ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 269 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 375|ئىنكاس: 15

مۇزىكا ماستىرلاشتىكى مەخپىيەتلىگىم!2 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
30 سائەت
شۆھرەت
131
پۇل
427
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-20
تىزىملاتقان
2011-9-4
نادىر
3
جۇغلانما
131
يازما
82
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 01:41:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەزىز دوسلار؟ ماقالەمنى باشلاشتىن بۇرۇن سىلەرگە كىچىككىنە بىر كۆڭۈل سوۋغىسى تەييارلىدىم،گەرچە بۇ سوۋغام قارىماققا مۇزىكا ماستىرلاش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوقتەك بىلىنىدۇ،ئەمما دوسلىرىمىز بىز مەيلى قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنايلى،شۇ كەسپىمىز تۇرمۇش بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ.مەيلى كەسىپتە بولسۇن ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن بىز ئۆلچەمدىن،پىرىنسىپتىن ئايرىلالمايمىز،ئەمسە بىز بۇنى قانداق بىلىشىمىز ھەم قانداق چۈشۈنىشىمىز كىرەك ؟بۇ ھىكايە بىزگە بەزىبىر بىز ئاسان ھىس قىلالمايدىغان ئىشلار ئۈستىدە تەلىم بىرىدۇ.
مىنىڭ دوسلىرىمىزغا ماستىرغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەرگىزمۇ ئۆلۈك ئۇسۇلدا دىگۈم يوق،چۈنكى بۇنداق قىلىشنىڭ سىزنىڭ كىيىنكى خىزمەتلىرىڭىزگە ھىچقانچە كۆپ ئۈنۈمى بولمايدۇ،مەن كۆپىرەك دوسلىرىمىزنى ئۆزىنىڭ تەپەككۈر شەكلى ئارقىلىق مىنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىمنى ھىس قىلسۇن دىمەكچىمەن،چۈنكى بىز مەيلى قانداق كاتتا شەخىس بولايلى ياكى ئادەتتىكى ئادەم  بولۇپ كىتەيلى ،بىز يەنىلا  ئىنسانمىز!بىز ھەممىمىز چوقۇم ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا گاڭگىراپ قالماسلىقىمىز،باتۇرلۇق بىلەن تەقدىر كېيمەمىزنىڭ رولىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتىشىمىز كىرەك،شۇنى ئەستە ساقلىشىمىز لازىمكى زىمىستاندىن كىيىن چوقۇم ئىللىق باھار يىتىپ كىلىدۇ!!!                                       ( ھايات مۇساپىسىدە )  ھىكايە                  
بىر ياش بىر ئۇستازدىن جاھاندارچىلىقنىڭ يوللىرى ھەققىدە تەلىم بىرىشنى سوراپتۇ،ئۇستاز ئۇنىڭغا مۇنداق ئۈچ ھىكايىنى سۆزلەپ بىرىپتۇ.
