- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-29
- توردا
- 0 سائەت
- شۆھرەت
- 94
- پۇل
- 239
- تىزىملاتقان
- 2011-10-21
- ھوقۇقى
- 20
- يازما
- 42
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 94
- UID
- 1759

- توردا
- 0 سائەت
- شۆھرەت
- 94
- پۇل
- 239
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-29
- تىزىملاتقان
- 2011-10-21
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 94
- يازما
- 42
|
رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيەتلىرى
‹ناخشا تېكىستلىرى›
كۈلەلمەپتۇ يايرىم توي قىلىپ
ئەسلى بىر جۈپ ئاشىقلار ئىدۇق،
چىن سۆيگۈمىز ۋاپادار ئىدۇق.
كۆرەلمىگەچ ئاشۇ نامەرىتلەر،
قان يىغلىشىپ ئايرىلغان ئىدۇق.
كۈلەلمەپتۇ يايرىم توي قىلىپ،
ئۆزگە ئۆيگە كىلىن بوپ كىرىپ.
خارلىنىپتۇ بەخىت كۆتكەندىن،
بۇ يۇرەكنى لەختە قان قىلىپ.
كۈلەلمەپتۇ يايرىم توي قىلىپ،
نېمە كۈتكەن نامەرىتلەر تىڭىپ.
غازاڭ قىلىپ ياشلىق گۈلىنى،
مۇرادىغا يەتتىمۇ كۈلۈپ.
كۈلەلمەپتۇ يايرىم توي قىلىپ،
ئازابىمغا ئازاپنى قىتىپ.
بۇ تەغدىرنىڭ نېمە قىلغىنى،
ئاز كەلگەندەك قىلغىنى غىرىپ.
سىغىندىم
بولساڭمۇ يىراق يىراقتا يايرىم،
ھەر كۈن سەن بىلەن بىرگە خىيالىم.
يۇلۇڭغا قاراپ كۈتەرمەن دائىم،
سىغىندىم كەلگىن دىدارلاشقىنى.
ھەمرا يالغۇزلۇق سىنىڭسىز كۈندە،
ھىجرانلىق ئازاپ قىينايدۇ تۈندە.
مىنڭ شاتلىقىم باھارىم سەندە،
سىغىندىم كەلگىن دىدارلاشقىنى.
بەرگەن سۈرىتىڭ كەلگەن خەتلىرىڭ،
بولالماس دىدار كىرگەن چۆشلىرىڭ.
دەردىمگە دەرمان دىدارىڭ سىنڭ،
سىغىندىم كەلگىن دىدارلاشقىنى.
ئازغان يار
كۈيۈپ قاپسەن مەندىن باشقىغا،
شۇ كۈڭلىگە ئەمەس پۇلىغا.
قانداق كۈڭۈل سەندىكى ئەمدى،
سۇراپ باقاي سەندىن بىۋاپا.
[
سىنڭ كۈڭلۈڭ پۇلغا ئاشىقمۇ؟
ياكى ئۆزۈڭ شۇنچىلىك پەسمۇ؟
پۇل بولمىسا بەخىتلىك بولماق،
شۇ كۈڭلىڭدە سىنىڭچە تەسمۇ؟
پۇشايمان يوق ئايرىلىپ كەتسەڭ،
كۈلۈپ كەتمە تۆت كۈنلۈك كۈلكەڭ.
كىم يار دەيدۇ پۇلغا كۈيگەننى،
پۇشايمىنى ئۆزۈڭگە بىلسەڭ.
رەنجىدىڭمۇ؟
رەنجىدىڭمۇ مەندىن شۇنچىلىك،
شۇ كەتكەنچە كەلمىدىڭ يايرىم.
سەنسىز كۈنلەر ئۆتتى ھەسرەتلىك،
چۈنكى بولغاچ سەن مىنڭ بارىم.
رەنجىدىڭمۇ مەندىن شۇنچىلىك،
يا، دىدىڭمۇ ئۆلسۇن دەپ تىرىك.
ئۇنتالمىغاچ سىنى قىلچىلىك،
يۆرەك كۈندە ئەلەمگە غەرىق.
رەنجىدىڭمۇ مەندىن شۇنچىلىك،
ئايلار ئۆتتى غىرىپلىق بىسىپ.
يەنە كۈتەي سىنى قانچىلىك،
يا، كەلمەسكە قالغانمۇ كىتىپ.
رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن.
چ چ: 449743158
رۇستەم قاراسۇ
2011.11.ئاتۇش |
|