ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ماكانداشلار !
يېقىندا كومپىيۇتېرىغا ئالما سېستىمىسىنى قاچىلىغان دوستلاردىن كەلگەن «سىنكارتامنى تونىمىدى»،«ئاۋاز نورمال ئەمەس»،«CPU نى تولۇق تونىمىدى» دېگەندەك ئۇچۇرلار خېلى كۆپىيىپ قالدى،كۆپىنچە دوستلارنىڭ مەسىلىسىنى تولۇق ھەل قىلىشىپ بېرەلمىدىم،ناھايىتى خىجىلمەن،بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇشۇمدىكى سەۋەبمۇ شۇ، دوستلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا پايدىسى تېگىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«خامىلىيۇن»__قارا ئالما بىلەن ھەپىلەشكەن دوستلارغا ناتونۇش ئەمەس،ئۇمۇ بىز دەسلەپتە تونۇشقان ئالما سېستىمىسىنى قاچىلاش،يېتەكلەپ قوزغىتىشتا ئىشلەتكەن Boot Think قا ئوخشاش يېتەكلەش قورالى.
Boot Think قا سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ئىقتىدارى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرى ناھايىتى ياخشى ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرلىرىنى يۈكلەش ئىقتىدارى Boot Think تىن كۆپ ياخشى . يەنە،قارا ئالمىنى «شىر» دىن باشلاپ Boot Think ئارقىلىق يېتەكلىگىلى بولمايدىغان بولدى،شۇڭا يېڭى سېستىمىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇملا خامىلىيۇننى ئىشلىتىشىمىز كېرەك.
خامىلىيۇننىڭ Windows ۋە Mac نۇسخىلىرى بار بولۇپ ، مېنىڭ دوستلارغا تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىم ئۇنىڭ Mac نۇسخىسى__Chameleon_2.0_RC5_r974_trunk
قوشۇمچە ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ئالما سېستىمىسىدا ئادەتتە دېتال قاچىلىغاندەك قاچىلىساقلا بولىدۇ.
دىققەت !!!
ئۇنى ئىشلىتىشنىڭ شەرتى،ئالما قاچىلانغان قاتتىق دېسكا رايونى چوقۇم ئاساسى رايون بولۇشى كېرەك.
مەلۇم رايوننى ئاساسى رايون قىلىپ بەلگىلەشنىڭ شەرتى،ئۇ رايون چوقۇم C دېسكىنىڭ ئەڭ يېقىن ياكى ئەڭ يىراق قوشنىسى بولىشى كېرەك.ئالما قاچىلانغان رايون مۇشۇ ئىككىسىنىڭ بىرى بولسىلا Disk Genius دېگەن دېتال ئارقىلىق ناھايىتى ئاسانلا مەقسەتكە يېتەلەيسىز.
خامىلىيۇننىڭ مەزكۇر نەشرىنى قاچىلىغاندا ئاپتوماتىك ھالدا ئالما رايونى غول مۇندەرىجىسىگە Extra ھۆججەتدانىنى قۇرىدۇ،بۇ يەردىكى Extensions ھۆججەتدانى بولسا قاچىلىماقچى بولغان قوزغاتقۇچلارنى قويىدىغان ئورۇن ( FakeSMC قاتارلىق مۇھىم قوزغاتقۇچلارنى مۇشۇ يەرگىمۇ كۆچۈرۈپ قويۇڭ ) ، Themes ھۆججەتدانى بولسا خامىلىيۇننىڭ كۆرۈنمە يۈز ئۇسلۇب ھۆججەتلىرى قويۇلىدىغان ئورۇن،بۇ يەردىكى رەسىملەرنى ئۆزىڭىز خالىغان رەسىملەرگە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق خامىلىيۇننىڭ قوزغىلىش ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتەلەيسىز،توردىن تەييار ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ساماجاننىڭ بىر ۋاقتى چىققاندا MAKAN ئۇسلۇبىنى ئىشلەپ بېقىش ئويىمىزمۇ بار ...
Extra ئىچىدە يۇقارقى ئىككى ھۆججەتداندىن باشقا يەنە بىر مۇنچە plist.* ھۆججەتلىرى بولىدۇ ، ئىزدىنىپ باققان بولسىڭىز دەل مۇشۇ ئورۇندا com.apple.boot.plist ۋە SMBIOS.plist قاتارلىق ئىككى ھۆججەتنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىسىز، بايىقى ھۆججەتلەر ئىچىدىن ئىسمىنىڭ ئىچىدىكى Example دېگەن خەتنى ئۆچۈرىۋېتىش ئارقىلىق ماس ھالدىكى ھۆججەتكە ئېرىشەلەيسىز.
com.apple.boot.plist بولسا ھەرخىل قوزغىلىش بۇيرۇقلىرىنى ، SMBIOS.plist بولسا ھەرخىل قاتتىق دېتال ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ،قوشۇمچە ھۆججەتتىكى PlistEditPro دېگەن دېتال ئارقىلىق بۇ ھۆججەتلەرنى تەھرىرلىيەلەيسىز.
سىنبەلگىنى دېتاللار ھۆججەتدانىغا تارتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ
com.apple.boot.plist ھۆججىتىنى ئېچىپ GraphicsEnabler بۇيرۇقىنى قوشۇپ ئۇنىڭغا Yes دەپ قىممەت بېرىش ئارقىلىق سىنكارتىنى يۈكلىگىلى بولىدۇ، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق كۆپ قىسىم nVDIA ۋە ATI كارتىلىرىنى بىۋاستە تونۇتقىلى بولىدۇ.Graphics Mode بۇيرۇقى بولسا ئېكران ئېنىقلىق دەرىجىسىنى تەڭشەش بۇيرۇقى، قىممىتىنى ئېكرانىڭىزنىڭكىگە ماس قىلىپ ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ (ئاخىرىدىكى 32 نى شۇ پېتى قالدۇرۇڭ ) .

SMBIOS.plist ئىچىدىكى بۇيرۇقلارنى كېيىن ئۇستىراپ كەتكەندە ئالدىرىماي ئۆزگەرتىۋالارسىز ...
قوشۇمچە ھۆججەت :
Desktop.part1.rar
(1.39 MB, چۈشۈرۈش سانى: 78)
Desktop.part2.rar
(1.39 MB, چۈشۈرۈش سانى: 77)
Desktop.part3.rar
(683.48 KB, چۈشۈرۈش سانى: 68)
چەكلىمە 2MB بولغاچقا مۇشۇنداق پارچىلاپ چىقاردىم، ئاخىرىدا ئەممىڭلارغا ئامەت تىلەيمەن !
تۆۋەندىكىسى windows نەشىرى :
Chameleon_Install_rev.875.part01.rar
(1.43 MB, چۈشۈرۈش سانى: 34)
Chameleon_Install_rev.875.part02.rar
(1.41 MB, چۈشۈرۈش سانى: 37)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Sama تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-31 13:59
|