- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-12
- توردا
- 2019 سائەت
- شۆھرەت
- 2280
- پۇل
- 2996
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2627
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2280
- UID
- 1
  
- توردا
- 2019 سائەت
- شۆھرەت
- 2280
- پۇل
- 2996
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-12
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2280
- يازما
- 2627
|
2-Thelotron Technologies شېركىتىنىڭ BeatModel ئۈنۈم قوشۇش قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىرى ئىشلىتىشگە ئەپلىك ،ئاۋاز ئۈنۈملىرىمۇ يامان ئەمەس،ھەجىمىمۇ كىچىك،ئىشلتىشچانلىغى ياخشى ئۈنۈم قوشقۇچ
BeatModel AutoPan ئاۋاز تەسۋىرى(كىنو لېنتىسىدىكى) ئۈنۈم قوشقۇچ
ئوڭ-سول ئاۋاز تەۋىرىنى تەڭشەش ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىنىدۇ،بەزى ئاۋازلارنىڭ ئاۋاز مەيدانى خاتا بولسا ،ئاۋاز تەسۋىرى ئۈنۈم قوشۇش قىستۇرما يۇمشاق دىتالىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان ئۈنۈمگە ئېرىشىمىز.

BeatModel Chorus خور ئاۋازلىق ئۈنۈم قوشقۇچ
Chorus خور ئۈنۈمىنىڭ خۇسۇسىيىتى ئەسلىدىكى ئاۋازنىڭ ئازىراق يەرلىرىنى تەڭشەپ(Time Modulation نىڭ(ۋاقتىنى تەڭشەش)ئقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئاۋاز كىچىكىشىنى 0.01 سېكىنوتتىن-0.04 سېكىنوتقىچە كىچىكتۈرۈش) ،ئاۋازلار ئارلىغى ئۆزگەرگەن ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئېرىشىش،ئۇنىڭدىن كىيىن ئەسلىدىكى ئاۋاز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ خور ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئېرىشىش جەريانى.ئادەتتە گىتتارچىلار چوقۇم بىر ئالتىراتسىيە(失真(ئەسلى ئاۋازنى بۇزۇش))ئۈنۈم قوشقۇچ ۋە خور ئاۋاز ئۈنۈم قوشقۇچى بولىشى كېرەك،نۇرغۇنلىغان تولغانما مۇزىكا ئەتىرەتلىرى بۇلارنى ئىشلىتىپ ئىسىل ئاۋاز ئۈنۈملىرىگە ئېرىشىدۇ .ھازىر بىز بۇ خىور ئاۋاز ئۈنۈملىرىدىن پايدىلىنىپ گىتتار ئاۋازلىرىدىن باشقا ئاۋازلارنىمۇ مۇشۇ خور ئۈنۈمى بىلەن زىننەتلەپ ياسايمىز.ئەلۋەتتە باشقا ئاۋازلارنىمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن زىننەتلەپ ئىسىل ئاۋاز ئۈنۈملىرىگە ئېرىشەلەيمىز.

BeatModel Comp پىرىسلاپ ئۈنۈم قوشقۇچ

BeatModel Flanger قىرلىق(镶边 نى قىرلىق دەپ ئالساق بولا؟) ئۈنۈم قوشقۇچ
Flanger قىرلىق ئۈنۈم قوشقۇچنى تەۋرەنمە ئۈنۈم قوشقۇچ دەپمۇ ئاتايمىز،خور ئۈنۈم قوشقۇچقا ئوخشاش ئەسلىدىكى ئاۋازنىڭ ئازىراق يەرلىرىنى تەڭشەپ(chorus بىلەن ئوخىشاش Time Modulation نى تەڭشەپ (ۋاقىتنى تەڭشەپ) ئاۋازنىڭ كىچىكىشىنى 0.01 سېكىنوتتىن كىچىك قىلىپ) ،ئاۋازلار ئارلىغى ئۆزگەرگەن ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئېرىشىش.شۇنداقلا ئاستىن ئۈستۈن تەۋىرىتىپ ھاسىل قىلغان يېڭىچە ئاۋاز ئۈنۈمى.Flanger مۇ گىتتار ئاۋاز ئۈنۈم ھاىسل قىلىش يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ بىر تۈرى.

BeatModel NoiseGate شاۋقۇن ئاۋاز ئۈنۈملىگۈچ
NoiseGate شاۋقۇن ئاۋاز ئۈنۈملىگەۈچ خۇسۇسىيىتى مەلۇم بىر قىممەتنى بېكىتىپ ،شۇ قىممەتنىڭ تۆۋىنىدىكى سېگىنالنى كىسىۋىتىپ ،شاۋقۇن ئاۋازىنى يوقۇتۇش جەريانى.Threshold باشلىنىش نوقتىسىدا بىر بۆلەكنىڭ قىممىتىنى ئىلىپ .Threshold قىمىتىدىن تۆۋەن بولغان ئاۋزلارنى كىسىپ تاشلايدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان ئاۋز چاستوتىسىغا ئېرىشەلەيمىز(پېقىر ماكان ناخشىنى ئاۋازغا ئالغاندا دائىم مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن مۇھىتتىكى شاۋقۇن ئاۋازلىرىنى سۈزىۋىتىمەن).

