- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-12
- توردا
- 18 سائەت
- شۆھرەت
- 32
- پۇل
- 137
- تىزىملاتقان
- 2010-12-20
- ھوقۇقى
- 10
- يازما
- 65
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 32
- UID
- 1347

- توردا
- 18 سائەت
- شۆھرەت
- 32
- پۇل
- 137
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-12
- تىزىملاتقان
- 2010-12-20
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 32
- يازما
- 65
|
مەن ماكان مۇزىكا توربىتىگە ئەزا بولغىنىمغىمۇ ئۇزاق يىللار بوپتۇ.بۇجەرياندا مەن كەڭ دوستلارنىڭ مۇنبىرىمىزگە سىڭدۈرىۋاتقان ئەجرىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ ھازىرغا قەدەر مۇنبەر ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيۋاتقانلىغىمدىن تولىمۇ خىجالەت ھېس قىلدىم.كۆپ قېتىم تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مەن بۇقېتىم مۇنبىرىمىزدە كەم بۇلىۋاتقان بىر تەرەپنى تۇلۇقلاپ مۇنبىرىمىز ئۈچۈن ئاز-تولا بولسىمۇ ئۆز كۈچۈمنى چىقىرىشنى ئويلاپ بۇ تىمىنى يوللىدىم.بەزى دوستلارغا ئەس قېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
« KORG-pa50
» تىپلىق ئىلىكتىرونلۇق رويال بىلىملىرى.
1. « KORG-pa50
» نىڭ پاس قىسمىغا كىرىش ۋە پاس ئىشلەش.
1)-قەدەم: پاس قىسمىغا ئېكراننىڭ سول ئۈستۈن تەرىپىدىكى«RECORD
» كۇنۇپكىسى ئارقىلىق پاس ئىشلەش ھالىتىگە ئۆتىلىدۇ. «RECORD
» كۇنۇپكىسىنى باسقاندا «Current Style
» ۋە «New Style
» دىگەن ئىككى قۇر خەت كۆرىلىدۇ.«Current Style
» دىگەننىڭ مەنىسى «نۆۋەتتىكى بەتكە كىرىش» دىگەنلىكتۇر. «New Style
» دىگەننىڭ مەنىسى «يېڭى بەتكە كىرىش» دىگەنلىكتۇر.سىز قايسى پاسنىڭ ئۈستىگە پاش ئىشلىمەكچى بولغان بولسىڭىز،«CurrentStyle دىگەن خەتنىڭ سول ئۇتتۇرىدىكى«DRUM-PERC/DRUM
» كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق كىرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر يېڭى بەت ئېچىپ پاس ئىشلىمەكچى بولسىڭىز«Current Style
» دىگەن خەتنىڭ سول ئۇتتۇرىدىكى«BASS/PERC
» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كىرسىڭىز بولىدۇ.(ئەسكەرتىش: سىز ئۆزىڭىز ئىلگىرى ئىشلىگەن پاسقا كىرسىڭىز ۋە ئۇنى تەھرىرلەپ قايتا ئىشلىسىڭىز يېڭىدىن ئىشلەنگىنىنى ساقلىسىڭىزمۇ بولىدۇ ياكى ساقلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.لىكىن شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇن،ئىلىكتىرونلۇق رويالنىڭ ئۆزىدىكى پاسنىڭ ئۈستىگە ئىشلەپ ساقلىسىڭىز،رويال ئۆزىنىڭ پاسىنى يۇيۋەتكەن بولىسىز.بۇنىڭدىن كىلىپ چىققان زىيان ئۆزىڭىزگە بولىدۇ.شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشىسى يېڭىدىن بەت ئېچىپ ياساڭ).
2)-قەدەم: يۇقۇرىدىكى مەشخۇلات بويىچە باسقاندىن كېيىن ئېكراندا سول تەرەپ ۋە ئوڭ تەرەپ بۇلۇپ سەككىز قۇر خەت كۆرىلىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم مەشخۇلات كۇنۇپكىسى تۆۋەندىكىچە:
*سول ئۈستۈن1-قۇردىكى«e:v1cv:cv1
» بىرىنچى پاس يولىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.بۇنىڭ سول ئۇدۇلىدىكى «DRUM-PERC/DRUM
»كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز يول ئايرىم-ئايرىم ھالدا«e:v2 cv:cv1
»،
«e:v3 cv:cv1
»،«e:v4 cv:cv1
» قاتارلىق 2-،3- ۋە 4- يوللارغا ئۆتىدۇ.
*سول ئۈستۈن2-قۇردىكى «CV Len:2
» پاسنىڭ نەچچە تاكىتلىقىنى بەلگۈلەيدۇ. يۇقۇردىكىگە ئوخشاش بۇنىڭ ئۇدىلىدىكى «BASS/PERC
» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز تاكىت سانىنى 2 دىن 16 گىچە خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز.
*ئوڭ ئۈستۈن 1-قۇرىدىكى «R:RT RL:2
» بۇ پاسنىڭ تاكىت سانىنى ئۇدۇللاش كۇنۇپكىسىدىن ئىبارەت.بۇنى ئۈستىدە ئېيتىپ ئۈتۈلگەن 2 دىن 16 گىچە بولغان تاكىت سانى بىلەن ئۆخشاش قىلىش ئۈچۈن،بۇنىڭ ئوڭ ئۇدۇلىدىكى «UPPER1/ACC2
» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ«2»دىگەن سانغا ئۇدىللىغاندىن كېيىن، ئېكراننىڭ ئوڭ تىگى تەرەپتىكى«F4
» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز ئاندىن «2» دىگەن سان نۇر بەلگە ئارقىلىق يۇرىيدۇ.بۇۋاقىتتا سىز ئېكراننىڭ ئوت تەرىپىدىكى«DOWN/-
UP/+
» كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق تاكىت سانىنى ئۇدىللىسىڭىز بولىدۇ.(ئەسكەرتىش ئەگەر يۇقىردىكى مەشخۇلاتنى قىلمىسىڭىز سىز سول تەرەپتىكى تاكىت سانى بىلەن ئوڭ تەرەپتىكى تاكىت سانىنى ئۆخشاش قىلالمايسىز).
*ئوڭ 2-قۇرىدىكى«Metron1
» پاس ياساشتىكى ئۆتۈش تەييارلىقى ئاۋازىنى ئېچىش كۇنۇپكىسى بۇلۇپ «Metron1
» «بىر ئۆتۈش تەييارلىقى»دىگەننى بىلدۈرىدۇ. «Metron2
» «ئىككى ئۆتۈش تەييارلىقى» دىگەننى بىلدۈرىدۇ. «Metroff
» بولسا «ئۆتۈش تەييارلىق ئاۋازىنى ئېتىش»دىگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇنىمۇ ئوخشاشلا ئۇدۇلىدىكى كۇنۇپكا ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
*ئوڭ 3-قۇردىكى «Meter:2/4,4/4,4/6,4/8
» قاتارلىقلارنىڭ مەنىسى«نەچچە ئۇدارلىق پاس» دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.ئېھتىياجىڭىزغا ۋە ئۆزىڭىزنىڭ قانداق پاس ياساش نىشانىڭىز بويىچە تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.بۇنىمۇ ئۆخشاشلا بايام ئېيتىپ ئۆتكەندەك شۇخەتنىڭ ئۇدۇلىدىكى كۇنۇپكا ئارقىلىق تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.
مانا يۇقۇردا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن بارلىق مەشخۇلات تەرتىپى توغرا ئورۇندالغاندىن كېيىن رەسمىي يۇسۇندا پاس ئىشلەشكە ئۆتسىڭىز بولىدۇ.يەنى:ئېكراننىڭ سول تىگى تەرىپىدىكى كىچىك يۇمۇلاق ھالەتتىكى«TRK.SELEST
» كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىپ رەسمىي ھالدىكى پاس ياساش ھالىتىگە ئۆتكىلى بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى 1-قىسىم دەرىسلىك مۇشۇ يەرگىچە،2-قىسىم دەرىسلىكنى پۈتتۈرۈپلا يوللايمەن.ئېھتىياجلىق دوستلارنىڭ تەخىر قىلىشىنى سورايمەن. |
|