5-10
نادىر
0
جۇغلانما
386
يازما
465
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 16:44:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇستەم ئەپەندى سىز چىگرا قوغدىغۇچى ئەسكەر ئوخشىمامسىز.
ياشا ئۇيغۇرۇم

Rank: 2

توردا
137 سائەت
شۆھرەت
55
پۇل
316
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-29
تىزىملاتقان
2008-10-28
نادىر
0
جۇغلانما
55
يازما
159
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 00:04:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىتتارماھىرى يوللىغان ۋاقتى  2011-12-3 16:44
رۇستەم ئەپەندى سىز چىگرا قوغدىغۇچى ئەسكەر ئوخشىمامسىز ...

شۇنداق ئوخشايدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-1-29 18:42 , Processed in 0.728156 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش