- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-11
- توردا
- 171 سائەت
- شۆھرەت
- 111
- پۇل
- 518
- تىزىملاتقان
- 2011-2-13
- ھوقۇقى
- 100
- يازما
- 190
- نادىر
- 5
- جۇغلانما
- 111
- UID
- 1441
  
- توردا
- 171 سائەت
- شۆھرەت
- 111
- پۇل
- 518
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-11
- تىزىملاتقان
- 2011-2-13
- نادىر
- 5
- جۇغلانما
- 111
- يازما
- 190
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ماكاندىكى قېرىنداشلار!
ئالدىنقى تېمىدا تونۇشتۇرغان ئالمىنىڭ بۇ يىلقى يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى ئېلان قىلىنغىلىمۇ خېلى بوپ قالدى،ئالدىراشچىلىقتا دوستلارغا بۇ خەۋەرنى ۋە ئۇنى قاچىلاش ئۇسۇلىنى ۋاقتىدا تونۇشتۇرالمىدىم.ئەمىسە باشقا گەپنى قويۇپ قاچىلاشنى باشلاپ كېتەيلى :
تۆۋەندىكى مەشغۇلاتلارنى 10.6.8 نەشرىدىكى ئالما سېستىمىسىدا قىلىڭ،ئۇنىڭدىن تۆۋەنلىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن
ئالما سېستىمىسى 10.7 دىن باشلاپ بىز بۇرۇن ئىشلەتكەن BootThink يېتەكلەش قورالىنى قوللىمايدىغان بولدى،بۇنىڭ ئۈچۈن بىز "خامېلىيۇن" نى ئىشلىتىمىز.ئالما سېستىمىسىدا تۇرۇپ قوشۇمچە ھۆججەتتىكى
Chameleon_2.0_RC5_r974_trunk.pkg نى قوش چېكىپ قاچىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ،"خامىلىيۇن" سېستىمىنى نورمال يېتەكلىپ قوزغىتالىغان بولسا Windows تىكى BootThink نى ئۆچۈرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى قاچىلاش دەرسلىكىدە بار.
1.ئاۋۋال "شىر" نىڭ قاچىلاش ھۆججىتىنى ۋە قوشۇمچە ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈپ تەييار قىلىڭ.
2.ئەمدى قاريىلپىزى قوزغىتىپ،应用程序 دىن 实用工具 نىڭ ئىچىدىكى 终端 نى قوزغىتىڭ.
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك بۇيرۇق كودىنى كىرگۈزۈپ،Enter نى بېسىۋېتىپ چېكىنىڭ.
- defaults write com.apple.finder AppleShowAllFiles -bool true
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ھەرپلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە دىققەت قىلىڭ.
ئاندىن كېيىن ئالما تىزىملىكىدىن "مەجبۇرى چېكىنىش" نى بېسىپ،ئېچىلغان كۆزنەكتىن Finder نى تاللاپ ئاستىدىكى قايتا قوزغىتىشنى بېسىڭ.
بۇ باسقۇچ ئارقىلىق سېستىمىدىكى يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرۈنىدىغان قىلىۋالدۇق.
3."شىر" نىڭ قاچىلاش ھۆججىتىنى تېپىپ ئوڭ چېكىڭ،ئاندىن 显示包内容 نى بېسىڭ.
بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى كۆرەلەيسىز. ئەمدى ئېچىلغان كۆزنەكتىكى ھۆججەتداندىن SharedSupport دېگەن ھۆججەتداننى ئېچىپ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى InstallESD.dmg نى قوش چېكىپ ئېچىڭ.
ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى BaseSystem.dmg نى ئېچىڭ. بۇلارنى ئېچىپ قويۇپلا كۆزنەكلەرنى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
4.ئەمدى ئىككىنچى قەدەمدىكى ئورۇندىن 磁盘工具 نى قوزغىتىڭ.تۇنجى قېتىم ئالما سېستىمىسى قاچىلىغاندا مۇشۇ قورالنى ئىشلەتكەن ئىدۇق،ئەمدى شۇ ۋاقىتتىكى ئۇسۇل بويىچە ھېلىقى 8GB لىق رايوننى Mac OS 扩展 日志 شەكلىدە فورماتلاڭ.
تۈگىگەندىن كېيىن ئوڭ تەرپتىن 恢复 خەتكۈچىنى بېسىۋېتىپ،رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك مەشغۇلات قىلىڭ.
بۇ ئارقىلىق بايىقى BaseSystem.dmg نىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى يېڭىدىن فورماتلىغان رايونغا يېزىش تەييارلىقى پۈتتى.ئەمدى ئوڭ تەرەپ ئاستىدىن 恢复 نى بېسىپ يېزىشنى باشلاڭ.
5.يېزىپ بولغاندىن كېيىن 磁盘工具 دىن چېكىنىپ،قوشۇمچە ھۆججەت ئىچىدىكى OSInstall ۋە OSInstall.mpkg نى 8GB رايوندىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا كۆچۈرۈپ ئەسلىدىكى ھۆججەت بىلەن ئالماشتۇرىۋېتىڭ.ئۇلارنىڭ ئورنىنى بىلىسىزغۇ دەيمەن.ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز ئالما قاچىلاش دەرسلىكىگە قاراڭ.
6.ئەمدى 8GB رايوندىكى System/Installations مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى Packages دېگەن ھۆججەتنى ئۆچۈرىۋېتىپ،بايا ئاچقان InstallESD.dmg نىڭ ئىچىدىكى Packages دېگەن ھۆججەتداننى شۇنىڭ ئورنىغا كۆچۈرۈڭ.بۇ ھۆججەتداننىڭ چوڭلىقى 3GB دىن ئارتۇقراق كېلىدۇ.
7.ئاخىرىدا InstallESD.dmg نىڭ ئىچىدىكى Mach-kernel دېگەن ھۆججەتنى 8GB رايوننىڭ غول مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈڭ.
8.قوشۇمچە ھۆججەتتە بېرىلگەن FakeSMC قاتارلىق بىر نەچچە مۇھىم قوزغاتقۇچلارنى System/Library/Extensions مۇندەرىجە ئاستىغا كۆچۈرۈپ قويۇڭ.
شۇنىڭ بىلەن "شىر" نى ئادەتتىكى كومپىيوتېرغا قاچىلاش ھۆججىتى تەييار بولدى.ئەمدى كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىپ بىزنىڭ قەدىرلىك "خامىلىيۇن" ئارقىلىق يېتەكلەپ قاچىلاشنى باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ.بۇنى قاتتىق دېسكىنىڭ ئايرىم رايونىغا قاچىلىسىڭىزمۇ ياكى بۇرۇنقى ئالما سېستىمىسىنىڭ ئۈستىگە قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ،بۇرۇن قاچىلىغان دېتاللىرىڭىز شۇ پېتى ساقلىنىدۇ.
شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، "شىر" سىزنى ھەقىقەتەن رازى قىلالايدۇ.
سېستىما ۋە قۇشۇمچە ھۈججەتلەرنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ :
Mac OS X Lion.rar
(1.7 MB, چۈشۈرۈش سانى: 50)
ھەممىڭلارغا ئامەت تىلەيمەن!!!
|
|