BeatModel OptiEQ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈنۈم قوشقۇچ

BeatModel OptiVerb ئارلاشما ئاۋازلىق ئۈنۈم قوشقۇچ

BeatModel Phase فازىلىق ئۈنۈم قوشقۇچ
Phaser فازىلىق ئۈنۈم قوشقۇچ ئەسلىدىكى ئاۋازنى بىلەن فزىسى ئۆزگەرگە ئاۋازنى قوشۇش ئارقىلىق ئىچ ئىچىدىن ئايللىنىپ چىقىۋاتقان ئاۋاز ئۈنىمىگە ئېرىشىش جەريانى.ئايلانما ئۈنۈم قوشقۇچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ،Phaser بىلەن Flanger نىڭ ئۈنۈمى ئوخشۇشۇپ كىتىدۇ،ئوخشىمايدىغان يېرى:Flange بولسا Time Modulation(ۋاقىتنى تەڭشەش)تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغان ئۇچۇرنى يېڭى بىر ئۇچۇرنىڭ كەينىگە قويىدۇ،ئەمما Phase يېڭى ئۇچۇرنىڭ ئالدى ۋە كەينىگە Time Modulation تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان كىچىكىپ چىققان ئۇچۇرنى (سېگىنال) قويىدۇ.

BeatModel ResoBeat تاۋۇش رېزوناتسى (ئاۋاز دىسەكمۇ بولا) دولقۇن سۈزۈش ئۈنۈم قوشقۇچ

BeatModel RingBeat قوڭغۇراق ئاۋازى(كولدورما) تەڭشەش ئۈنۈم قوشقۇچ

BeatModel Stereo Delay ئاۋاز كىچىكتۈرۈش ئۈنۈم قوشقۇچى
Delay ئاۋاز كىچىكتىرۈش ئۈنۈم قوشقۇچى ئەسلىدىكى ئاۋازنى سوزۇپ ،ئاۋازنى كېڭەيتىدۇ(ئۇزارتىدۇ).ئۇ ئاۋازنىڭ كىچىكىش ۋاقتى،قايتۇرۇلۇش ۋاقتى(ئەكىس سادانىڭ قايتىش ۋاقتى)،ئارلىشىش نىسبىتى ۋە چوڭقۇرلىغى،تېزلىگى قاتارلىقلارنى تەڭشەش ئارقىلىق ئاۋاز كىچىكىش ئۈنۈمىگە ئېرىشىدۇ.ھازىرقى زامان مۇزىكىچىلىغىدا ئادەم ئاۋازلىرى ۋە باشقا سازلارنىڭ ئاۋازلىرىنى مۇشۇ ئۈنۈم ئارقىلىق بېزەش كۆپ ئۇچۇرايدۇ.

3-URS نىڭ EQ تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچلىرى 8 خىل قىستۇرما دىتال تىپىدىكى يۇمشاق دىتاللىق ئۈنۈم قوشقۇچلاردىن تەركىپ تاپقان.URS نىڭ ھەقىقىي تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچلىرى (ھەقىقىي زاپچاس) باھاسىنىڭ قىممەتلىگى بىلەن داڭقى چىققان، ھازىر بۇنىڭ يۇمشاق دىتالى مەيدانغا كىلىپ بىزمۇ URS تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچنىڭ چىرايلىق،پەيزىلىگى ،تەبىئى ئاۋاز سۈپىتىگە ئېرىشەلەيمىز.








4-ئانا لېنتىنى بىر تەرەپ قىلىش قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىرى T-RACKS،كەسپىي ئاۋازلارنى ئارلاشتۇرۇش(混音) قۇرالى دېنىزاۋورنى پۈتۈن ئادەم بىلسە كېرەك.
T-RACKS ئانا لېنتىنى بىر تەرەپ قىلغۇچ
مۇزىكا ئىشلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاخىرىدا بىرلەشتۈرۈپ تەھرىرلەش(بۇ ئاتالغۇنى بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇدا ئاتىساق بولىتى) (缩混)
،ۋە ئانا لېنتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئاندىن CD چىقىرىمىز.ئانا لېنتىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قانۇنىيىتى بولسا:كۆپ بۆلەكلىك ئاۋاز پىرىسلىغۇچلار ۋە ئاۋاز تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچلار شۇنداقلا ئاۋازنى كۈچەيتكۈچ قاتارلىق يۇمشاق دىتاللارنىڭ رولى بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ ،ئىشلىگەن مۇزىكىمىزنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە كەلتۈرۈش جەريانى(مۇزىكا پۈتكەن ھالەتكە كەلتۈرۈش).
T-RACKS ھەقىقەتەن بىزنىڭ ياخشى ھەمرىيىمىز (دېنىزاۋور)،بۇ يۇمشاق دىتال بولسا ئانا لېنتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ.

T-RACKS Clipper ئۆزگەرتىپ كىمەيتىپ ئۈنۈم قوشقۇچ(修减)

T-RACKS Compressor پىرىسلىغۇچلۇق ئۈنۈم قوشقۇچ(压缩)

T-RACKS EQ تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئۈنۈم قوشقۇچ(均衡)

T-RACKS Limiter چەكلىگۈچلۈك ئۈنۈم قوشقۇچ(限制)

داۋامى بار
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى |
-
ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 10
باھا خاتىرىسى
|