- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-16
- توردا
- 152 سائەت
- شۆھرەت
- 90
- پۇل
- 261
- تىزىملاتقان
- 2010-12-15
- ھوقۇقى
- 20
- يازما
- 86
- نادىر
- 2
- جۇغلانما
- 90
- UID
- 1323

- توردا
- 152 سائەت
- شۆھرەت
- 90
- پۇل
- 261
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-16
- تىزىملاتقان
- 2010-12-15
- نادىر
- 2
- جۇغلانما
- 90
- يازما
- 86
|
چوڭ ھەجىملىك ئاۋاز مەنبەلىرىنى تېز سۈرئەتتە قايتا قاچىلاش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ! مۇنبەردىكى دوستلار كومپيۇتېردىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتا قاچىلىغاندىن كېيىن ، قانداق قىلىپ تېز سۈرئەتتە ئاۋاز مەنبەلىرىنى قايتىدىن قاچىلاش توغرۇلۇق بەزى مەسىلىلەرگە يولۇققان بولسا كېرەك . تۆۋەندە مەن MIDIFAN تور بېكىتىنى قۇرغۇچىلاردىن بولغان جاڭ خو ۋە لۇ شياۋشۈ قاتارلىقلار يازغان «كومپيۇتېر مۇزىكىسى ئىشلەش---يۇمشاق ئاۋاز مەنبەلىرىنى ئىشلىتىش قامۇسى (电脑音乐制作---软音源使用大全)» دېگەن كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان « بەزى يۇمشاق ئاۋاز مەنبەلىرىنىڭ سىغىمى بەك چوڭ ، قايتا قاچىلاشتا قانداق قىلىپ ماتېرىيال ۋە ۋاقىتنى تېجەش كېرەك؟ » دېگەن مەزمۇننى تەرجىمە قىلىپ دوستلارغا سۇندۇم ، پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
1.6.6 بەزى يۇمشاق ئاۋاز مەنبەلىرىنىڭ سىغىمى بەك چوڭ ، قايتا قاچىلاشتا قانداق قىلىپ ماتېرىيال ۋە ۋاقىتنى تېجەش كېرەك؟
جاۋاب: ھازىرقى قىستۇرما ئاۋاز مەنبەلىرىنى ھەقىقەتەن بارغانسېرى يوغىناۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ . «مەۋھۇم گىتتارچى (Virtual Guitarist)»غا ئوخشاش 3 CD لىق سىغىم بۈگۈنكى كۈندە ئىنتايىن كىچىك ھېسابلىنىدىغان بولۇپ قالدى . تېخىمۇ چوڭ قىستۇرما دېتاللارنى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ ، بەزى دېتاللار تېخى نەچچە DVD بولغاچقا ، قاچىلاشقا خېلى كۈچ كېتىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە كومپيۇتېر داۋاملىق سىستېمىنى قايتا قاچىلاشتىن ئايرىلالمايدۇ ، بۇ ئەلۋەتتە كەڭ كومپيۇتېر مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئازاب . گەرچە سىستېمىنى قايتا قاچىلاش بىردەملىك ئىش بولسىمۇ ، ئەمما بۇ زور ھەجىملىك قىستۇرما دېتاللارنى پۈتۈنلەي قاچىلاشنى ئويلىساق بېشىمىز ئاغرىيدۇ .دائىم بەزى دوستلىرىمىزنىڭ مۇنداق گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالىمىز : سىستېمىنى قايتا قاچىلىدىم ، لېكىن ئاۋۇ قىستۇرما دېتاللارنى (VST لارنى ) ساق بىر كېچە كۈندۈزدىمۇ قاچىلاپ بولالمايۋاتىمەن !
ئەمەلىيەتتە ، سىستېمىنى قايتا قاچىلىغاندا ئاشۇ زور ھەجىملىك ئاۋاز مەنبەلىرىنى بەزى كىچىك ئۇسۇللار بىلەن تېز سۈرئەتتە قاچىلىغىلى بولىدۇ ، قاچىلاشمۇ ئىنتايىن ئاسان .تۆۋەندە كىشىلەر كۆپ ئىشلىتىدىغان «مەۋھۇم گىتتارچى (Virtual Guitarist)» يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاشنى مىسال قىلىپ ، قانداق قىلىپ تېز سۈرئەتتە زور ھەجىملىك ئاۋاز مەنبەلىرىنى قايتا قاچىلاشنى سۆزلەيمىز.
ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم ، بۇ ئۇسۇل سىز ئىلگىرى قاچىلاپ بولغان ئاۋاز مەنبەلىرىنى قايتا قاچىلاشقا ، ياكى كومپيۇتېرىڭىزدا بۇ قىستۇرما دېتالنىڭ ئاۋاز ھۆججەتلەر توپلىمى (音色包) بار بولغان ئەھۋالغا ماس كېلىدۇ .ئەگەردە سىز بۇ قىستۇرما دېتالنى ئەزەلدىن قاچىلاپ باقمىغان بولسىڭىز ، ياكى قولىڭىزدىكىسى يېڭىدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقىي نەشردىكى يۇمشاق دېتال بولسا ، ئەمىسە يەنىلا بىردىن بىردىن قاچىلىماي ئامال يوق.
كۆپلىگەن زور ھەجىملىك ئاۋاز مەنبەلىرىنى قاچىلىغاندا ، سىزدىن دائىم ئىككى ھەتتا ئۈچ قېتىم نەگە قاچىلاشنى سورايدۇ ، ھەر بىر قېتىم سورىغىنى ئوخشاش بولمايدۇ . ئادەتتە بىرىنچى قېتىم يۇمشاق دېتالنىڭ قاچىلىنىش ئورنىنى ، ئاندىن VST قىستۇرما دېتالنىڭ قاچىلىنىش ئورنىنى (VST قىستۇرما دېتالنىڭ قاچىلىنىش ئورنى دېگىنىمىز رەھبەر دېتال ، يەنى Nuendo ياكى Cubase SX قاتارلىقلارنىڭ VSTplugins ھۆججەتدانىنى كۆرسىتىدۇ ) سورايدۇ ، بەزى زور ھەجىملىك ئاۋاز مەنبە قىستۇرما دېتاللىرى يەنە سىزدىن ئاۋاز ھۆججەت توپلىمىنى نەگە قاچىلاشنى سورايدۇ . ئەگەر بىز بۇرۇن «مەۋھۇم گىتتارچى»نى قاچىلاپ بولغان بولساق ، ئاۋاز ھۆججەت توپلىمىنىڭ قاچىلىنىش ئورنىدا ، بىر ئاۋاز ھۆججەت توپلىمى ساقلانغان ھۆججەتدان بولىدۇ . 1-رەسىمگە قاراڭ .

ئەگەردە كېيىنكى قېتىم قاچىلىغاندا تېز سۈرئەتتە قاچىلىماقچى بولسىڭىز ، بۇ ھۆججەتداننى ئوبدان ساقلاپ قويۇڭ ياكى زاپاس ساقلاپ قويۇڭ ، ياكى سىستېمىنى قايتا قاچىلاشتىن بۇرۇن كۆچۈرىۋېلىڭ.
تۆۋەندە «مەۋھۇم گىتتارچى»نى قاچىلايمىز . تۇنجى قېتىم چىققان كۆزنەكتە ئىككى تاللاش بار بولۇپ ، بىرىنچىسى قىستۇرما دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ، ئىككىنچىسى ئاۋاز ھۆججەتلىرى توپلىمى . بىز ئىككىسىنى تولۇق تاللايمىز . 2-رەسىمگە قاراڭ.

ئەمدى بولسا ، قاچىلاش ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز ، بۇنى ھەممىمىز بىلىشىمىز مۇمكىن ، يەنى رەھبەر دېتالنىڭ VSTplugins دېگەن ھۆججەتدانى ئىچىگە قاچىلايمىز . 3-رەسىمگە قاراڭ.

تۆۋەندىكىسى بولسا ئەڭ مۇھىم باسقۇچ ، يەنى ئاۋاز ھۆججىتى توپلىمى (音色包)نىڭ قاچىلىنىش ئورنى . بۇ ئورۇننى خالىغانچە تاللىساق بولىدۇ . ھېلىقى تەييارلاپ قويغان ئاۋاز ھۆججىتى توپلىمى ئېسىڭىزدە باردۇ ؟ سىز زاپاس ساقلىغان ئاۋاز ھۆججىتى توپلىمى قەيەردە بولسا ، شۇ ئورۇننى تاللايسىز . 4-رەسىمگە قاراڭ.

لېكىن قاچىلىنىش ئورنىنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن OK نى بېسىۋەتمەي ، بايا ئاۋاز ھۆججىتى توپلىمىنى قويغان ئورۇنغا بېرىپ ، ئەسلىدىكى زاپاس ساقلانغان ئاۋاز ھۆججىتى توپلىمىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ قويۇڭ . مەسىلەن ، ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەرپىنى ئۆچۈرىۋەتسەكلا بولىدۇ .بۇنداق قىلىشىمىزدىكى مەقسەت ، زاپاس ساقلانغان ئاۋاز ھۆججىتى توپلىمىنىڭ قايتا ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن(ئىچىگە يېڭى نەرسىلەرنىڭ يېزىلىپ كېتىشىدىن) ساقلىنىش ئۈچۈن . 5-رەسىمگە قاراڭ.

