- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-15
- توردا
- 2103 سائەت
- شۆھرەت
- 2727
- پۇل
- 3730
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2715
- نادىر
- 53
- جۇغلانما
- 2727
- UID
- 1
  
- توردا
- 2103 سائەت
- شۆھرەت
- 2727
- پۇل
- 3730
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-15
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 53
- جۇغلانما
- 2727
- يازما
- 2715
|
بىر نەچچە دوستىمىز سۇرناي ئاۋازىنى تەلەپ قىلىپ تېما يوللاپتىكەن، ئېنكاس شەكلىدە يوللاپ بېرەي دپ ئويلىغان ئىدىم،لىكىن سۇرنايغا بولغان چۈشەنچىنى دوسلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئايرىم تېما قىلىپ يوللىدىم.
سۇرناي
قەدىمكى زامانلاردىكى ئۇيغۇرلار سۇرناينى چىلان ياغىچىدىن ياساپ ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ كىچىك ئۇچىدا قومۇشتىن ياسالغان ئاۋاز چىقىرىش پىپىرى بولۇپ، ئۇنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. چوڭ ئۇچىغا بارغانسېرى ئىچىدىكى بوشلۇق كېڭىيىپ ئاغزى كارناي شەكىلدە ياسىلىدۇ. ئۈستىدە كۆپلىگەن تۆشۈكچىلەر بولۇپ، بالىمانغا ئوخشاش تۈز تۇتۇپ، بارماق بىلەن بېسىپ، پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. سۇرناينىڭ ئۇزۇنلۇقى 43 سانتىمېتىر، كانايسىمان ئاغزىنىڭ دىئامېتىرى (مىستىن ياسالغانلىرىنىڭ) 8 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. سۈپىتى ياخشى سۇرنايلارغا سۆڭەكتىن خىلمۇخىل كۆركەم نەقىشلەر قويۇلىدۇ. سۇرناينىڭمۇ ئادەتتە ئۈستۈنكى تەرىپىدە يەتتە، ئاستىنقى تەرىپىدە بىر، جەمئىي سەككىز ئاۋاز تۆشۈكى بولىدۇ. ئاستىنقى تۆشۈكى ئۈستۈنكى 1 - تۆشۈكىنىڭ ئاستىغىراق توغرا كېلىدۇ. سۇرناينىڭ ئاۋاز دائىرىسى e1 ئاھاڭىدىن g2 ئاھاڭىغىچە بولىدۇ. بارماق قائىدىسى نەي ۋە بالىمانلارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
سۇرناي تەخمىنەن مىلادىيەنىڭ ئالدى - كەينىدە بۇرغا قاتارلىق قەدىمكى چالغۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، دەسلەپتە كالا مۈڭگۈزىدىن، كېيىنچە ياغاچ ۋە مىستىن ياسىلىدىغان بولغان. «بۈيۈك چىڭ مۇراسىم شەكىللىرى» ۋە «خان ئوردىسى مۇراسىم ئەسۋابلىرى شەكلى» قاتارلىق تارىخنامىلەردە ئېنىق ھالدا، قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى تەلەپپۇزى بىلەن «سۇرناي» (苏尔奈) دەپ خاتىرىلەنگەن.
سۇرناي ئاۋازى ياڭراق چالغۇ بولۇپ، قەدىمكى زامانلاردا ناغرا - دۇمباقلار بىلەن بىرگە ھەربىي ئىشلاردىمۇ ئىشلىتىلگەن. تارىختىن بۇيان سۇرناي ۋە ناغرا - دۇمباقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيىت - بايرام خۇشاللىقىنىڭ ئالاھىدە سىمۋولى سۈپىتىدە، ھازىرغىچە تەنتەنىلىك مۇراسىملار، توي - تۆكۈن ۋە ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ.
Surnay
Qedimki zamanlardiki uyghurlar surnayni chilan yaghichidin yasap ishletken. Uning kichik uchida qomushtin yasalghan awaz chiqirish pipiri bolup, uni xalighanche almashturup ishlitishke bolidu. Chong uchigha barghanséri ichidiki boshluq kéngiyip aghzi karnay shekilde yasilidu. Üstide köpligen töshükchiler bolup, baliman'gha oxshash tüz tutup, barmaq bilen bésip, püwlep chélinidu. Surnayning uzunluqi 43 santimétir, kanaysiman aghzining diamétiri (mistin yasalghanlirining) 8 santimétir öpchöriside bolidu. Süpiti yaxshi surnaylargha söngektin xilmuxil körkem neqishler qoyulidu. Surnayningmu adette üstünki teripide yette, astinqi teripide bir, jem'iy sekkiz awaz töshüki bolidu. Astinqi töshüki üstünki 1 - töshükining astighiraq toghra kélidu. Surnayning awaz dairisi e1 ahangidin g2 ahangighiche bolidu. Barmaq qaidisi ney we balimanlargha oxshiship kétidu.
Surnay texminen miladiyening aldi - keynide burgha qatarliq qedimki chalghularni tereqqiy qildurush asasida meydan'gha kelgen bolup, deslepte kala münggüzidin, kéyinche yaghach we mistin yasilidighan bolghan. «Büyük ching murasim shekilliri» we «xan ordisi murasim eswabliri shekli» qatarliq tarixnamilerde éniq halda, qedimki zaman uyghur tili teleppuzi bilen «surnay» (苏尔奈) dep xatirilen'gen.
Surnay awazi yangraq chalghu bolup, qedimki zamanlarda naghra - dumbaqlar bilen birge herbiy ishlardimu ishlitilgen. Tarixtin buyan surnay we naghra - dumbaqlar uyghurlarning héyit - bayram xushalliqining alahide simwoli süpitide, hazirghiche tentenilik murasimlar, toy - tökün we her xil köngül échish sorunlirida keng
.......................................................
ئىسمى: سۇرناي
........................................................
دىتال فورماتى: VST
........................................................
نەشىرى : 1.0
........................................................
ئۇسلۇبى: ئۇيغۇر چالغۇسى
........................................................
ئىشلەيدىغان سېستىمىسى : 
........................................................
تارقىتىلىش شەكلى: ھەقسىز
........................................................
سەيياھ، ئەگەر بۇ تىمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ
........................................................

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: پىرىسىتىن يىشىپ HALION نىڭ ئىچىگە ئېكىرىپ ئىشلىتىمىز.
دىققەت: پىرىستىن يىشىش مەخپىي شېفىرى: www.makanmusic.com |
|