- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-8
- توردا
- 38 سائەت
- شۆھرەت
- 200
- پۇل
- 0
- تىزىملاتقان
- 2008-5-1
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 152
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 200
- UID
- 80
 
- توردا
- 38 سائەت
- شۆھرەت
- 200
- پۇل
- 0
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-8
- تىزىملاتقان
- 2008-5-1
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 200
- يازما
- 152
|
پۈتۈن ئۇدارلارنى توغرا ئۇسۇلدا جايلاشتۇرۇپ، توغرا ئاۋازلارنى تاللاپ قىلغانلىقىڭىزنى پەرەز قىلىپ تۇرۇپ ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قۇياي.
مېنىڭ قارىشىمچە سىز دىگەن مەسىلىنىڭ بىر نەچچە سەۋەبى بار،
بىرىنچىدىن كەسپىي ناخشىچىلار ئادەتتە مۇزىكىلىرىنى بىزگە ئوخشاش كومپىيۇتىردىكى VST بىلەن ئەمەس بەلكى ھەقىقىي ساز دۇمباق روياللارنى ئىشلىتىپ چالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا جانلىق چىقىشى تەبىئىي ئەھۋال، چۈنكى كومپىيۇتىردىكى Digital يەنى رەقەملىك ئۇسۇل بىلەن ئىشلەنگەن ئاۋاز ھەر قانچە قىلسا راست ئۈسكۈنىدىن چىققان ئانالوگىيەلىك ئاۋازغا ئوخشاش جانلىق چىقمايدۇ. چۈنكى راس ئۈسكۈنىلەردە ئاۋاز ھەقىقىي ئېلىكتىرلىق سىگنال ئارقىلىق يوللىنىدۇ، كومپىيۇتىردا بولسا رەقەملىك سىگنال بىلەن يوللىنىدۇ. ئەگەر سەۋەپ مۇشۇ بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق، يېڭى ئەۋلات VST لارنىڭ چىقىشىنى ساقلايمىز.
ئىككىنچىدىن بۇنىڭ توغرا Mixing يەنى مۇزىكىنى توغرا ئۈنۈملەشتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋىتى بار. يەنى مۇزىكىنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۈنۈم قوشمىساق مەسىلەن ياڭرىتىش، ئەكىس سادا، ئاۋازلارنى ئوڭ-سول تەرەپكە ئايرىش، بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش، پرىسلاش... دىگەندەك ئۈنۈملەرنى بەرمىسەك مۇزىكا بوش، جانسىز، خۇددى قۇرۇق ئوتاندەك چىقىدۇ، بۇنى سىزمۇ بىلىسىز.
شۇڭا ھەممىمىز ئۈنۈملەشتۈرۈش ئىشىنى قىلىمىز، بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە بولسا ئۈنۈمنى توغرا ئۇسۇلدا بېرىشتۇر. ئەگەر بۇ سەۋەپتىن بولغان بولسا ئۈنۈملەشتۈرۈشنى قايتا تەكشۈرۈپ بېقىڭ. ( مېنىڭچە %70 سەۋەبى مۇشۇ )
ئۇنىمۇ دەيمىز بۇنىمۇ دەيمىز سىز ئەڭ ياخشىسى مۇزىكىنى ئەۋەتىڭ، ئاڭلاپ ئاندىن بىر نىمە دەيلى . |
|