بىرىنچى ھىكايە؛ ئىككى قاۋۇل ياش بولغانكەن،بىرى نادان،بىرى تادانكەن.ئىككەيلەن بۇيرۇققا بىنائەن ئوخشاش بىر يەردىن سۇ ئىزدەپ قۇدۇق قىزىشقا باشلاپتۇ،ئىككى مىتىرچە كولىسىمۇ سۇ كۆرۈنمەپتۇ.نادان داۋاملىق شۇ يەرنى چوڭقۇرلاپ كولاۋېرىپتۇ،تادان بولسا باشقا بىر يەرگە يۆتكىلىپ يىڭىدىن سۇ مەنبەسى ئىزدەپتۇ.نادان توختىماي داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاخىر سۇ مەنبەسىنى تىپىپتۇ،ئەمما توختىماي يەر ئالماشتۇرغان تادان ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەپتۇ.
يىگىت بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن،بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك،بىشىنى لىڭشىتىپ؛
-ئادەم بولۇشتا چوقۇم بىر ئىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك ئىكەن،كىپىنەكتەك شاختىن-شاخقا قونۇپ يۈرسە،بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدىكەن،-دەپتۇ.
ئۇستاز كۈلۈپلا قويۇپتۇ.
ئىككىنچى ھېكايە؛ يەنىلا شۇ ئىككى يىگىت، تادان نۇرغۇن قېتىملىق تەۋەككۈل قىلىشتىن كىيىن،ئاخىر بىر يەردىن سۇ مەنبەسىنى بايقاپتۇ.ئەمما نادان بىر جايدىن يۆتكەلمەي ،شۇنچە باش چۆكۈرۈپ كولىغىنى بىلەن،زادىلا سۇ چىقماپتۇ.
-بۇ؟-يىگىت سەل تېڭىرقاپ قاپتۇ،-مىنىڭچە بۇ دېگەنلىك،ئادەم توختىماي تەجىرىبە يەكۈنلەپ تۇرۇشى،ئۆزىنىڭ ياشاش مۇھىتىغا ئەڭ ماس كىلىدىغان ئۇسۇلنى توختىماي ئىزدىشى،ئۆلۈك ھالدا بىر ئۇسۇلغا ئېسلىۋالماسلىقى ،قايمۇقۇپ يۈرىۋەرمەسلىكى لازىم،دېگەنلىك بولسا كىرەك.
ئۇستازى يەنىلا مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپتۇ.
ئۈچىنچى ھېكايە؛ گەرچە ئۇ ئىككىيلەن ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ، نادان قانچە چوڭقۇر قازسىمۇ،تادان قانچىلىغان ئورۇنغا يۆتكەلسىمۇ،ھەر ئىككىلىسى سۇ مەنبەسىنى تاپالماپتۇ.
-نېمىشقا؟-يىگىت گاڭگىراپ قاپتۇ،-ئۇنداقتا ئادەم بولۇشتا ھېچقانداق ئۆلچەم يوقمۇ؟
-چۈنكى ئۇ يەردە ئەسلا سۇ يوق ئىكەن،- دەپتۇ ئۇستاز تەمكىنلىك بىلەن،-ئەمىلىيەتتە ئادەم بولماقمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ،تۇرمۇشتا ئۆزگەرمەيدىغان پىرىنسىپ بولمايدۇ،ھەممىنى ئۆزىگە تايىنىپ بىلىش ۋە چۈشىنىش كىرەك.     ھېكايە تامام!
ئەمدى ئەزىز دوسلىرىمىز دىققىتىمىزنى رەسمى ئىشىمىزغا قارىتايلى!!!
مەن ئادەتتە تولۇق چىلىنىپ بولغان ھەم waveگە ئايلاندۇرۇپ بولغان مۇزىكامنى 1-قەدەمدە پۈتۈن يولدىكى ئاۋازلارنى normalizeقىلىپ چىقىمەن،ئەگەر بۇنداق قىلمىساق waveئاۋازلارنىڭ بەزىسى بەكىرەك كۈچلۇك،بەزىسى ئاجىزراق بولۇپ قىلىپ ئۈنۈملەشكە قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كىلىشى مومكىن. ئەمسە سىزnormalizeنى قانداق قىلىدۇ ؟-دەپ سورىسىڭىز.
قىلىش ئۇسۇلى مۇنداق؛
