ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 420 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1729|ئىنكاس: 9

FL Studio ۋە ReFX Nexus تا ئىشلىگەن مۇزىكا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
38 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-8
تىزىملاتقان
2008-5-1
نادىر
4
جۇغلانما
200
يازما
152

makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-9-7 16:18:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بەك ئالدىراش، مۇزىكا ئىشلەشكىمۇ تۈزۈك ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن، باشلاپ قويغىلى بىر ئايدىن ئاشقان بىر مۇزىكا بار ئىدى، ئىشلەشكە تۈزۈك ۋاقىت چىقىرالمىغان.
تۈنۆگۈن قەتئىي غەيرەتكە كېلىپ كىچىچە ئولتۇرۇپ پۈتتۈرىۋەتتىم، تۈنۆگۈن سائەت چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە قېلىپ قالغان يەردىن باشلىغان مانا ھازىر ئەمدى تۈگىدى.
ھەم ئۇيقۇسىزلىق ھەم ئالدىراشچىلىقتا بەزى يەرلەرنى ياخشى تەڭشىيەلمىدىم، ھەم خوشياقمىدى.

يەنە بىرسىگە مۇزىكىنىڭ مېلودىيە كىرمىگەن يەرلىرىنى ھەجەپ بوش قاپتۇ دىمەڭلار، ئۇ يەرلەر دېسكو ناخشىسى ئۈچۈن.
كېيىن راۋۇرۇس ئولتۇرۇپ ئۆزەم بىر قوللۇق ناخشا ئېيتىۋېتىمەن.

ئەمدى مۇزىكىغا كەلسەك، مەن تولىراق دېسكو مۇزىكىسى ئىشلەيدىغانلىقىم ئۈچۈن بۇمۇ بىر دېسكو.

FL Studio 8 دە ئىشلىدىم.
ئىشلەتكەن ئاۋاز تۈسى ۋە ئۈنۈمچۈكلەر:
ReFX  Nexus نىڭ 1.4.1 نۇسخىسى ( مۇزىكىنىڭ ئاساسلىق قىسىمىدا مۇشۇنى ئىشلەتتىم، ئېلېكترونلۇق رويال ئاۋازلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇنىڭدا چالدىم)
Spectrasonics Atmosphere ( مۇزىكىنىڭ 01:35 يېرىدە كىرىپ 01:50 دە تۈگىگەن ئىسپرىپكىغا ئوخشاش ئاۋازنى مۇشۇنىڭدا چالدىم. ئۇنداق ئاۋازنى ئىنگىلىزچە Pad دەيدۇ ئۇيغۇرچىسى نىمە؟)
FL نىڭ ئۆزىدىكى Sytrus نى ئۇششاق-چۈششەك يەرلەرگە ئىشلەتتىم.

ئۈنۈمچۈكلەر بولسا يەنە FL نىڭ ئۆزىدىكى ئۈنۈمچۈكلەر بىلەن Wave Arts, Nomad Factory Blue Tubes, Waves API, Waves Mercury Bundle قاتارلىقلارنى بىللە ئىشلەتتىم.

ئەمىسە ناخشا كەتتى، ياڭراتقۇنى تازا يوغان ئېچىپ ئاڭلايدىغان مۇزىكا بۇ:


چۈشۈرۈش ئادرىسى:

http://www.qupan.com/200808/dj.mardan@gmail.com/40472.mp3

[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى sama0995 ، ۋاقتى: 2008-9-9 19:44  ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
38 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-8
تىزىملاتقان
2008-5-1
نادىر
4
جۇغلانما
200
يازما
152

makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-9-7 16:58:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناخشا يوللاش نىمانداق تەس، ماكان ئەپەندى خاپا بولماي چىقىدىغان قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2280
پۇل
2996
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2280
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-9-7 22:30:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۈشۈرۈپ ئاڭلىدىم ،رەخمەت~~~~~~ئۆزىمىزنىڭ بوشلىغىغا  يۆتكەپ قوياي(خۇدايىم بۇيرىسا ئەزالارنىڭ ناخشىلىرىنى مۇقۇم بوشلۇققا يوللايمىز)

Rank: 1

توردا
9 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2008-9-7
تىزىملاتقان
2008-5-22
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
9
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-7 23:40:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن   ياخشى  چىقىپتۇ    ئادەتىكى   دج  لادىنمۇ    ياخشى   چىقىپتۇ   .
جايىمدا  ئولتىرالماي قالدىم

Rank: 8Rank: 8

توردا
38 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-8
تىزىملاتقان
2008-5-1
نادىر
4
جۇغلانما
200
يازما
152

makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-9-8 17:58:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئەتتىگەن قوپۇپ سەگەك كاللا بىلەن ئاڭلاپ ئۈنۈملەشتۈرۈشتە يەنە بەزى خاتا يەرلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم. ئۇدار بىلەن باسنى كۈچلۈك ئۇرىدىغان قىلىپ تەڭشىگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ ئىككىسىنىڭ چاستوتىسى باشقا جىق نەرسىنىڭ چاستوتىسى بىلەن تاقىشىپ قېلىپ باشقا ئاۋازلارنى بېسىۋالغان ئىدى. تولا تەڭشەپ يۈرۈپ ئاخىرى بولدى دەپ ئويلىسام دېققىتىمدىن چۈشۈپ قالغان يەرلەر يەنە باركەن. مەسىلەن قۇلاقنىڭ ئارقا پەس تەرىپىدە چالىدىغان قىلىپ تەڭشىگەن Cymbal ئاۋازى بەكلا ئېنىق چىقىپ قاپتۇ ۋە ياڭرىتىش ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولماپتۇ.

