ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 416 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 372|ئىنكاس: 13

Cubase دائاۋاز ئېلىش ۋە ئۈنۈم قۇشۇش(1)(رەسىملىك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
13 سائەت
شۆھرەت
102
پۇل
199
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-31
تىزىملاتقان
2011-8-7
نادىر
3
جۇغلانما
102
يازما
30
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-20 14:11:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن دوستلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەسكەرتىشىم،مىنىڭ بۇ يوللىغان رەسىملىك  دەرسىم(بەلكىم دەرس دىگىلىمۇ بولماس) مۇشۇ ساھەگە قەدەم قويغان يېڭىدىن ئۈگەنگۈچى دوستلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن مەقسەددە يوللانغان.بۇنىڭدا كۆرسىتىلگىنى ئاساسلىقى مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ھېس قىلغان ۋە ئىشلىتىپ كۆرگەنلىرىم بولغاچ،بەزىبىر جەھەتلەردە ئوخشىماسلىقلار بۇلۇشى ئېنىق.شۇنداقتىمۇ ھەرقايسى دوستلارنىڭ بۇنى توغرا چۈشۈنىشىنى،پىكىر-تەكلىپ بولسا بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
1.ئاۋازئېلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق: ئالدى بىلەن Cubese ياكى  Nuendo نى قوزغاتقاندىن كىيىن،ئاۋاز ئېلش يولىنى ئاچىسىز(يەنىmono ھالەتتە)ئاچقاندىن كىيىن ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى مەشخۇلاتنى ئېلىپ بارىمىز:
1-قەدەمدە: F4 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كىرىپ FX قانىلىنى ئاچىمىز ۋە بۇ يەرنى تاللايمىز.
0021.jpg

2-قەدەمدە: ئاچقان FX قانىلىددىن تۆۋەندىكىنى سىتوننى تاللىغاندىن كىيىن ئاۋاز ئېلىشتا زۆرۆر بولغان ئىككى خىل ئۈنۈمنى قوشىمىز.(زال ئۈنۈمى ۋە ئاۋاز سوزما ئۈنۈمى)ئەسكەرتىش:بۇ ئىككى خىل ئۈنۈمنى بەرگەندە چۇقۇم Stereo ھالىتىدە بېرىشىڭىز كېرەك.
0031.jpg

3-قەدەمدە:ئاۋازئېلىش سۇپىسىغا قايتىسىز،سىز رەسىمدىكىدەك ھالەتنى كۆرىسىز.ئاندىن، بۇ FX قانىلىنى ئاۋاز ئېلىش يولىنىڭ ئېلىپ كىرىشكە تىگىشلىك ئورنىغا ئېلىپ كىرىسىز ۋە ئاچىسىز.(ئىستىرىلكا بەلگۈلەنگەن ئورۇندىن ھەرقايسى FX قانىلىنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ)
0041.jpg

4-قەدەمدە: FX قانىلىنى ئاۋاز ئېلىش يولىغا تۆۋەندىكىدەك قىستۇرىسىز.شۇنىڭ بىلەن بىرگە رەسىمدىكى چەمبىرەك سىزىلغان ئورۇندىن سىز ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ئاۋاز تۈسلىرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. (SuperTap 6-Taps Stereo نى ئاچقاندا ئۇنىڭ كۆنتىرول تەگلىگىدە«Load»دىگەن ئىستون ئىچىدىن ئۆزىڭىزگە لازىملىق ئاۋاز تۈسىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ)
0051.jpg

2.ئاۋاز ئېلىش:
ئاۋاز ئېلىشتىن بۇرۇن ئەگەر سىزنىڭ مىكرافۇنىڭىزنىڭ ئاۋاز كىرىش سىگىنالى سەل تۆۋەن بۇلۇپ قالسا تۆۋەندىكى رەسىمدىكى چەمبىرەك سىزىلغان ئورۇندىن كۆرسىتىلگەندەك قىلسىڭىز بولىدۇ.
رەسىمدىكى چەمبىرەك سىزىلغان ئورۇنغا مائۇسنى ئېلىپ كىلىپ ئوڭغا بۇراش ئارقىلىق ياكى مائۇسنى قوش چىكىپ رەقەپ بەلگۈلەپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئاۋاز كىرىش سىگىنالىنى يۇقىرى كۆتەرسىڭىز بولىدۇ.ھەمدە پەستىكى ئاۋاز كۆتىرىش كۇنۇپكىسنىمۇ يۇقىرلىتىشقا بولىدۇ.
0061.jpg

0071.jpg

يۇقىردىكى بۇ تەييارلىقلار پۈتكەندىن كىيىن،سىز رەسمىي ھالدا ئاۋاز ئېلىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
1-قەدەم: ئالماقچى بولغان ناخشىڭىزنىڭ قانداق ئۇداردىكى ناخشا ئىكەنلىگىنى بىلىشىڭىز شەرت ھەمدە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تاكىت ساناش كۇنۇپكىسىنى ئاچقاندىن كىيىن ئۇنىڭ كونتىرول سۇپىسىدىن تاكىت ئاۋازىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك.بولمىسا تاكىت ئاۋازى، مىكرافۇن ئارقىلىق ئاۋاز ئېلىش يولىغا كىرىۋېلىشى مۇمكىن.
0091.jpg

0101.jpg

2-قەدەمدە: ناخشا ئېلىنىپ بولغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئېلىنغان ئاۋازغا ئۈنۈم قۇشۇشقا بولىدۇ.
0111.jpg

3.ئېلىنغان ئاۋازغا ئۈنۈم قۇشۇش:
يۇقىردىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئېلىنغان ئاۋاز يولىنىڭ ئۈنۈم قۇشۇش سىتونىنى ئاچقاندىن كىيىن ئۈنۈم بېرىشكە باشلىساق بولىدۇ.مەن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرلۈك ئۈنۈم دىتالىنى دوستلارغا تەۋسىيە قىلىمەن.
1.CI gate Mono :بۇئۈنۈملىگۈچنىڭ شاۋقۇن پەسەيتىش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بۇلۇپ،سىز بۇ ئۈنۈملىگۈچ ئارقىلىق ئەڭ دەسلەپكى ھالەتتىكى ئېلىنغان ئاۋازغا كىرىۋالغان شاۋقۇنلارنى پەسەيتىش مەقسىدىگە يىتەلەيسىز.(رەسىمدىكى ئورۇنلاردىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ)
0121.jpg

2.Compressor بۇ ئۈنۈملىگۈچنىڭ ئاساسلىقى ئېلىنغان ئاۋازلارنىڭ ئاۋاز سۈپىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا سۈزۈپ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ بېرىش بىلەن بىرگە،شاۋقۇن ئاۋازنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش ئىقتىدارى بار.
0131.jpg

3.EnvelopeShaper بۇ ئۈنۈملىگۈچ ئاساسلىقى سوقما سازلارنىڭ(دۇتتار،تەنبۇر،راۋاپ ۋە گىتتار قاتارلىق) ئاۋازىغا بېرىلىدىغان ئۈنۈم بۇلۇپ،رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئاۋاز تۈسىنى تاللاشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازىغا قارىتا يۇمشىتىش ۋە زىللىقىنى ئاشۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.(ئادەم ئاۋازىغا بېرىشكە بولمايدۇ).
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ∮AKKAPTAR∮ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-21 16:14  

0141.jpg

Rank: 3Rank: 3

توردا
369 سائەت
شۆھرەت
367
پۇل
1432
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2009-1-12
نادىر
0
جۇغلانما
367
يازما
528
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 17:46:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت تېىمىڭىزغا . يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە پادىسى بولغىدەك . داۋاملىق يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز.
ۋاقىت تۇلىمۇ قىممەتلىك ، ۋاقتىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى

Rank: 2

توردا
14 سائەت
شۆھرەت
147
پۇل
395
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2011-1-9
نادىر
0
جۇغلانما
147
يازما
76
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 17:47:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغان تىمىڭىزغا رەھمەت !!
يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس ، چېڭى چىقسىمۇ دې

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2009 سائەت
شۆھرەت
2255
پۇل
2953
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2255
يازما
2621

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 18:06:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت~~~شۇنداق تەپسىلى بوپتۇ،دوسلار مۇشۇ تېما بويىچە مەشغۇلات قىلىپ ،يۇلۇققان مەسىلىلىرىنى ئېنكاس قىلسا بولىدۇ،تېمىنى شۇنداق جاپادا يازسا رەھمەت دەپلا تۈگەتسەك بولماس...مەشغۇلات قىلىپ بولۇپ تەسىراتىڭىلارنى بولسىمۇ يوللاپ قويارسىلەر،ئېنكاس يوللاش دىگەن پەزىلەت~~~

Rank: 3Rank: 3

توردا
263 سائەت
شۆھرەت
250
پۇل
522
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-5-9
نادىر
1
جۇغلانما
250
يازما
783
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 20:57:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت
ئىنسان ئىكەنسەن ! ئىنساندەك ياشا !

Rank: 3Rank: 3

توردا
149 سائەت
شۆھرەت
279
پۇل
750
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2011-2-6
نادىر
1
جۇغلانما
279
يازما
469
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 02:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوپ رەھمەت سىزگە.

Rank: 3Rank: 3

توردا
139 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
768
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-2
تىزىملاتقان
2009-1-21
نادىر
0
جۇغلانما
200
يازما
295
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 12:06:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق كەپتەر دوستۇم، سىزنىڭ يىڭسار تور بېتىگە چىقىرىپ قويغان ناخشىلىرىڭىزنى ئاڭلىدىم، قاپاق گىتارنى يامان ئەمەس چالىدىكەنسىز بەكلا ھەيران قالغىنىم ئابدۇللانىڭ ئاۋازىغا ئۇبۇلقاسىمنىڭ، تاشمۇھەممەتنىڭ ئاۋازىغا ئەسقەر مۇختەرنىڭ ئاۋازى ئوخشىغاندەك ئاۋازىڭىز خۇددى ئەكبەر قەھىرمانغا بەكلا ئوخشايدىكەن...

Rank: 1

توردا
0 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
12
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-22
تىزىملاتقان
2011-8-22
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
6
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 22:31:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياكشي تيما بوپتۇ، رەھمەت ياشاپ كېتڭ.....

Rank: 1

توردا
12 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
80
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-17
تىزىملاتقان
2011-3-8
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
30
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-23 00:15:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئاق كەپتەر!

Rank: 2

توردا
33 سائەت
شۆھرەت
54
پۇل
472
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2011-8-17
نادىر
0
جۇغلانما
54
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 13:25:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا تارتىپسىز. رەھمەت سىزگە

Rank: 2

توردا
97 سائەت
شۆھرەت
60
پۇل
478
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-4
تىزىملاتقان
2011-5-6
نادىر
0
جۇغلانما
60
يازما
174
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 19:44:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىناپ باقتىم شۇنداق قىلسا ياخشى بولىدىكەن ،رەھمەت سىزگە.....   مەن يىڭىدىن ئۈگۈنۋاتقان ، مەن بۇنداق ئېشلارنى ئۇقمايدىكەنمەن  ئەمدە ئۈگىنىۋالدىم   سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت........  ئاللاھ .. يولىڭىزنى ئوچۇق قىلسۇن!`````

Rank: 2

توردا
10 سائەت
شۆھرەت
78
پۇل
197
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-1
تىزىملاتقان
2011-12-28
نادىر
0
جۇغلانما
78
يازما
30
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 22:41:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە  !!
   سىزنىڭ بۇ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز خەنزۇچە ئىكەنغۇ ، بۇمۇ نورمال ئىشلەيدىغان ئوخشىمامدۇ ، ئۇنداق بولسا مەنمۇ شۇنداق قىلىۋالسام بوپتىكەن ، ئۇيغۇرچە بولغان بولسىچۇ تېخى ، بەك قۇلايلىق بوپ كېتەتتى !!!

Rank: 2

توردا
31 سائەت
شۆھرەت
174
پۇل
541
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2011-12-9
نادىر
0
جۇغلانما
174
يازما
109
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 17:20:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بو خەنزۇچە تۇرۇدۇ يا ...
┽ . .Kadirla_→KaDrigNi BilGanLani . . ★_

Rank: 2

توردا
37 سائەت
شۆھرەت
126
پۇل
598
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2011-9-10
نادىر
1
جۇغلانما
126
يازما
134
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 15:55:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەخمەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-7 14:26 , Processed in 0.573334 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش