- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-10
- توردا
- 140 سائەت
- شۆھرەت
- 222
- پۇل
- 808
- تىزىملاتقان
- 2009-1-21
- ھوقۇقى
- 30
- يازما
- 301
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 222
- UID
- 481
 
- توردا
- 140 سائەت
- شۆھرەت
- 222
- پۇل
- 808
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-10
- تىزىملاتقان
- 2009-1-21
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 222
- يازما
- 301
|
ھاي!ھاي!!! ئاچچىقىڭلار ئەجەپ يامانغۇ بۇ ئۇلۇغ رامىزان ھەم ئايەم كۈنلىرىدە، مەن سىزنى تۇنۇيمەن گىتار ماھىرى ئۇكام ھەم ئابلىمىتنىمۇ تۇنۇيمەن ئابلىمىت مىنىڭ دۇستۇم سىز بولسىڭىز دوسىتتىن ئۆتەر دوستۇم چۇنكى، سىز ئاتىڭىزدىن قالغان ئاشۇ تەۋەرۇك ھۆنەرنى تا بۆگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ مىللىتىمىزنىڭ سەنئەت مەدىنيىتىنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلارغا مۇۋاپىقىيەتلىك مىراس بولۇپ قالدۇرلىشىغا تۆھپە قۇشىۋاتىسىز، يېقىندا ئاڭلىسام ئۇيغۇرلارنىڭ قولدا ياسىغان ساز-مۇزىكىلىرى ھەم ياساش ئۇسۇلى ب.د.ت پەن -مەدىنيەت تەشكىلاتى تەرپىدىن غەيرى ماددى مەدىنيەت قامۇسىغا كىرگۈزىلىپتۇ... ھەي~~ سۆزلىسەك گەپ تولا، قانداق قىلىمىز يا تەبىئى پەن ساھەسىدە مىللەت خاراكتىرلىك ئويغۇنۇش بولۇپ ياۋرۇپالىقلارغا ئوخشاش سانائەت ئىنقىلاۋى قوزغاپ، پەن-تېخنىكا يىڭىلىقلىرى يارىتالمىدۇق ، يا ئىجتىمائى پەنلەردە جۈملىدىن ئەدىبىياتىمىزدا بىرەر نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بولغۇچى قەلەم ساھىپلىرىمىز مەيدانغا كەلمىدى ئەمما كەچمىشلەرگە نەزەر سالساق، ياۋرۇپادا ئەدەبىيات سەنئەت گۈللىنىۋاتقان ۋاقىتلاردا بىز ئاپاق خۇجا باشچىلىقىدىكى سۇپى-ئىشانلارنىڭ ئىسلام دىىنغا پۈتۈن يات، باتىل، تەبلىغ-تەشۋىقاتلىرى ، تۈگۈمەس مەزھەپ جەڭگى جىدەللىلىرى ئارا ئۆزىمىزنى شۇ رەزگى مەلئونلارنىڭ قۇلىغا بۇرنى تىشىلگەن تورپاق كەبى تاشلاپ بەردۇق ئۇلار بىزنى خالىسا جۇۋازغا قاتتى خالىسا ساپانغا، بولمىسا ئۆلتۈرۈپ يىدى ... ئۇلار ئادەم جازالاشنىڭ ئەڭ ئەسەبى ئەڭ قەبىھ ئۇسۇللىرىنى ئىجاد قىلىپ بىزدە سىناق قىلدى.... بولدى! بۇ بەڭ چوڭ تېما.... بۇ توغۇرلۇق كۆپ قاينىماي! ... بىز مەيلى ئاشۇ قاباھەتلىك، نادانلىق، خۇراپاتلىققا پاتقان مۇدىھىش ئۆتمۈشلەردە بولمىسۇن ياكى مەدىنيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋىردىكى كۈلپەتلىك يىللاردا بولمىسۇن ناخشىلىرىمىزنى ئېغىزىمىزدىن سازلىرىمىزنى قۇلىمىزدىن چۈشۇرمىدۇق ، يۇرت-يۇرتلاردا ئۆز ئالدىغا، ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا مەشىرەپ ئويۇشتۇرلۇپ كىيىنكى ئەۋلادلارنى شۇ مەشىرەپلەرنىڭ مەرىپەت باغچىلىردا ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ كەلدۇق... ئشقىلىپ ‹‹ داپ تاراڭلىغان، ئىشەك ھاڭىرغان›› جايلارغا پۇت-قۇلىمىز چاققان، قۇلىقىمىز ئۆتكۈر بولۇپ توردى، بۇ بىزدىكى قان! بۇ بىزدىكى گىن،! بۇ بىزدىكى ئىرسىيەت!ئىدى. تەڭرى بىزگە شۇنى بەرگەن ئىدى! تەڭرى بەرگەنگە ئامال يوق چۇنكى ئۇ مۇقەررەر تەقدىر... يانى پۇتۇن دونيانى ئارلاپ ئويۇن قويۇپ بېيجىڭغا كەلگەندە ھېچكىمىنى قوبۇل قىلماي بىزنىڭ مۇقام ئانسامبىلدىكى داۋۇت مامۇت ئاكىنى قۇبۇل قىلغانكەن، بۇنىڭغا يانىنىڭ مۇقامنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ مىلودىيە ، كۇي قۇرۇلمىسى، ئۇدار، رېتىم ئۆزگىچىلىكى ۋە پۇراقلىرىغا بەكلا ھەيران بولغانلىقى سەۋەپ بولغانكەن. ئۇھ... ھېرىپ كەتتىم... دىمەك، بىز شۇنداق مىللەت! بىز سەنئەت خۇمار! ناخشا-مۇزىكا خۇمار مىللەت! بىز بۇنىڭدىن تانمايمىز ھەم تانالمايمىز، چۈنىكى قان ، گىن، ئېرسىيەت شۇ! بۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ ئامالى يوق!
ئەمدى گەپنىڭ پوس كاللىسىنى دىسەم گىتار ماھىرى ئۇكام ئاچچىقىڭىز يامان بولمىسۇن! مۇنبەرگە يازغان بەزى گەپلىرىڭىز سەل شاكىراپ، چوقاتماق، قوپال بوپ قالغان يىرىمۇ بار! ئۆتكەندە مۆمىنجان بىلەن ئازاد بەگ توغۇرلۇق بىرىلگەن بىر تېمىدا مەن ھەر ئىككىلىسى ئۇلۇغ تۈرك قوۋمىدىن دىسەم سىز قوپال تەلەپپۇزدا ھەم قىلچە تارىخ ئاساسى يوق ھالدا تەنبىھ-تەربىيە قىپتىكەنسىز يەنە تېخى تارىخ كىتاپلارنى ئوقۇپ تۇرۇش توغۇرلۇق قۇپاللىق بىلەن تەۋسىيە قىلىپسىز بۇنى كۆرۈپ ئاچچىق كۈلدۇم . دادام ماڭا دائىم ئاچچىقى يامان ئادەمنىڭ ئامىتى قېچىپلا تۇرۇدۇ دەيدىغان ھەم ئۆزەممۇ ئاچچىقلانماسلىققا ئادەتلەنگەنمەن ... مۇنبەردىكى دوسىتلار! جۇملىدىن گىتار ماھىرى ئۇكام! ھەممىز ئاچىققلانمايلى!گەپنى چىرايلىق،سىلىق قىلايلى!شۇندىلا ئامەتلىك ھەم تەلەيلىك بۇلىمىز... ئارتۇق ياكى كام قالغان يەرلىرى بولسا ئەپۇ قىلارسىلەر. |
|