- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-12
- توردا
- 45 سائەت
- شۆھرەت
- 225
- پۇل
- 642
- تىزىملاتقان
- 2011-9-4
- ھوقۇقى
- 30
- يازما
- 117
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 225
- UID
- 1696
 
- توردا
- 45 سائەت
- شۆھرەت
- 225
- پۇل
- 642
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-12
- تىزىملاتقان
- 2011-9-4
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 225
- يازما
- 117
|
مەۋلان مەمتىمىننىڭ سەۋىيەسىگە گەپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ھەربىر مۇزىكىسى زامانىۋىلىق بىلەن قەدىمىيلىك يۈكسەك دەرىجىدە بىرىكتۈرۈلگەن ،كەسىپداشلار ئىچىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر دىيىشىكە مۇناسىپ !!ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مۇزىكىچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسى ھەقىقەتەنمۇ ھەممىمىزنى قايىل قىلىدۇ!!!!! ئەمدى ماستىرغا كەلسەك ،نىمىشقا مۇزىكىنى ماستىرلايمىز؟ زادى ماستىرلاش زۆرۈرمۇ،ياكى بولمىسىمۇ بولىۋىرەمدۇ؟ سۆزلىسەك گەپ بەك ئۇزۇن،چۈنكى بۇنىڭدا ئاۋال ماستىرنىڭ نىمىلىگىنى بىلىشىمىز كىرەك،ماستىر دىگىنىمىز مۇزىكا تولۇق پۈتۈپ ،ئۈنۈملەر قوشۇلۇپ بولغاندىن كىيىنكى ئەڭ ئاخىرقى ھالقا،ئەمما پەقەت بولمىسا بولمايدىغان ھالقا ئەمەس!! بۇ ئەمدى نىمە گەپ دىسەك ،ئاددىي تىلدا چۈشەندۈرگەندە،20يول مۇزىكىنى ئۈنۈملىسەك مۇزىكىنىڭ ئىھتىياجى بويىنچە بەزى ئاۋازلارنىڭ گىرىتىسىنى كۈچەيتىمىز،بەزى ئاۋازلارنىڭ گىرىتىس دائىرىسىنى كىچىكلىتىمىز،يەنىمۇ ئاددىي چۈشەندۈرگەندە بەزى ئاۋازلارنى ئورۇقلىتىمىز ،يەنى بەزىسىنى سەمىرىتىمىز. چۈنكى بىر ئۆيگە 20مە ئادەم ئورۇنلاشتۇرىمىز دىسەك،ئۇ 20ئادەمنى بىر بىرىگە قىسىلىشماي ئەركىن پاتقۇزىمىز دىسەك چوقۇم ئۇرۇقلىتىشىمىز كىرەك بولغىنىدەك بىر ئىشتۇر.،،،،،، ئەمدى ئۈنۈملەر قوشۇلۇپ پۈتكەندە ئاڭلىساق مۇزىكىمىز ئەركىن ئاۋازلار ئوچۇق ئاڭلانغاندەك بولىدۇ،بىراق ئومومىي نۇقتىدىن ئېيىتقاندا مۇزىكىنىڭ قىلىن يۇمشاقلىقى،ئاۋازنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىغى بىزنى تازا رازى قىلالمايدۇ،دەل مۇشۇ ئىھتىياج چۈشكەندە ماستىرغا مۇراجەت قىلىمىز،،،،بىراق بەزى مۇزىكىلارنى ماستىرلاشنىڭ زادى ھاجىتى يوق،مەسلەن ؛كىلاسسىك سىمفونىيە مۇزىكىلىرى،ياكى بىزنىڭ دۇتتتار تەمبۇردا ئورۇنلانغان مۇزىكا دىگەندەك، چۈنكى مۇزىكىنىڭ ئۇسۇلۇبىدىنمۇ چىقىپ تۇرىدۇ،كىلاسسىك دىگىنىمىز قەدىمىي ،ياكى ئەسلى دىگەندەك!!! ئەلۋەتتە ناخشا مۇزىكىلاردا مۇتلەق نەرسىلەر بولمايدۇ ،ھەم ھەربىر تۇتقان مۇزىكىچى ناخشىچىنىڭ تۇتقان يولى ھەم خىزمەت ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،،ئاخىرىدىكى نەتىجىسى ئەڭ مۇھىمدۇر!!!! ئەمدى مەۋلان مەمتىمىننىڭ دىگەن تەلىمىگە كەلسەك،،ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار،چۈنكى بىز ئىنسانلارنىڭ ئاڭلاش سىزىمىنى ئادەتتە 20Hz-20kHzدەپ پەرەز قىلىنىدۇ،شۇڭا بەزى ۋاقىتلاردا قۇلاق بىلەن پەرىقلەندۈرۈش سەل قىيىن ،چۈنكى بىز ئىشلەتكەن ياڭراتقۇ،ياكى مۇھىت دىگەندەك ئامىللار تۈپەيلىدىن قۇلاققا تايىنىپ ھۆكۈم چىقىرىش قىيىن،ھەم بىر ئاز ئۇزۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ،شۇڭا بەزى نەرسىلەر نى فورمۇلا ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىمىز،بىراق فورمۇلا دىگىنىمىز بىر قىلىپ ،بۇ قىلىپنىڭ قايسى قىسىمى بىزنىڭ مۇزىكىمىزغا توغرا كىلىدۇ بۇنى يەنىلا كاللىغا ھەم قۇللاققا تايىنىپ ھۆكۈم چىقىرىمىز،چۈنكى بىر گىتتارنى ئىلىپ ئېيىتساق مەۋلاننىڭ تەڭشىگەن ئۇسۇلى ياكى فورمۇلاسى بولسۇن ،ياكى بىر چەتئەللىكنىڭ بولسۇن ئۇنى قارىغۇلارچە ئىشلەتكەندە دىگەن ئۈنۈمگە يىتەلمەيمىز،(بۇ دىگىنىم خاتا ياكى توغرا دىگىنىم ئەمەس ،پەقەت يىڭى ئۈگەنچى دوسلارغا تەكلىۋىم ) نىمىشقا دىسەك ،مەۋلان ئۈنگە ئالغان مىكروفون،ياكى مىكروفوننىڭ ئۈنگە ئالغاندا گىتتار بىلەن بولشان ئارلىغى بولسۇن ،بىزنىڭ ئۈنگە ئالغىنىمىز بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇشى ناتايىن،ئەلۋەتتە يەنە گىتتارنىڭ ئۆزى بىلەن گىتتارچىنىڭ ئۆزىنىڭ ھىسسىياتىمۇ مۇھىم ئامىلدۇر،شۇڭا مۇزىكىدا فورمۇلاغا ھەم تايىنىمىز ھەم ئەركىن تەپەككۈر يۈرگۈزىمىز!!! گەپنىڭ پوسكاللىسى پۈتۈپ چىققان بىر ياخشى ئەسىرىمىز ھەممىنى بەلگىلەيدۇ!!!!!! كەسىپدىشىمىز مەۋلانغا اللادىن سالامەتلىك ،بەخىت ۋە ئامەت تىلەيمەن!!!!!! |
-
ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 12
باھا خاتىرىسى
|