Nuendo ياكىCubase نىڭ تىزىملىگىدىكى audioنى چىكىمىز ئاندىن چىققان تىزىملىكلەر ئىچىدىكىnormalizeنى تاللايمىز،ئاندىن Processكونۇپكىسىنى چەكسەكلا بولىدۇ.  ئەسكەرتىش ؛ بۇنى قىلغاندا قىلماقچى بولغان ئاۋازىمىز چوقۇم بىر چىكىگلىك ھالەتتە بولۇشى كېرەك.2- قەدەمدە مەن، پۈتۈن يولدىكى ئاۋازلارنى 调音台mixerدىن مىنوس -12چۈشۈرىۋىتىپ ئاندىن تەڭشەشنى باشلايمەن.نىمىشقا دىگەندە بۇنداق قىلغاندا بەزى ئاۋازلارنى كۆتۈرۈپ چۈشۈرگەندە ئىمكانىيەت چوڭىراق قالىدۇ،مەسلەن ؛ناخشا ئاۋازى دىگەندەك يوللار ئالدىراپ نورمال چەكتىن ئېشىپ كىتىش失真بولۇپ كەتمەيدۇ!
ھەم كىيىنكى ئۈنۈملەش ھەم ماستىر قىلىشقا چوڭىراق ئىمكانىيەت قالىدۇ.
3- قەدەمدە مۇزىكىنى قايتا-قايتا ئاڭلاش ئارقىلىق سازچىلارنىڭ ئورنىنى بەلگىلەيمەن.
بۇ نىمە دىگەنلىك؟ دىسىڭىز،مەسلەن؛ سىز ئۆزىڭىزنى بىر تاماشىبىن دەپ تەسەۋۇر قىلسىىز ھەم سەھنىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئوتتۇرىسىدا تۇرغان بولسىىز .سەھنىدە دۇمباقچى قايسى ئۇرۇندا،رويالچى قايسى ئورۇندا،گىتتارچى قايسى ئورۇندا تۇرىدۇ،يەنە ناخشىچى قايسى ئورۇندا تۇرىدۇ شۇنى بەلگىلەيسىز دىگەنلىك.
سازچىلارنىڭ ئورنىنى بىكىتىش ئىنتايىن مۇھىم ،بەكلا ئۇدۇلىغا ياكى بەكلا چىچىلىپ كىتىشىگە بولمايدۇ.بۇنىڭ مۇقىم بىر تىزىش ئۇسۇلى يوق ،ھەركىم ئۆز مۇزىكىسىغا قارىتا تىزسسا بولىدۇ.
ئەمسە سىز -ئۇدۇل تەرەپكە ،ئوڭغا ياكى سولغا،يەنە ياكى قىيپاش ئۇدۇلىغا تىزسساقلا بولامدۇ دەپ سورىشىڭىز مومكىن.
مىنىڭ جاۋابىم شۇكى؛- بولىدۇ ،بىراق بۇ يەنىلا يەتمەيدۇ!
نىمىشقا يەتمەيدۇ؟ دەپ سورىشىڭىز مومكىن.چۈنكى دوسلىرىمىزغا مەلۇملۇق ھازىرقى مۇزىكىلار بۇرۇنقى چەكلىك ھالەتتىن زور دەرجىدە ھالقىپ كەتتى. چەكلىك ھالەت دىگىنىمىز ؛بۇرۇنقى مۇزىكىلاردا سازلار ئىنتايىن چەكلىك ئاز ئىشلىتىلەتتى،مەسلەن؛بىر دۇمباق،باس گىتتار،ئېلىكتىرونلۇق گىتتار،ياكى قاپاق گىتتار،رويال،دىگەندەك.قالغان قىسمى بولسا ناخشا ئاۋازى،ئاكورت ئاۋازى دىگەندەك.ئاندا -مۇندا بىرەر تال مىللىي مۇزىكا قوشۇلاتتى. بۇ سازچىلارنى تىزىش بىر قەدەر ئاسان ئىدى ،ئادەتتىكى سەھنە ئۇقۇمى بويىچىلا تىزىلاتتى.
ئەمما ھازىرقى مۇزىكىلار گەرچە گارمونىيە جەھەتتىن ئاددىيلىققا قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ(بۇ دىگەنلىك بۇرۇنقى ناخشىلاردا تۇتىدىغان چالىدىغان ئاكورتىمىز بەك كۆپتى،دوسلىرىمىز ئىمكانىيەت بولسا مەخمۇت سۇلايمان ئاكىمىز ۋە غېنى سەلەي ئاكىمىزنىڭ شۇ دەۋىردىكى ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ باقسا بولىدۇ. ئەمما ھازىر ئاكورتنى ئاز ۋە ساز تۇتۇش ئەۋىج ئالدى ،مەسلەن؛مۆمۈنجاننىڭ مۇزىكىلىرى،ۋە باجىلەر گوروھى قاتارلىق بارلىق ئۆزبىك-ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ناخشا-مۇزىكىسى،كۆپ بولسا 4ئاكورت بىلەن،ئادەتتىكىلىرىنىڭ ھەممىسى 3لا ئاكورت چىلىش بىلەن پۈتكەن.يەنى تۈپ ئاكورت، تۆۋەن مەنسۈپ ئاكورت،مەنسۈپ ئاكورت دىگەندەك. مەن بۇ يەردە بۇ ئاكورتلارنى ئىشلىتىش توغرىسىدا توختالمايمەن،چۈنكى تىمىدىن سەل چەتنەپ كىتىمىز.ئاكورتقا قىزىققۇچىلار جاۋاپنى مۇزىكا نەزىرىيەسى ،مۇزىكا گارمونىيەسى دىگەندەك كىتاپ ماتىرىياللاردىن ئىزدىسەڭلار بولىدۇ!) ،بىراق سازلارنىڭ ئىشلىتىلىش چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلاندى،ھەم سازلار كۆپىرەك چىلىنىدىغان رەڭگارەڭ بولۇپ كەتتى.شۇڭا ناخشا مۇزىكىنى ئۈنۈملىگەندىمۇ بۇرۇنقىدەك سازلارنى سەھنىنىڭ ئۇدۇلىغا،ئوڭغا،ياكى سولغا دىگەندەك تىزىشلار تەلىۋىمىزنى قاندۇرالمىدى. ئەمسە بۇنچە كۆپ سازچىلارنى سەھنىگە  قىستاڭچىلىق قىلماي ئورۇنلاشتۇرغىلى بولامدۇ؟
جاۋابىم شۇكى؛تامامەن بولىدۇ،قانداق بولىدۇ؟ بىز نىمىشقا سەھنىنى ھەرخىل ئاماللار ئارقىلىق كېڭەيىتمەيمىز؟مەسلەن؛مەن بىر تاماشىبىن ،مىنىڭ ئالدىمدا بىر سەھنە بار ،ئارقامدا يەنە بىر سەھنە بار ،ئالدىمدىكى سەھنىدە 10سازچى چىلىۋاتىدۇ،ئارقامدىكى سەھنىدە يەنە 10 سازچى چىلىۋاتىدۇ،مەن ھەممە سازلارنى ئوچۇق ئاڭلىدىم ھەم ناخشا تېكىستىنىمۇ ئوچۇق ئاڭلىدىم.مايكول جېكسون، ئېنرىكى،مۆمۈنجان،ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىقلارنىڭ ناخشىلىرى ئاساسەن مۇشۇ پىرىنسىپ بويىنچە ئۈنۈملەنگەن.
بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساق بىز يەتمەكچى بولغان ئۈنۈمگە دەسلەپكى قەدەمدە ئىرىشەلەيمىز. ئەلۋەتتە بەزىدە ياخشى ئۈنۈم يارىتالماسلىقىمىز مۇ مومكىن.
بۇ ئۈنۈمنى قانداق قىلغاندا ئەمەلگە ئاشۇرغىنى بولىىدىغانلىقى ھەققىدە كىيىنكى ماقالەمدە ئۆزۈمنىڭ كۆچۈم يەتكەنچە دوسلىرىمىزغا سوزلەپ بىرىمەن،ھەم دوسلىرىمىزنىڭمۇ مۇشۇ توغرىسىدا ئىزدىنىپ بىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،چۈنكى مەن بۇنى داۋاملىق مۇزىكا ئاڭلاش ۋە تەپەككۈر قىلىش ئارقىلىق ھېس قىلغانمەن،مىنىڭ دىگەنلىرىمنىڭ 100پىرسەنت توغرا بولۇشى ناتايىن،چۈنكى بۇ بىر دىمەككە ئاسان، ئۈنۈمىگە يىتىش تەس ئىشتۇر!دوسلىرىمىزنىڭ ئايەم كۈنلىرى خوشال ئۆتكەي!
دوسلىرىمىزغا ئاخىرىدا ئەسكەرتىدىغىنىم؛خوشاللىقتىن بەھرىمەن بولغىنىڭىزدا مەغرۇرلىنىپ كەتمەڭ،خۇدۇڭىزنى يوقاتماڭ.روھىي جەھەتتە ئورۇنسىز ئازاپلانغاندا ئۈمۈتسىزلەنمەڭ،دۇنيادىكى ھەممە ئىشلار ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ،تۇرمۇش يولىڭىزغا توغرا پوزىتسىيە تۇتۇڭ! كىيىنكى قىتىمدا ئاللاخالىسا سۈرئەتلىك قىلىپ يوللايمەن!!!!

