- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-8
- توردا
- 38 سائەت
- شۆھرەت
- 200
- پۇل
- 0
- تىزىملاتقان
- 2008-5-1
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 152
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 200
- UID
- 80
 
- توردا
- 38 سائەت
- شۆھرەت
- 200
- پۇل
- 0
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-8
- تىزىملاتقان
- 2008-5-1
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 200
- يازما
- 152
|
نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بەك ئالدىراش، مۇزىكا ئىشلەشكىمۇ تۈزۈك ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن، باشلاپ قويغىلى بىر ئايدىن ئاشقان بىر مۇزىكا بار ئىدى، ئىشلەشكە تۈزۈك ۋاقىت چىقىرالمىغان.
تۈنۆگۈن قەتئىي غەيرەتكە كېلىپ كىچىچە ئولتۇرۇپ پۈتتۈرىۋەتتىم، تۈنۆگۈن سائەت چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە قېلىپ قالغان يەردىن باشلىغان مانا ھازىر ئەمدى تۈگىدى.
ھەم ئۇيقۇسىزلىق ھەم ئالدىراشچىلىقتا بەزى يەرلەرنى ياخشى تەڭشىيەلمىدىم، ھەم خوشياقمىدى.
يەنە بىرسىگە مۇزىكىنىڭ مېلودىيە كىرمىگەن يەرلىرىنى ھەجەپ بوش قاپتۇ دىمەڭلار، ئۇ يەرلەر دېسكو ناخشىسى ئۈچۈن.
كېيىن راۋۇرۇس ئولتۇرۇپ ئۆزەم بىر قوللۇق ناخشا ئېيتىۋېتىمەن.
ئەمدى مۇزىكىغا كەلسەك، مەن تولىراق دېسكو مۇزىكىسى ئىشلەيدىغانلىقىم ئۈچۈن بۇمۇ بىر دېسكو.
FL Studio 8 دە ئىشلىدىم.
ئىشلەتكەن ئاۋاز تۈسى ۋە ئۈنۈمچۈكلەر:
ReFX Nexus نىڭ 1.4.1 نۇسخىسى ( مۇزىكىنىڭ ئاساسلىق قىسىمىدا مۇشۇنى ئىشلەتتىم، ئېلېكترونلۇق رويال ئاۋازلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇنىڭدا چالدىم)
Spectrasonics Atmosphere ( مۇزىكىنىڭ 01:35 يېرىدە كىرىپ 01:50 دە تۈگىگەن ئىسپرىپكىغا ئوخشاش ئاۋازنى مۇشۇنىڭدا چالدىم. ئۇنداق ئاۋازنى ئىنگىلىزچە Pad دەيدۇ ئۇيغۇرچىسى نىمە؟)
FL نىڭ ئۆزىدىكى Sytrus نى ئۇششاق-چۈششەك يەرلەرگە ئىشلەتتىم.
ئۈنۈمچۈكلەر بولسا يەنە FL نىڭ ئۆزىدىكى ئۈنۈمچۈكلەر بىلەن Wave Arts, Nomad Factory Blue Tubes, Waves API, Waves Mercury Bundle قاتارلىقلارنى بىللە ئىشلەتتىم.
ئەمىسە ناخشا كەتتى، ياڭراتقۇنى تازا يوغان ئېچىپ ئاڭلايدىغان مۇزىكا بۇ:
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://www.qupan.com/200808/dj.mardan@gmail.com/40472.mp3
[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى sama0995 ، ۋاقتى: 2008-9-9 19:44 ] |
|