مۇزىكىنىڭ بېشىدا چالىدىغان مېلودىيە ئۇدارنىڭ ئۈستىدە خۇددى ھاۋادا ئېسىلىپ قالغاندەك چىقىپ مۇزىكىنىڭ سۈرئىتى ئاستىدەك تۇيغۇ بېرىدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. ئەسلىدە مەن ئۇدار ئەڭ ئۈستىدە باس دەل ئوتتۇرىدا زىل ئاۋازلار ھەممە يەردە چىقىدىغان قىلىپ، مېلودىيەنى بولسا ئۇدار بىلەن باسنىڭ دەل ئوتتۇرىدا 7 گرادۇس ئوڭدىن چېلىپ 15 گرادۇس سولدىن ياڭرايدىغان قىلىپ تەڭشىگەن ئىدىم. ئەمما يەنىلا ياخشى تەڭشىيەلمەپتىمەن. مېلودىيە ئۇدارنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ ئوتتۇرىسى يەنىلا بوش قاپتۇ، ئاۋازلار بىر-بىرسى بىلەن دىگەندەك ياخشى پۈتۈنلەشمەپتۇ.

بەزى يەرلەردە Filter ئۈنۈمىنى ياخشى قىلالماپتىمەن. ئەسلىدە ئەڭ جىق ئېيتىشقان نەرسەم مۇشۇ Filter ئۈنۈمى ئىدى. ماكان ئەپەندى ۋە باشقا تورداشلار مۇشۇ ئۈنۈمچۈك توغرىسىدا بىلگەنلىرىڭلارنى ئايىماي يازغان بولساڭلار بەك ياخشى بۇلاتتى. ( ئاۋازنى تۇتۇق ۋە يىراقتىن باشلاپ باشلاپ ئاستا-ئاستا ئېنىق ۋە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئۈنۈم شۇ )  

ئۆزەمنىڭ مۇزىكىسىنى ئۆزەم باھالاپ مۇشۇنچىلىك خاتا تاپتىم، ئۇستا قۇلاقلار قېنى نەدە سىلەر؟ ياخشى بوپتۇ دەپلا قويماي ماندا ئادىل باھالاپ باقساڭلار بۇلاتتى. چۈنكى بۇ مۇزىكىنى بىر شېركەتكە يوللاشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
205 سائەت
شۆھرەت
237
پۇل
381
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2008-7-7
نادىر
1
جۇغلانما
237
يازما
353

Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-9-9 09:30:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7گىرادۇس ئوڭدىن چېلىپ 15گىرادۇس سولدىن ياڭرايدىغان دەھشەت ~مەن ئادەتتە تەخمىنەنلا گىرادۇس ئۇقۇمىنى قوللىناتتىم ،بەك ھەيران قالدىم بۇنداق ئېنىقلىقىغا

Rank: 8Rank: 8

توردا
205 سائەت
شۆھرەت
237
پۇل
381
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2008-7-7
نادىر
1
جۇغلانما
237
يازما
353

Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-9-9 09:39:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ،بايا چۈشۈرۋاتقان ،چۈشۈپمۇ بولدى ،ئەتىگەندە باشقىچە روھلۇق بوپقالدىم بۇنى ئاڭلاپ

Rank: 8Rank: 8

توردا
205 سائەت
شۆھرەت
237
پۇل
381
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2008-7-7
نادىر
1
جۇغلانما
237
يازما
353

Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-9-9 09:47:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىر يۇيۇۋاتقاچ ئاڭلاپ ھېس قىلغىنىم :nexusنىڭ بەزى ئاۋاز قىسمى ،باس،چىكچىك سەل يۇقىرى بولۇپ قاپتۇ،BASS DRUUMئازراق ئاجىز ،سەل ئۇزۇن ئاڭلىسا چىكچىك سەل قۇلاققا تىپىدىكەن ،بۇ مىنىڭ شەخسەن پىكىرىم .

Rank: 8Rank: 8

توردا
38 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-8
تىزىملاتقان
2008-5-1
نادىر
4
جۇغلانما
200
يازما
152

makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-9-9 18:38:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا خاتالىرىنى تېپىش ئۈچۈن سەي قورىغاچ ئاڭلاپ باقىدىغان ئىشمىكىن    .

يارايسىز جۇمۇ، مەنمۇ سىز دىگەن يەرلەرنى باشقا بىر نەچچە ياخشى تەڭشەلمىگەن يەرنى ھىس قىلغان ئىدىم. باسنى ئەسلىدە ئازراق زىلراق قىلىپ تەڭشىمەكچىتىم ئەمما ئاڭلىغاندا پۈتۈن بىنانى تىترەتسۇن دەپ قېلىن تومراق قىلغان. BASS DRUUM دىگىنىڭىزدەك يەنە ئازراق خام، خۇدايىم بۇيرۇسا بىر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ ئولتۇرۇپ مىكىسنى قايتا قىلىمەن.

مۇشۇ مۇزىكىغا ماس كەلتۈرۈپ بىر ئۇيغۇرچە دېسكو ناخشا تېكىستى يېزىپ بېرەلەيدىغانلار بارمۇ؟

Rank: 1

توردا
116 سائەت
شۆھرەت
20
پۇل
2
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-1
تىزىملاتقان
2008-5-6
نادىر
0
جۇغلانما
20
يازما
184
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-11 10:34:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتىمەنىڭ كۆينەكى،
70يەردە ياماقى .
ياماي دىسەم ياماق يۇق ،
چىگىپ كىيگەن پاتىمەم.

ئوكەي ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،بولدىمۇ يا ،،،،،،،،،،ھا ھا ھا

چاقچاق ھە ،
مەنمۇ قارشىمنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپ باقاي ، بېشىدىكى باشلىنىش شۇخ باشلانسا بوپتىكەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-13 11:51 , Processed in 0.321823 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش