ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 421 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 2328|ئىنكاس: 9

ئاۋاز ئۈنۈملىگۈچلەر توغرىسىدا (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2280
پۇل
2996
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2280
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-8-27 12:42:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈنۈم ھاسىل قىلغۇچ مۇزىكا ئىشلەشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ،كۆپ ئىشلىتىدىغانلىرىدىن :تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ (EQ) ،ئاۋاز ئارلاشتۇرغۇچ يەنى رېۋېربېراتىسىيە (REVERB)،پىرىسلاش(COMPRESSORئەسكەرتىش: بالىلار دائىم ياسو دەيدۇ ،ياسونى ئۇيغۇرچە پىرىسلاش دەيمىز)،كىچىكتۈرگۈچ يەنى خەنزۇچىدىكى  延时( ئىنگىلىسچىسى DELAY،ئاۋاز سوزغۇچ دىسەكمۇ بولا)،خور(CHORUS) ،فازا يكتكەش يەنى فازا سىلجىتىش(PHASER)قاتارلىقلار،ئاۋازغا ئىلىش ئۆيلىرىدىكى كەسپىي ئۈنۈم  قوشقۇچلارنىڭ باھاسى دەششەت قىممەت كەسپىي زاپچاسلار،Focusrite Compounder قا ئوخشاش ئاۋاز پىرىسلۇغۇچنىڭ ئۆزىلا 6000 يۈئەندىن ئاشىدۇ،
Focusrite Compounder



ئۈنۈم قوشۇش كەسپىي زاپچاسلىرى ۋەئۈنۈم قوشۇش يۇمشاق دىتالنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىگى ۋە ئارتۇقچىىلىقلىرى بولىدۇ،ئۈنۈم بېرىش يۇمشاق دىتاللىرىنى مۇۋاپىق ئىشلەتسەك ئۇمۇ كەسپىي ئۈنۈم قوشقۇچلارغا ئوخشاش رول ئوينىيالايدۇ.
ھازىر ئۈنۈم قوشۇش قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىرى ئىنتايىن كۆپ(VST)، قايسى خىلى ئۆزىمىزگە مۇۋاپىق كىلىدۇ ؟دوسلار تۆۋەندە مەن مەن ئاددىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى بولغان يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئىچىدىن تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
1-TC شېركىتىنىڭ ئۈنۈم قوشقۇچلىرى .TC شېركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاۋاز چاستوتلىرى كەسپىدە سۈپىتى ئەڭ يۇقۇرى ئورۇندا تۇرىدۇ،شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. TC نىڭ بۇ  VST ئۈنۈم قوشۇش قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىرى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ نوپوزلۇق يۇمشاق دىتال بوپ قالدى.
TC Compressor DeEsser پىرىسلاش ۋە ئوتتۇرا تاۋۇشلۇق ئاۋازنى سۈزۈش(ئىككى تاۋۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاۋازلار سۈزۈش) ئۈنۈم قوشۇش يۇمشاق دىتالى  .
Compressor پىرىسلىغۇچ،ئاۋاز پىرىسلاشنى : ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ تۆۋەن يەرلىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش،يۇقۇرى يەرلىرىنى تۆۋنلىتىش،شۇ ئارقىلىق ئاۋاز  مىقدارىنىڭ نورماللىغىغا يەنى تەڭپۇڭلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش، پىرىسلاشنىڭ نىسبىتىنى ۋە باشلىنىش ئاخىرلىشىش ۋقىتلىرىنى تەڭشەش ئارقىلىق بەزى تۆۋەن ئاۋازلىق دۇمباق ،BASS قاتارلىق سازلارنىڭ ئاۋازىنى جاراڭلىق چىقىرىش،پىرىسلاش ئارقىلىق بۇ ئاۋازلارنى يەڭگىل بوش قىلشقىمۇ بولىدۇ،بۇنى ئاۋاز پىرىسلاش دەيمىز(压缩 يەنى بالىلار دائىم خەنزۇچە دەيدىغان ياسو،بۇندىن كىيىن ئۇيغۇرچە دەڭلار ھە ).
DeEsser نى بىز  ئوتتۇرا ئاۋاز تاۋۇشلىرىنى سۈزۈش دەپ تەرجىمە قىلىپ تۇرىلى،يەنى گىژ-گىژ ،غاژ-غاژ ئاۋازلارنى سۈزۈش.
ئۇ پىرىسلاپ تەڭشەش ئارقىلىق باشلىنىشتىكى ئاۋازلارنى ئۈلگە قىلىۋىلىپ مۇزىكىلاردىكى ئادەم ئاۋازى ۋە باشقا سازلارنىڭ ئاۋازىنى سۈزىۋىتىدۇ ،يەنى 4KHZ بىلەن 8KHZ ئارلىغىدىكى غاژ-غۇژ ئاۋازلارنى سۈزىۋىتىدۇ،ناخشا ئېيتقاندا كالپۇك بىلەن چىشىمىزنىڭ چىقارغان غاژ-غۇژ ئاۋازلىرىنى سۈزىۋىتىدۇ،شۇنداقلا چىلىۋاتقان سازىمىزنىڭ قولىمىز تەككەن،سۈركەلگەن .............قالايمىقان ئاۋازلارنى سۈزىۋىتىدۇ.
ئۇيغۇرچە-ئېنگىلىسچە ئاتالغۇلارنىڭ سېلىشتۇرمىسى:
Compressors----پىرىسلاش
attack time-----باشلىنىش نوقتىسى (ئەڭ ئالدىدىكى باشلىنىش نوقتىسى)
threshold------بوسوغا يەنى ئاڭ ئالدى
release time---باشلاش نوقتىسى(ئۆزىڭىز خالىغان باشلاش نوقتىسى)
ratio----------پىرىسلاش نىسپىتى
SoftKNEE-----بۇرۇلۇش نوقتىسىنىڭ ئەۋرىشىملىك دەرىجىسى يەنى ئەگىش نوقتىسىنىڭ ئەۋرىشىملىك دەرىجىسى
Hard Time----- قاتتىق نوقتا
SoftKNEE ۋە Hard Time ئىككىسى بىرلىكتە   بۇرۇلۇش نوقتىسىنىڭ ئەۋرىشىملىك دەرىجىسىنىڭ يۇمشاق يەنى ئەۋرىشىملىگى ۋە قاتتىقلىغىنى تەڭشەيدۇ.
De-Esser------گاژ-گۇژ ،غاژ-غۇژ ئاۋازلارنى يوقۇتۇش يەنى سۈزۈش
(باشقا تىپتىكى ئۈنۈم قوشۇش قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ ئىنگىلسچە مەنىلىرىمۇ ئوخشاپ كىتىدۇ،كىيىنچە باشقا ماركىدىكى ئۈنۈم قوشۇش يۇمشاق دىتاللىرنى تونۇشتۇرغاندا مۇشۇ بويىچە چۈشەنسەك بولىدۇ)




TC Filtrator دولقۇن سۈزۈپ ئۈنۈم قوشۇش يۇمشاق دىتالى
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا :مەلۇم ئاۋاز چاستوتا بۆلىگىنى سۈزۈپ ۋە بۇزۇلغان ئاۋازلارنى تەڭشەپ شۇنداقلا ئاۋازلارنى سىلكىتىپ يېڭىچە ئاۋاغا ئېرىشىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. TC Filtrator دولقۇن سۈزۈپ ئۈنۈم قوشۇش يۇمشاق دىتالى :FILTER دولقۇن سۈزۈش مودىلى ،LFO تۆۋەن چاستوتا ئاۋاز تىتىرتىش مودىلى،DRIVE ئالتېراتسىيە دەرىجىسى مودىلى(ئەينەنسىزلىك دەرىجىسى مودىلى)ENV FOLLOWER تا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ.ئەگەر سىز ئاۋازىڭىزنى تاشقى پىلىنىتلىق ئادەم ياكى ماشىنا ئادەمنىڭ ئاۋازىغا ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز بۇ خىل ئۈنۈم قوشۇش يۇمشاق دىتالىنى ئويلۇشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە-ئېنگىلىسچە ئاتالغۇلارنىڭ سېلىشتۇرمىسى:
Filter-----دولقۇن سۈزگۈچ
LFO-----تۆۋەن چاستوتىلۇق ئاۋاز تىتىرەتكۈچ
Speed-----تېزلىگى (تېزلىك دەرىجىسى)
Division-----پازىل نوقتىسى(پاسىل نوقتىسى)
Slope-----قىڭغىرلىق دەرىجسى(يانتۇلۇق دەرىجىسى)
Attack-----باشلىنىش ۋاقتى
HOLD-----ساقلاش ۋاقتى
DECAY-----بۆلىنىش ۋاقتى(ئايرىلىش،يىمىرلىش ۋاقتى)
(باشقا تىپتىكى ئۈنۈم قوشۇش قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ ئىنگىلسچە مەنىلىرىمۇ ئوخشاپ كىتىدۇ،كىيىنچە باشقا ماركىدىكى ئۈنۈم قوشۇش يۇمشاق دىتاللىرنى تونۇشتۇرغاندا مۇشۇ بويىچە چۈشەنسەك بولىدۇ)



TC Graphic EQ گىرافىكلىق(شەكىللىك،گىئومىتىرىك)تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈنۈم قوشقۇچ
EQ ئۈنۈم قوشۇقۇچلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۈنۈم قوشقۇچ،ئادەتتە ئاۋاز تەڭشىگۈچتە(调音台)يەنى ھەقىقىي ئاۋاز تەڭشەش زاپچىسى(يۇمشاق دىتال ئەمەس،ھەقىقىي زاپچاس) يۇقۇرى چاستوتا،ئوتتۇرا چاستوتا،تۆۋەن چاستوتىلارنى تەڭشەيمىز،بۇ ئۈچ چاستوتىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئۆزىمىز ئىرىشمەكچى بولغان ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئېرىشىمىز .
تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ ئادەتتە ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ:رەسىملىك يەنى گىرافىقلىق تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ(سىخىمىلىق)،پارامىتىرلىق(پايدىلىنىش مىقدارى)تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ،ئۆي ئىچى تەڭپڭلاشتۇرغۇچ.

رەسىملىك يەنى گىرافىقلىق تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ(سىخىمىلىق):تاختا يۈزىدىكى يەنى ئىكران يۈزىدىكى سېرىش يەنى يۇقۇرى تۆۋەن كۆتۈرۈش ئىستىرىلكىلىرىنىڭ ئورۇنلۇشۇشىغا ئاساسەن، بىۋاستە ھالدا   تەڭشىگەن تەڭپۇڭلۇق تولۇقلاش ئەگىرى سىزىقلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.بۇ سىزىقلارغا قاراپ بىز ھەر قايسى چاستوتىلارنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈش ۋە ئاجىزلاشتۇرلىشى بىر قاراپلا بىلىۋالالايمىز.كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كەسپىي رەسىملىك يەنى گىرافىقلىق تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ 20Hz~20kHz ئارلىغىدىكى سېگىناللارنى 10بۆلەك،15بۆلەك،27بۆلەك ۋە 31 بۆلەك قىلىپ كۆرسىتىپ تەڭشىشىڭىزگە قويىدۇ(مۇشۇ نوقتا سىزىقلاردىن پايدىلىنىپ تەڭشەيسىز).

،پارامىتىرلىق(پايدىلىنىش مىقدارى)تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ:تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچنىڭ ھەر بىر سانلىق مىقدارلىرىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە تەڭشەيدىغان تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ،ئاساسەن ئاۋاز تەڭشىگۈچكە قىستۇرما قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ(调音台) مۇستەققىل پارامىتىرلىق تەڭشەشىگۈچلەرمۇ بار،تەڭشەش پارامىتلىرى :چاستوتا بۆلىگى ،چاستوتا نوقتىسى،يۇقۇرى كۆتۈرۈش ۋە سۈپەت كۆپەيتكۈچىسىنىڭ Q قىممىتى قاتارلىقلار.تەڭشەش ئارقىلىق(يىقىملىق قىلىش ياكى چىرايلىق قىلىش) ئاجىزلاشتۇرۇش(خۇنۈكلەشتۈرۈش،سەتلەشتۈرۈش) ئارقىلىق بىزەپ(ياساپ)ئاۋازنى ياكى مۇزىكىنىنىڭ ئۇسلۇبىنى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىق قىلىپ تەڭشەپ ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان ئىسىل ئۈنۈملەرگە ئېرىشەلەيمىز.

ئۆي ئىچى تەڭپڭلاشتۇرغۇچ:ئۆي ئىچىدىكى (ئاۋازغا ئىلىش ئۆيى) ئاۋاز چاستوتىلىرىنىڭ قوشۇلغان خۇسۇسىيەتلەك ئەگىر سىزىقلىرىنى تەڭشەيدىغان تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ.ئۆينى بىزىگەندە (ئاۋازغا ئىلىش ئۆيى) بىزەيدىغان ماتىرياللارنىڭ ئاۋاز سۈمۈرۈش ۋە ئەكىس سادا ھاسىل قىلىشى ئوخشىمايدۇ،شۇڭا ئاۋازلارنىڭ بۇلغۇنىشىنى كەلتۈرىدۇ.شۇڭلاشقا بۇ تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچنى ئىشلىتىپ ئۆيدىكى ئاۋازلارنىڭ بۇلغۇنىشىنى تەڭشەيدۇ.
TC Graphic EQ بولسا رەسىملىك يەنى گىرافىقلىق تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ،بىز ئۇنىڭدا خۇددى رەسىم سىزغانغا ئوخشاش تەڭشەش ئىلىپ بېرىپ ھەر بىر چاستوتىلارنى تەڭشەيمىز،بۇ رەسىملەرگە بىر قاراپلا چۈشۈنەلەيمىز،ئىنتايىن قۇلايلىق.EQ نى ياخشى ئىشلىتەلەيدىغانلار ھەقىقىي ئاۋاز مۇتەخەسىسى بولالايدۇ( 混音师) (بۇ ئاتالغۇنى كىيىنچە چۈشەندۈرىمەن).مۇزىكىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىدىكى ئارلاشتۇرۇپ كىرىشتۈرۈشتە(缩混نى مۇشۇنداق دەپ تۇرىلى،كىيىنچە ئورتاق بىر ئىسىم قويارمىز) EQ ئەڭ مۇھىم تەڭپۇڭلاشتۇرۇچتۇر.



TC Limite چەكلىگۈچلۈك ئۈنۈم قوشقۇچ.
Limiter نىڭ رولى :ئاۋاز چاستوتىسىنى چوڭايتىش بىلەن بىرگە بەلگىلىك يۇقۇرى ئاۋاز چوقا قىممىتىنى چەكلەش(يەنە كونتىرول قىلىپ ئاشۇرۋەتمەسلىك) توك كۈچىنىڭ چوڭ بولىشى سەۋەبىدىن كىرگەن سېگىنالنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا :  بىسىپ چەكلىگۈچ(يۇقۇرى بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۈستىدىن بېسىپ تۇرۇپ چەكلەپ تۇرۇش).
ئۇيغۇرچە-ئېنگىلىسچە ئاتالغۇلارنىڭ سېلىشتۇرمىسى:
Reduction-----قىسقارتىش مىقدارى
Threshold-----باشلىنىش نوقتىسى
attack-----باشلىنىش ۋاختى
HOLD-----ساقلاش ۋاختى
Release-----قويۇپ بېرىش ۋاختى(باشلاش ۋاختى)
(باشقا تىپتىكى چەكلىگۈچلۈك ئۈنۈم قوشۇش قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ ئىنگىلسچە مەنىلىرىمۇ ئوخشاپ كىتىدۇ،كىيىنچە باشقا ماركىدىكى ئۈنۈم قوشۇش يۇمشاق دىتاللىرنى تونۇشتۇرغاندا مۇشۇ بويىچە چۈشەنسەك بولىدۇ)




TC Native Reverb Plusئاۋاز ئارلاشتۇرۇش ئۈنۈم قوشقۇچى(混响效果器)
Reverb  ئاۋاز ئارلاشتۇرۇش بولسا بىر ئاۋازنىڭ ئاۋاز ئىلمىنى مەركەز قىلىدىغان مۇھىت.ئادەتتە تۇرمىشىىمىزدا ،تەبئى ئارلاشتۇرۇشتۇرۇلغان ئاۋازلار مەۋجۈت بوپ تۇرىدۇ.ھازىرقى زامان مۇزىكىچىلىغىدا ئاۋازغا ئىلىشتا تەبئى ئارلاشما ئاۋازلارنى ئىشلىتىشنى تەكىتلەپ كەتمەيدۇ،يۇمشاق دىتال ياكى زاپچاسلار بىلەن ئۈنۈم بېرىپ ئۆزىمىز خالىغان  ئارلاشما ئاۋازلارغا ئېرىشىمىز.كىلاسسىك مۇزىكار ياكى ئوپىرالار ئىنتايىي ئىسىل ياسالغان ئاۋاز ئىلمىي مۇھىتى بار زاللاردا ئاۋازغا ئىلىنىپ تەبئى  ئارلاشتۇرما ئاۋازغا ئېرىشىدۇ.بۇنداق ئارلاشما ئاۋازلارغا ئېرىشەلىشى ،ئالاھىدە ياسالغان زاللار ئەڭ يېڭى پەن-تېىخنىكىسى بىلەن لاھىيلەنگەنلىكتىن بولىدۇ. قالايمىقان  ئاۋازلارنىڭ سۈمۈرلىشى ۋە ئاۋازلارنىڭ ئەكىس ساداسى بولمايدۇ.
بىز ئىشلىتىدىغان ئارلاشما ئاۋازلار 3 خىلغا بۆلىنىدۇ: HALL زال ئىچى ئارلاشما ئاۋاز ئۈنۈمى،ROOM ئۆي ئىچى ئارلاشما ئاۋاز ئۈنۈمى،PLATE تۆمۈر تاختا ئارلاشما ئاۋاز ئۈنۈمى (مىتال تاختا دىسەكمۇ بولىدۇ)،زال ئىچى ئارلاشما ئاۋاز ئۈنىمىنىڭ ئىسمىغا قاراپلا بۇ خىل ئۈنۈم ئاۋازنىڭ يوغان زال ئىچىدە چىقىدىغان ئارلاشما ئاۋاز ئۈنىمى ئىكەنلىگىنى بىلىۋالالايمىز،ئۆي ئىچى ئارلاشما ئاۋاز ئۈنىمى دىگىنىمىز :بىر ئېغىز ئۆينىڭ ئىچىدىن چىقىدىغان ئارلاشما ئاۋاز ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ،تۆمۈر تاخـتا (مىتال تاختا)ئارلاشما ئاۋاز ئۈنۈمى دىگىنىمىز :بۇرۇن ئاۋازغا ئىلىش ئۆيلىرىدە مىتال تاختىلار ئارقىلىق ئاۋازلارنى توسۇپ قايتقان ئەكىس سادا ئاۋازلىرىدىن چىققان ئۈنۈمنى كۆرسىتىدۇ.ھازىرقى زامان مۇزىكىچىلىغىدا ھەر خىل مۇزىكا چالغۇلىرى ياكى ئاۋازلار قايسى خىل ئارلاشما  ئاۋاز ئۈنۈملىرىنى ئىشلىتىدۇ بۇنىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.يوغان زاللاردا ئاۋازغا ئالىدىغان زامان ئۆتۈپ كەتتى.
ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈلگە ئىلىپ(采样) ئۈنۈم قوشۇشنى ئىشلىتىدۇ، ئۈلگە ئىلىپ ئارلاشما ئاۋاز ئۈنۈمى قوشۇش ھەقىقىي مۇھىتتىكى ھەر خىل ئارلاشما ئاۋاز ئۈنۈملىرىنى ئۈلگە قىلىپ ئۈنۈم قوشۇشنى كۆرسىتىدۇ،بۇنداق ئاۋاز تېخىمۇ ھەقىقىي بولىدۇ،بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئۈلگە ئىلىپ ئارلاشما ئاۋاز ئۈنۈم قوشۇش توغۇرلۇق سۆزلەيمەن.
ئۇيغۇرچە-ئېنگىلىسچەخەنزۇچە ئاتالغۇلارنىڭ سېلىشتۇرمىسى:
SHAPE-----形状-----ھالەت(شەكىل)
SIZE-----尺寸-----ئۇزۇن قىسقىلىغى(رەزمىرى)(ئىككى پارامىتىرنى تەڭشەش ئارقىلىق ئۆزىمىز خالىغان ئۆي شەكلىگە ئېرىشىمىز)
DIFFUSE-----漫射度-----دىففۇزىيە(چىچىلىش)
COLOR-----色彩 رەڭگى(FACTOR دىكى LO ۋە HI نى تەڭشەش ئارقىلىق خالىغان رەڭلەرگە ئېرىشىمىز)
(باشقا تىپتىكى ئارلاشما ئاۋاز ئۈنۈم قوشۇش قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ ئىنگىلسچە مەنىلىرىمۇ ئوخشاپ كىتىدۇ،كىيىنچە باشقا ماركىدىكى ئۈنۈم قوشۇش يۇمشاق دىتاللىرنى تونۇشتۇرغاندا مۇشۇ بويىچە چۈشەنسەك بولىدۇ)




TC Sonic Destructor ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىپ ئۈنۈم قوشقۇچ

TC Sonic Destructor ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىپ ئۈنۈم قوشقۇچ ئاۋاز پىرىسلاش ،چەكلەش،تۆۋەن قىسمىدىن ئۈلگە ئىلىش ۋە ئاۋاز چاستوتىسىنى ئوڭشاش ئارقىلق كونا ئاۋاز .ۈنۈملىرىگە ئېرىشىدىغان كونا تىپتىكى بىرىكتۈرمە ئۈنۈم قوشقۇچ.
BandPass、Bitter、Clipper、Crackle、Fuzzer、Noise、Rumble ۋە Squeezer بۇ  8 دانە lo-fi ئۈنۈم قوشقۇچ گورۇپىسى مەركىزىي ئايلانما يول push تىن ئۆتۈپ خىزمەت قىلىدۇ.Sonic Destructo قا يەنە پارامىتىرلىق بۇرىغۇچ(كونۇپكا) ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ قوشۇلغان ئاۋاز ئۈنۈمىنىڭ ئوىشىماسلىغىغا قاراپ ئۆزگىرەيدۇ.




TC Parametric EQ پارامىتىرلىق(参数) تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈنۈم قوشقۇچى
Parametric EQ پارامىتىرلىق(参数) تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈنۈم قوشقۇچ تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ(均衡器) نىڭ بەزى چاستوت نوقتىلىرىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئىشلىنىدۇ.مەسىلەن:63HZ、250HZ、500HZ قاتارلىقلار.ھەممىسى بىر قەدەر مۇھىم بولغان چاستوتا نوقتىلىرى.ھەقىقىي تەڭپىڭلەشتۈرگەچ زاپچاسلارنىڭمۇ مۇشۇنداق قۇرۇلمىلىرى بولىدۇ.



رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

Rank: 8Rank: 8

توردا
51 سائەت
شۆھرەت
10
پۇل
4
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-12
تىزىملاتقان
2008-4-30
نادىر
0
جۇغلانما
10
يازما
152
يوللىغان ۋاقتى 2008-8-27 12:46:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك مۇھتاج بولغان مۇشۇ بىلىمگە............               رەخمەت...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2280
پۇل
2996
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2280
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-8-27 12:54:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دەرىسلىك بەك كۆپ بولغاچقا 5~6 قىسىمغا بۆلۈپ تونۇشتۇرىمەن،ئاخىرىدا ھەر-خىل ئۈنۈملىگۈچلەر بار.

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
شۆھرەت
71
پۇل
73
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-9
تىزىملاتقان
2008-3-9
نادىر
0
جۇغلانما
71
يازما
332
يوللىغان ۋاقتى 2008-8-27 13:10:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ  ئالدى  بىلەن ،  ماكان  مۇنبىرىنىڭ  قايتا  ئېچىلغانلىقىدىن  تولىمۇ  خۇشال  بولدۇم .

Rank: 1

توردا
26 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2010-10-2
تىزىملاتقان
2008-4-30
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى 2008-8-27 18:02:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز ! مەن مۇشۇ بىلىملەرگە بەكلا ئىھتىياجلىق ئىدىم....

Rank: 3Rank: 3

توردا
264 سائەت
شۆھرەت
260
پۇل
541
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-9
تىزىملاتقان
2008-5-9
نادىر
1
جۇغلانما
260
يازما
786
يوللىغان ۋاقتى 2008-8-28 16:49:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف ئاخىرى ئېچىلىپتۇدە ، تورغا چىقسام قىلغىلى ئىش تاپالمايدىغان بوپ قالغانتىم ، بۇ مۇنبەرمۇزىكانت دوستلارغا نىسبەتەن  ھەقىقەتەن مۇنبەردەك مۇنبەر ئىكەن ، بۇندىن كىيىن كۆپچىلىك بىكار تۇرمايلى ، ھەقىچان مۇنبەرنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى نۇرغۇن دوستلىرىمىز بىلمەي قالغان بۇلۇشى مۇنكىن ئامال قىلىپ ئۇلارغىمۇ ئۇقتۇرساق بولاتتى ، نەلەردە سەرسان بوپ يۈرۈيدىكىن

Rank: 8Rank: 8

توردا
38 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-8
تىزىملاتقان
2008-5-1
نادىر
4
جۇغلانما
200
يازما
152

makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-8-28 17:03:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكان ئەپەندىگە يەنە بىر قېتىم رەخمەت.

مەندە بۇ ئۈنۈملىگۈچنىڭ ئىچىدە Filtrator نى جىق ئىشلىتىمەن.
ماكان ئەپەندى مۇشۇ Filtrator نىڭ ئىشىنى قىلىدىغان يەنە باشقا قايسىلىرى بار؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
264 سائەت
شۆھرەت
260
پۇل
541
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-9
تىزىملاتقان
2008-5-9
نادىر
1
جۇغلانما
260
يازما
786
يوللىغان ۋاقتى 2008-8-28 18:35:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ھەقىقى بىىمگە ئىگە بولدۇم رەھمەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2280
پۇل
2996
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2280
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-8-28 22:59:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈنۈملىگۈچ توغۇرلۇق تېمىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىدا بۇ سۇئالىڭىزغا جاۋاب تېپىلىدۇ،ئوخشاش ئىقتىدارلىقلىرى خىلى كۆپ

Rank: 1

توردا
19 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-1
تىزىملاتقان
2008-5-9
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
39
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-2 11:13:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرۈش ئادىرسىنىمۇ يوللاپ قويۇڭلار................
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-12 17:41 , Processed in 0.315880 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش