- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-29
- توردا
- 0 سائەت
- شۆھرەت
- 94
- پۇل
- 239
- تىزىملاتقان
- 2011-10-21
- ھوقۇقى
- 20
- يازما
- 42
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 94
- UID
- 1759

- توردا
- 0 سائەت
- شۆھرەت
- 94
- پۇل
- 239
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-29
- تىزىملاتقان
- 2011-10-21
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 94
- يازما
- 42
|
رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
ناخشا تىكىسلېرى
بەخىت تىلەش
مەن ئۆلمىدىم لىكىن قىينالدىم،
سەندىن كەلگەن ئاشۇ دەتلەرگە.
نەپرەتلەنمەي كۈلەر ھەم ئىدىم،
يەتسەڭ ئەگەر كۆتكەن بەختىڭگە.
مەھرۇم قالسام سۆيگۈڭدىن مەيلى،
مەھرۇم قىلماي سىنى بەختىڭدىن.
تاپالىساڭ ۋاپادار جۆپنى،
سۆيمىسەڭمۇ رازى مەن سەندىن.
ئۆز يارىنىڭ بەختىنى كۈرۈش،
ئاشىق ئۆچۈن بەخىت شۇ ئۆزى.
سۆيەلمىسە ھەسەت قىپ قىلىش،
چىدىماسنىڭ نامەرىتنىڭ ئىشى.
يالغانچىنڭ يارى بولمايدۇ
يالغانچىنڭ يارى بولمايدۇ،
كۆيمىسمۇ يارىم سەن دەيدۇ.
ئىشەنگەنلەر نادان يا ئەخمەق،
ئىسىت دەيدۇ باشتا بىلمەيدۇ.
كىلەلمىسە سەۋەپ كۈرسىتىپ،
ئىشەنمىسەڭ قەسەملەر ئىچىپ.
چاندۇرمايدۇ تۈلكە خۇيىنى،
يەنە تىخى بىرەي دەپ ئۈلۈپ.
يالغانچىلار سۆزدە تۇرمايدۇ،
چىن كۈڭلىدىن ۋەدە بەرمەيدۇ.
سەن كۆيسەڭمۇ چىن دىلدىن ئاڭا،
شۇ سۆيگۈڭدىن نەپنى كۆزلەيدۇ.
يالغانچىنىڭ يارى بولماڭلار،
يالغان سۆزگە ئاشىق بولماڭلار.
يالغانچىدىن چىقمايدۇ راس گەپ،
يالغانچىدىن سۆيگۈ سورماڭلار.
نەزەر سالغىن
ئەسىر قىلدىڭ مىنى ئۆزۈڭگە،
شەھلا كۆزۈڭ ئايدەك يۆزۈڭگە.
ئىتىپ بىرەر سۆيگۈمنى ساڭا،
نەزەر سالغىن ئوتلۇق كۆزۈمگە.
كىچە كۈندۈز خىيالىم سەندە،
چىن سۆيگۈ بار چۆشەنسەڭ مەندە.
نەزەر سالغىن ھەر بىر كۈيۈمدە،
تەشنادۇرمەن سۆيگۈڭگە شۇنچە.
خىسلەتلىرىڭ يۇقتۇر ئۆزگىدە،
شەرمى ھايا شاھ سەن تەختىدە.
ئاشىق بولدۇم قەلبىڭگە گۈزەل،
نەزەر سالغىن كۆيگەن يۇرەككە.
سارغايدىم
سارغايساممۇ سارغايدىم بەلكىم،
چۈنكى ياردىن ئايرىلىپ قالدىم.
مازەك قىلىپ كۆلمەڭلار دوسلار،
ئۆزى بىلەر دەردىنى ھەر كېم.
يايرىم بولدى باشقىغا نىسىپ،
ماڭا قالدى يالغۇزلۇق غىرىپ.
كاج ئوخشايدۇ تەغدىر قىسمىتىم،
سارغايدىم مەن چىن دىلدىن سۆيۈپ.
سارغايمىسام بولمامدىم نامەرىت،
ئۆز بەختىمگە كەلسە شۇ كۆلپەت.
سارغايساممۇ سارغىياي يالغۇز،
سارغايمىسۇن يار بولۇپ ئۆلپەت.
رۇخسەتسىز كۈچۈرۈشكە ئىشلىتشكە بولمايدۇ
رۇستەم قاراسۇ
2011.11.ئاتۇش 13031342141
چ چ449743158 |
|