- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-12
- توردا
- 2019 سائەت
- شۆھرەت
- 2280
- پۇل
- 2996
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2627
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2280
- UID
- 1
  
- توردا
- 2019 سائەت
- شۆھرەت
- 2280
- پۇل
- 2996
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-12
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2280
- يازما
- 2627
|
ھەر بىر مۇزىكانىتنىڭ مۇزىكا پىرىسلىشى شۇنداقلا ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش مەشغۇلاتى ئوخشىمايدۇ،بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار،ئاز -تولا پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالار،كۆپ جايلىرىنى ئەمىلىي مەشغۇلات جەريانىدا چۈشۈنىسىز،كۆپ يەرلىرىنى ئۆزەمنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ قويدۇم،دوسلارمۇ ئۆزىنىڭ مەشغۇلات جەريانىنى ئوتتىرىغا قويۇپ مۇلاھىزە يۈرگىزسە بولىدۇ،شۇ ئاساستا ئۆز -ئارا تولۇقلىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش بولسۇن.
1-ئىشلەتمەيدىغان ئاۋاز يوللىرىنى ئۆچۈرۋىتىڭ،پارامېتىر(مىقدار)نى ئوتتۇرىچە قىممەت قىلىپ قويۇڭ.
2-قۇۋۋەتنىڭ ئېشىش( ئاشقان قۇۋۋەت)(كۈچەيتكۈچنىڭ كىرىش قۇۋۋىتى بىلەن چىقىش قۇۋۋىتىنىڭ نبىسبىتىنىڭ لوگارىفمىسىغا تەڭ بولۇپ، قۇۋۋەت كۈچەيتىش دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدۇ)نى كونتىرول قىلىشى ھەدىدىن ئىشىپ كەتمەسلىگى،نەپەس ئىلىش جەريەنى (مىسرالار ئارىسىدىكى ئاۋاز يوق ئورۇننى دىمەكچى)ئۆچۈرۋەتمەسلىك.
3-كونتىرول قىسمىنى گورىپىلارغا بۆلۈش،ئاۋاز ئۈنۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغۇچى چوقۇم مۇشۇ گورىپىغا كىرىپ تەھرىرلەش ئۋلىپ بارىدۇ.
4-مۇزىكىنىڭ ھەر بىر بۆلىگىنىڭ ئاۋاز مىقدارنى چوقۇم ئىنىق بەلگىلەش،شۇ يولدا ئىنىق بەلگە قويۇش،Automation (ئاپتۇماتىك) مەشغۇلات ئىلىپ بارغاندا چوقۇم چوقۇم مۇزىكىنى قۇلۇقىمىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلىشىمىز كېرەك،ئىلىكتىر دەرىجىسىگە قارىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ(بۇ چاغدا قۇلاق ئىشلەيدۇ).
5-ئوخشاش مۇھىتتا ئوخشاش بولمىغان نادىر مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ قۇلاقنى پىششىتىڭ.
6-ھەددىدىن زىيادە ئاۋاز ئۈنۈم قوشۇش ۋە تەڭشەش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارماڭ،بولۇپمۇ ئاۋاز ئارلاشتۇرۇش.
قۇرۇق ئاۋازلار ھامان ئالدىغا ئۆتىۋالىدۇ(قۇلىقىمىزغا ئەڭ بالدۇر ئاڭلىنىدۇ)،ئەگەر ناخشا ئاۋازىنى ئارلاشتۇرۇپ ئاۋازنى سۈزۈك چىقىرىمەن دىسىڭىز،ئۇنداقتا Pre-Delay تىن پايدىلىنىپ ئاۋازنىڭ قۇرۇقلۇق دەرىجىسىنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ(ئاۋازنى قۇرۇق قىلىسىز ياكى ئۈنۈم قوشۇپ ئۆزگەرتىسىز)شۇ ئارقىلىق ناخشا ئاۋازنى تېخمۇ يىقىملىق قىلىسىز.
7-تۆۋەن ئاۋازلىق سازلارنى ئىشلەتكەندە(توم ئاۋازلىق)،مەسىلەن:Bass ،باس بارابانلارنىڭ ئاۋاز فازىسىنى يانتۇراق قويساق بولىدۇ(ئەمىلىي مەشغۇلات داۋامىدا سىناپ كۆرۈڭ)،چۈنكى بۇنداق يۇقۇرى ئېنىرگىيلىك ئاۋازلار ئىككى كاناي(لابا)غا تەقسىملەنگەندىن كىيىنلا ئاندىن ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
8-EQ ۋەبەزى ئۈنۈملىگۈچلەرنى ھەممە يولدىكى ئاۋازلارنى بىللە قويغان چاغدا قوشۇش كېرەك ،چۈنكى مەلۇم بىر يولدىكى مۇزىكىنى ئايرىم ئاڭلاش بىلەن،پۈتۈن يولدىكى مۇزىكىنىڭ بىللە ئاڭلاشنىڭ ئۈنۈمى ئوىشاش بولمايدۇ،EQ نى بەك چوڭ تەڭشىۋەتمەڭ،مۇشۇنداق بولغاندا ئاۋاز تەبئى،جەلىپ قىلىشچانلىغى كۈچلۈك چىقىدۇ.
9-بىر نەچچە سازلارنى ئوخشاش بىر ئاۋاز چاستوتىسى قىلىپ تەڭشەپ قويمەڭ(ئاۋز چاستوتىسىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىگىدە پەرىق بولسۇن دىمەكچى) ،بولۇپمۇ ئوتتۇرا دولقۇندا تەڭشەپ قويماڭ(ھەممىسى ئوتتۇرا دولقۇن بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ).
بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا EQ ئارقىلىق ھەرقايسى ئاۋازلارنىڭ ئاۋاز سىپىكتىرىنىEQئارقىلىق تەقسىملەڭ،شۇنداقلا ئامال بار ھەر بىر سازغا چاستوتا سىپېكتىرىبوشلىغى تەقسىملەپ بېرىڭ.مەسىلەن : گىتتار ئاۋازنىڭ تۆۋەن ئاۋاز چاستوتىسىنى پەسكە تارتسىڭىز ئاۋازى ئىنىق ،ئوچۇق چىقىدۇ،بەك پەسكە تارتىۋەتمەڭ ،بەك قۇرۇق چىقىپ قالىدۇ.
10-EQ نى بەك يۇقۇرى كۆتۈرۋەتمەڭ ياكى بەك كىچىكلىتىۋەتمەڭ.
11-EQ نى ئامال بار كىچىكرەك قىلىپ تەڭشەڭ ،ھەددىندىن زىيادە كىچىكلىتىۋەتمەڭ،ھەرگىز يۇقۇرلىتىۋەتمەڭ،ئادەملەرنىڭ ئاڭلاش قابىلىيىتى كىچىكلەتكەن(EQ قىممىتى) بۇ خىل ئاۋازلاغا نىسبەتەن سەزگۈرلىگى بىر قەدەر سەزگۈر.
12-ئادەم ئاۋازلىرىغا پىرىسلاش ئىلىپ بارغاندا ئاۋاز مىقدارى بىردەك بولۇش كېرەك،ئاۋاز مىقدارنىڭ تۇراقلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاۋاز پىرىسلۇغۇچتىن پايدىلىنىمىز،“Soft-Knee” ئاۋازنىڭ تۇيۇقسىز،يەنى ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىپ باشقىچە غەيرى ئاۋاز بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،ئەگەر پىرىسلىغاندىن كىيىن ئاۋزنىڭ يىقىملىق چىقىشىنى ئويلىسىڭىز “Opto-compress”ۋە“Hard-Knee” نى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ،پىرىسلاش ئاۋازنىڭ ئاستى قىسمىدا شاۋقۇن كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،كۈچلۈك چپىرىسلاش ئاۋازلار ئارسىدىكى شاۋقۇنلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
13-ئاۋازلارنى تىڭشىغان ۋاىتىمىزدا باشقا ئۆيگە كىرىپ ياكى ئاۋاز ياڭراتقۇدىن يىراق تۇرۇپ ئاۋازلارنى ئاڭلىغىنىمىزدا ئاۋازلارنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىگى ،تەڭپۇڭلۇغى،سۈپىتى........قاتارلىقلارنى ئاڭلىيالايمىز،بەك يىقىن ئاڭلىساق بەزى ئاۋازلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئاڭلىيالمايمىز.
14-ئومومى ئاۋاز مىقدارى بەك چوڭ بولۇپ كەتمىسۇن،بۇنداق بولغاندا ئاۋازلار يىقىملىق ئاڭلىنىدۇ،شۇنداقلا سىزنىڭ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭىزنى تۆۋەنلىۋىتىدۇ،ئادەتتە پىرىسلىغاندا تاماشىبىنلار ياقتۇردىغان شۇنداقلا قوبۇل قىلالايدىغان ئاۋاز مىقدارى بويىچە ئاۋزلارنى پىرىسلاش(ئاۋازلارنى ئارلاشتۇرۇش )مەشغۇلاتىقىلىڭ،(Disco مۇزىكىلىرى بۇنىڭ سېرتىدا).
15-قۇلاققا تىقىپ ئاڭلايدىغان تىڭشىغۇچ بىلەن ئاۋاز ياڭراتقۇدا ئاڭلىغان ئاۋاز ئوخشاش چىقىشى كېرەك،قۇلاققا تىقىپ ئاڭلايدىغان تىڭشىغۇچلاردا ئىنچىكە شاۋقۇن ئاۋازلىرىنى ئاڭلىيالايمىز،لىكىن كېرەك،قۇلاققا تىقىپ ئاڭلايدىغان تىڭشىغۇچتىلا ئاڭلىساق بولمايدۇ،ئاۋاز ياڭراتقۇلاردىن چىققان ئاۋازلارنىڭ ئاۋاز سۈپىتى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.
16-ئەگەر زۆرۆر بولمىسا Bass ۋە باس ئاۋازلىق بارابانلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ يۈرمەڭ،بۇ سازلار پۈتۈن مۇزىكىدا غوللۇق رول ئوينايدۇ.
17-ئاۋاز بۆلىگى كۆپ بولغان مۇزىكىلاردا ئوتتۇرا چاستوتىلىق مەسىلەن:soloگىتتار، Pad قاتارلىقلار ناخشا ئاۋازىغا بەلگىلىك بوشلۇق بېرىپ ،ئاۋاز چاستوتىسى بىردەك بولۇپ قالماسلىغى كېرەك،ناخشا ئاۋازى چىققاندا باشقا ئاۋاز چاستوتتىسى ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئاۋازلارغا نىسبەتەن3dB- تۆۋەن بولىشى كېرەك،بۇنداق بولغاندا پۈتۈن مۇزىكا ئوچۇق ،سۈزۈك،سىتىرولۇق چىقىدۇ.
18-ئەگەر MIDI نى پىرىسلىماقچى بولسىڭىز،ئاۋاز تەرتىپلىگۈچكە(音序器) قاراپ ئولتۇرماڭ،ئۇ سىزنىڭ ئاڭلاش سىزىمىڭىزگە تەسىر قىلىدۇ.
19-ئەگەر سىز ناخشا ئاۋازىڭىزنى تىتىرتىپ چىقىرىپ،ئاۋازىڭىزدا جەلۇپكارلىق بولمىسا شۇنداقلا ئاۋاز پىرىسلاش ۋە ئاۋاز ئۈنۈملىگۈچلەرنى ئىشلىتىشنى خالىمىسىڭىز،سىز تەببىي مۇھىتتا كونىچە ئۇسۇل بىلەن چوڭ ئۆيلەردە ،زاللاردا....ئاۋازغا ئالسىڭىز بولىدۇ.
20-پىرىسلاش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ،قۇلاقنى ياخشى ئارام ئالغۇزۇپ،ئىككىنجى كۈنى قايتا-قايتا ئاڭلاپ بېقىڭ .تۆنۆگۈنكى ئاڭلىغىنىڭىز بىلەن قانداق پەرىق بار ،تۆنۆگۈنكى سەزگۈڭىز بىلەن قانداق پەرىق بار؟شۇ مۇزىكىڭىزنى ياڭراتقۇدا،تىڭشىغۇچتا،ماشىنىدا......ھەرخىل ئاڭلاپ بېقىڭ. |
|