ئەمدى قاچىلاشنى باشلايمىز . قاچىلاش داۋاملىشىپ ، ئاۋاز ھۆججىتى توپلىمىنى قاچىلاشقا باشلىغاندا ، بىۋاسىتە ۋاز كېچىشنى (取消) نى تاللىساق بولىدۇ . بۇ چاغدا ، ئاۋاز ھۆججىتى توپلىمىنىڭ قاچىلىنىش ئورنىدا ئىككى ئاۋاز ھۆججىتى توپلىمى پەيدا بولدى. 6-رەسىمگە قاراڭ.

ئەمدى بولسا ، بايىلا ھاسىل بولغان ئاۋاز ھۆججىتى توپلىمىنى ئۆچۈرىۋېتىپ ، ھەقىقىي ئاۋاز ھۆججىتى توپلىمىنى ئەسلىدىكى ئىسمىگە ئۆزگەرتىپ قويداقلا بولىدۇ . 7-رەسىمگە قاراڭ.

Nuendoنى ئېچىپ ، F11نى بېسىپ ، كۆزنەكتىن «مەۋھۇم ئېلېكترونلۇق گىتتارچى»نى تاللايمىز ، بۇ چاغدا ئۇ سىزدىن ئاۋاز ھۆججىتى توپلىمىنىڭ قاچىلىنىش ئورنىنى سورايدۇ ، سىز ئاۋاز ھۆججىتى توپلىمىنىڭ قاچىلىنىش ئورنىنى تاللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ . 8-رەسىمگە قاراڭ.

شۇنداق قىلىپ ، «مەۋھۇم گىتتارچى»نى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى . ئاۋاز تۈسى جەدۋىلىنى ئاچقىنىمىزدا ئۇنىڭ بارلىق ئاۋاز تۈسلىرىنى كۆرەلەيمىز. 9-رەسىمگە قاراڭ.

ئەمەلىيەتتە ، بۇ ئۇسۇل پەقەت «مەۋھۇم گىتتارچى» ، «ئېلېكترونلۇق گىتتارچى» قاتارلىقلارغىلا ماس كېلىپ قالماي ، ئاۋاز ھۆججەت توپلىمى بىلەن قىستۇرما دېتال ئۆزى ئايرىۋېتىلگەن بۇ خىلدىكى زور ھەجىملىك قىستۇرما دېتاللارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدۇ ! ئەلۋەتتە ھەر قايسى قەدەم باسقۇچلىرىدا ئازدۇر كۆپتۇر پەرق بار ، لېكىن پرىنسىپى پۈتۈنلەي ئوخشاش . مەسىلەن ،RA ، ئۈچ گىگانت دەپ نام ئالغان Stylus , Atmosphere , Trilogy ۋە Stylus RMX ،Symphonic Orchestra Platinum Edition , Gold Edition ، ئۇنىڭدىن باشقا Wizoo نىڭ PLP120 , VLP 120 ، SampleTank , Darbuka , Xphraze قاتارلىق نۇرغۇن زور ھەجىملىك دېتاللارنى مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە تېز سۈرئەتتە قاچىلىغىلى بولىدۇ . ئەلۋەتتە ، ئالدىنقى شەرتى سىز ئىلگىرى بۇ دېتاللارنى بىر قېتىم قاچىلىغان بولىشىڭىز ، ئاۋاز ھۆججەت توپلىمى تولۇق بولۇشى لازىم . ياكى بولمىسا ، باشقىلاردىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن تولۇق ئاۋاز ھۆججەت توپلىمى بولسىمۇ بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا ، قاچىلاش جەريانى كۆپ ئاسانلىشىدۇ ! «مەۋھۇم ئېلېكترونلۇق گىتتار ماھىرى(Virtual Guitarist Electric Edition)» دېگەنگە ئوخشاش بۇنداق دېتاللارنى ئادەتتىكى ئۇسۇل بويىچە ئوپتىك دېسكىدىن قاچىلىساق ، ئۈچ CD نى كەم دېگەندە 10 مىنۇتتا قاچىلاپ بولالايمىز . يوقۇرىقى ئۇسۇلدا بولسا ، يېرىم مىنۇتتىلا ھەل قىلىمىز. ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلنى ئۈنۈملۈك ھالدا باشقا قىستۇرما دېتاللارنى قاچىلاش جەريانىغا تەدبىقلاپ ، قىممەتلىك ۋاقتىنى تېجەپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ! |
|