- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-31
- توردا
- 13 سائەت
- شۆھرەت
- 102
- پۇل
- 199
- تىزىملاتقان
- 2011-8-7
- ھوقۇقى
- 20
- يازما
- 30
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 102
- UID
- 1671

- توردا
- 13 سائەت
- شۆھرەت
- 102
- پۇل
- 199
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-31
- تىزىملاتقان
- 2011-8-7
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 102
- يازما
- 30
|
ئالدىنقى قېتىم تۇنۇشتۇرغان ئۈنۈم قۇشۇش توغرىسىدىكى مەزمۇننىڭ داۋامى
ئېلىنغان ئاۋاز يولىغا بېرىلىدىغان يەنە بىر ئۈنۈملىگۈچ دېتالى تۆۋەندىكىچە:
4.Multiband Compressor بۇ ئۈنۈملىگۈچ ئارقىلىق ئېلىنغان ئاۋازغا قارىتا بۇ ئۈنۈملىگۈچنىڭ ئۆزىدە بار بولغان خىلمۇ-خىل ئاۋاز تۈسىنى تاللىغىلى ۋە ئېلىنغان ئاۋازنىڭ يۇقىرى ئاۋازى،تۆۋەن ئاۋازى،ئوتتۇرھال ئاۋازى ۋە تۆۋەن يۇقىرى ئاۋازىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.(ئىشلەتكەندە چۇقۇم توغرا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىڭ بولمىسا،ئېلىنغان ئاۋازنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يىتىشى ياكى ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغاندەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەسلىگىڭىز مۇمكىن).
5.CLA Vocal Mono/Stereo بۇ ئۈنۈملىگۈچ ئاساسلىقى ئادەم ئاۋازىغا بېرىلىدىغان ئۈنۈملىگۈچ بۇلۇپ،بۇ ئۈنۈملىگۈچ ئارقىلىق رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ۋە بەلگە سېلىنغان سىتوندىن بۇ ئۈنۈملىگۈچنىڭ ئۆزىدە بار بولغان خىلمۇ-خىل ئاۋاز تۈسلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتىشكە ھەمدە يۇقىرى ئاۋازى،تۆۋەن ئاۋازى،ئوتتۇرھال ئاۋازى ۋە تۆۋەن يۇقىرى ئاۋاز ۋە ئاۋاز ياڭراقلىقىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.(ئەسكەرتىش:بۇ ئۈنۈملىگۈچ ئادەم ئاۋازىغا بېرىشكە بەكرەك ماس كېلىدۇ.)
6.AVOX THROAT بۇ ئۈنۈملىگۈچ مەخسۇس ئادەم ئاۋازىغا ئىشلىتىلىدىغان بۇلۇپ،بۇ ئارقىلىق ئادەم ئاۋازىنىڭ كىكىردەكتىن چىقىشىنڭ توغرىلىق نىسبىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.ئادەتتە ئادەم ئاۋازى ئادەمنىڭ تاكى قورساق قىسمىدىن كىكىردەككىچە بولغان ئارلىقتىن چىقىشى ئادەم ئورگانىزىمىدىكى جەمئىي 5 ئورۇننىڭ تىترىشى تۈرۈتكىسىدە ئاندىن ئۆلچەملىك تاماملىنىپ چىقىدۇ. بۇلارنىڭ قايسى بىرى ئەڭ توغرىلىق نىسبەتتە جارى قىلدۇرۇلمىغاندا ئاۋاز ياخشى چىقمايدۇ.شۇ سەۋەپتىن بۇ ئۈنۈملىگۈچنى ئاخشا ئاۋازى قىسمىغا بېرگەندەك ئاۋازنىڭ تىترەش ئۆلچىمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى ۋە ئارزۇيىمىزدە ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
7. C6Monoبۇ ئۈنۈملىگۈچنىڭ رولىمۇ ئىنتايىن ياخشى بۇلۇپ ئېلىنغان ئاۋازنىڭ تەۋرىنىش ئورنىنى يەنىمۇئۆلچەملەشتۈرگىلى ۋە يۇقىرى ئاۋازى،تۆۋەن ئاۋازى،ئوتتۇرھال ئاۋازى ۋە تۆۋەن يۇقىرى ئاۋازلارغا قارىتا ئاپتۇماتىك تەڭشەش ياكى قول ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاۋازىنى سۇزۇش بىلەن بىرگە بىرقىسىم قۇشۇلۇپ قالغان ئاۋازلارنى،شاۋقۇن ئاۋازلارنى سۈزىۋېتىشكە بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئۈنۈملىگۈچلەرنى ئىشلىتىپ كۆرىشكىمۇ بولىدۇ.
مانا بۇ يۇقىردىكى دېتاللار ئاۋاز ئالغاندا ئىلىتىشكە ماس كېلىدىغان ئۈنۈم دىتاللىرىدۇر.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:ئاچقان ئاۋاز يولىڭىز MONO(تاق يوللۇق ئاۋاز يولى)بولسا چۇقۇم تاق يولغا بېرىلىدىغان ئۈنۈملىگۈچنى ئىشلىتىشىڭىزنى سورايمىز.
كىيىنكى قېتىم دوستلارغا ئۇمۇمىي ئاۋاز يولىغا قانداق ئۈنۈملىگۈچلەرنى بېرىپ ماستىرلاپ چىقىرىش توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تەييارلاپ بۇلۇپ يوللايمەن.خەير-خوش! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ∮AKKAPTAR∮ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-21 18:30
|
|