ئاللاغا ئامانەت دوسلار،ئاللا خالىسا يەنە كۆرۈشىمىز!!!
دۇنيادىن ھامان بىر كۈنى كىتىمىز،،،،،،

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1936 سائەت
شۆھرەت
1997
پۇل
2461
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
1997
يازما
2555

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 13:29:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!ئىسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەيىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1936 سائەت
شۆھرەت
1997
پۇل
2461
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
1997
يازما
2555

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 13:31:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!ئىسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەيىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

Rank: 3Rank: 3

توردا
165 سائەت
شۆھرەت
365
پۇل
1353
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-26
تىزىملاتقان
2009-5-10
نادىر
0
جۇغلانما
365
يازما
456
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 13:37:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىليارجان سىزدە تالانىت دىگەن 7.59كىلو بار جۇمۇ ،مۇسىك پىرو بۇرادەرمۇ شۇ ماكاندا مۇشۇ ئىككى بۇرادەرنىڭ ماستىرىغا قول قويىمە زادى مۇزىكىنى ماستىرلاپ ئۆلتۈرىدۇ بۇلار .ھەراس qqنۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويىڭە ئىليارجان.ياكى مىنى قوشىۋېلىڭ 1746223513 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گىتتارماھىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-16 15:58  

ياشا ئۇيغۇرۇم

Rank: 3Rank: 3

توردا
164 سائەت
شۆھرەت
212
پۇل
913
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-26
تىزىملاتقان
2011-9-23
نادىر
1
جۇغلانما
212
يازما
256
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 14:33:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭزگە كۆپ رەھمەت     ماقالىڭىزنىڭ  ئاخىرىنى  كۆرۇشكە تەقەززامەن

Rank: 1

توردا
15 سائەت
شۆھرەت
20
پۇل
139
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-18
تىزىملاتقان
2011-11-16
نادىر
0
جۇغلانما
20
يازما
23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 17:35:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭزگە كۆپ رەھمەت
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،ئالدى،بىلەن،ماكان تور ...

Rank: 1

توردا
50 سائەت
شۆھرەت
6
پۇل
145
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-22
تىزىملاتقان
2010-12-22
نادىر
0
جۇغلانما
6
يازما
36
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 21:23:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈپ رەخمەت.

Rank: 1

توردا
31 سائەت
شۆھرەت
24
پۇل
135
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-23
تىزىملاتقان
2010-12-3
نادىر
0
جۇغلانما
24
يازما
80
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 21:44:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ  قالمىسۇن  .رەخمەت سىزگە !
مەن

Rank: 2

توردا
195 سائەت
شۆھرەت
163
پۇل
759
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2011-3-30
نادىر
0
جۇغلانما
163
يازما
360
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 22:00:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە بىزگە مۇشۇنداق ئىسىل تېمىلىرىڭىزنى ئۈزۈپ قويمىغايسىز.
مۇنبەردىكى بارلىق كەسىپداشلارنىڭ ئىشلىرىن ...

Rank: 1

توردا
25 سائەت
شۆھرەت
28
پۇل
197
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2011-8-9
نادىر
0
جۇغلانما
28
يازما
39
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 22:55:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ !

Rank: 2

توردا
123 سائەت
شۆھرەت
59
پۇل
169
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-12
تىزىملاتقان
2009-5-3
نادىر
3
جۇغلانما
59
يازما
94
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 23:42:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ . ئەجىرڭىزگە رەھمەت . تىمىلىرڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىغاي
  

Rank: 1

توردا
89 سائەت
شۆھرەت
9
پۇل
358
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-26
تىزىملاتقان
2011-5-6
نادىر
0
جۇغلانما
9
يازما
156
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 22:09:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭزگە كۆپ رەھمەت

Rank: 1

توردا
68 سائەت
شۆھرەت
8
پۇل
111
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-26
تىزىملاتقان
2010-10-10
نادىر
0
جۇغلانما
8
يازما
149
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-19 13:54:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر مۇزىكانت بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز نۆۋىتىدە كوتۇلدىۋالاي...
ئارىمىزدا مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلىغان ئاكا-ئىنىلىرىمىز خېلى كۆپ.مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە (ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق )دىگەندەك سەنئەتكە ھەۋىسى،قىزغىنلىقى بار ئەمما ئىقتىدارى يوق بالىلار بەك كۆپكەن.مۇزىكىغا ھەممە ئادەم ئامراق.بىزنىڭ كىچىك باللىرىمىزدىن تاكى 80--90ياشقا كىرگەن بوۋاي مومايلىرىمىزنىڭ ئېغزىدىنمۇ ئۇنداق بۇنداق ئاھاڭلارنى ئاڭلاپ قالىمىز. كىچىك بالىلار بىلەن بوۋاي-مومايلارغا قارىغاندا بىزگە گەپ كەتمەيدۇ. روھىمىز ئۇرغۇپ تۇرغان نەۋقىرانلاردە بىز!
ئەمما مۇشۇ كەسىپكە قىزىقىۋاتقان  نىشانسىزلا قارىغۇلارچە مېڭىپ كېتىۋاتقان بالىلار ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇشۇ يولدا مېڭىۋاتقانلىقىنى دەپمۇ بېرەلمەيدىكەن.
تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ئۆزۈم كۆرگەن بىر ئىشنى رۇخسەتسىزلا دەۋىتىدىغان بولدۇم.
مىنىڭ بىر شاگىرتىم بار ئىدى.مەن مۇزىكا كەسپىگە قەدەم قويغان ۋاقىتتا ئۇ باشلانغۇچتا ئوقۇيتى. ئەتىگەن -ئاخشاملىرى ئۆيگە كىرىپ مەن چېلىۋاتقان مۇزىكىلارغا‹باھا بېرىپ› ئولتۇراتتى.دىمەك ئۇ مىنىڭ تۇنجى شاگىرتىم بوپ قالغان ئىدى.شۇ جەرياندا ئۆزىمۇ تىرىشىش ئارقىلىق مۇزىكىنى يامان ئەمەس چالالايدىغان ھالەتكە كەلدى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ مەن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ مىنىڭ ئىشلىرىمغا ئۆزى قالدى.(مەن ئىلگىرى تويدا مۇزىكا چېلىپ ناخشا ئېيتاتتىم).ئالاھەزەل 6يىل ئۆتۈپتۇ.ئۇ يەنىلا شۇ پېتى ئىكەن.قۇربان ھېيتتا يۇرتقا بارسام ئۇ  ئەينى ۋاقىتتىكى ‹سەۋىيىسىدىن›ئۆزگەرمەپتۇ. مەن سورىدىم:سىز بۇ كەسىپنى نىمە ئۈچۈن قىلىسىز؟ دىسەم ئۇ:
سىز ماڭا ئۈگۈتۈپ قويغانلىقىڭىز ئۈچۈن دەيدۇ.مۇزىكا چېلىشتىكى مەخسىدىڭىز نىمە؟ دىسەم ئۇ:سىزدەك چېلىشنى ئۈگىنىۋالساملا بولىدۇ دەيدۇ.....توۋا؟ مۇشۇ سەنئەت ھاياتىدا نىمە ئارزۇيىڭىز بار؟ دىسەم كۆپرەك تويغا بېرىپ پۇل تېپىۋىلىپ تويۇمنى ئالامەت قىززىتۋەتسەم  دەيمەن ،سىز ئۈگۈتۈپ قويغاندىكىن قىلاي دىدىم، دەيدۇ......
قېرىنداشلار: مانا مۇشۇنداق تەلەپ،ئارزۇدا مۇزىكا بىلەن ھەپىلىشىپ يۇرگەن كىشىلەرنى يۇقىرىدا ئېلىيار بۇرادەر دىگەن ئۇستازنىڭ قايسى  پېرسوناژىغا ئوخشىتىش مومكىن؟
بۇنداق مۇددىئا بىلەن مۇزىكا چېلىپ نىمە بولماقچى بىزنىڭ سەنئىتىمىز؟ 6يىل مۇزىكا چېلىپلا ئۆتكەن  سازچى بالىلارنىڭ ئىددىيسى مۇشۇنداق تۇرسا .......ئېلىيار بۇرادەر دىگەن بۇ ئۇقۇملارنى ھەۋەسكار مۇزىكانىتلار مىنىڭچە چۈشىنەلمەيدۇ.
مۇزىكانىت دىگەننىڭ كاللىسى ئاجايىپ ئۆتكۈر بولىدۇ. ئېلىيار بۇرادەر يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكەن بۇ چۈشەنچىلەر مۇزىكىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى نوختىسى.مۇشۇ ئۇقۇملارنى ھېس قىلالىغان كىشىلىرمىزنىڭ كاللىسى ئالاھىدە پەرقلىق بولغان ئىلغار كاللا دىسەك لاپ گەپ قىلمىغان بولىمىز!
ۋاختىڭلارنى ئېلىپ قويدۇم باللار...ئەپۇ قىلىڭلار!
                                                     ھە راست:
                                   ئىليار ئەپەندىم سىزگىمۇ رەخمەت. ھارمىغايسىز!
بۇ دۇنيا سەيلىگاھ كېلىپ كېتىسەن،بەزىدە يىغ

Rank: 2

توردا
83 سائەت
شۆھرەت
100
پۇل
468
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2010-11-7
نادىر
0
جۇغلانما
100
يازما
95
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-19 14:01:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ قىزىپ كىتىپتىغۇ بۇ سۇرۇن.........؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
186 سائەت
شۆھرەت
158
پۇل
251
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-21
تىزىملاتقان
2008-7-7
نادىر
1
جۇغلانما
158
يازما
340

Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 18:50:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ! ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ...ئاخىرىنى يازىدىغان قولىڭىز تالمىسۇن ...ھەممىمىز بۇ مەسىلىلە ئۈستىدە ياخشى تىرىشىشقا تىگىشلىك .
.......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-1-27 18:20 , Processed in 0.219984 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش