ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 420 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 487|ئىنكاس: 10

دوپپا مەدىنىيەت بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2280
پۇل
2996
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2280
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 13:31:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




دوپپا-ئۇيغۇرلارنىڭ ئستىتىك  قارىشىدا ئەكىس ئەتكەن  تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى. ئۇيغۇرلار بوستانلىق مەدەنىيتىگە قەدەم قويۇپ،شەھەرلىششكە يۈزلەنگەندىن تارتىپلا ماددى ۋە مەدەنىۋى تۇرمۇشىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا كۆپ تىرىشقان .جۇملىدىن كىيىم-كىچەك مەدەنىيتىدە تاشقى كۆرۈنۈشكە ،يارىشىمچانلىققا ئەھمىيەت بەرگەن.

ھەرخىل مىللەتلەر،ھەرخىل كەسىپ ،ھەر خىل ئىھتىياج تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان باش كىيىمىنى كىيىشىدۇ.ھەرقانداق  باش كىيىمى ئىجتىمائى ئالاقىدە ئەڭ تىز ۋە بىۋاستە كۆزگە تاشلىنىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.بۇگۇنكى دۇنيادا باش كىيىمى –بەزىدە كەسىپكە ۋەكىللىك قىلسا ،بەزىدە ئىجتىمائى ئورۇنغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.لىكىن ئۆزگىچە مىللى مەنىگە ۋە ئەنئەنىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان،ھەرقانداق ياشتىكى كىشىنىڭ كىيىشگە ماس كىلىدىغان،ئوبرازلىق  سەنئەت تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان،تەبىئەت بىلەن زىچ باغلانغان ئستىتىك زوق بىرەلەيدىغان باش كىيىمى بۈگۈنكى مەدەنىيەت ئالىمىدە كۆپ بولمىسا كىرەك.
بادام ، چىمەن قاتارلىق دوپپىلار-ئەمگەكچان،تەبىئەت ۋە گۇزەللىكنى قىزغىن  سۆيىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجادىيتى .
كەڭرى كەتكەن ياۋرو-ئاسىيا يايلىقىدا ياشاپ كەلگەن بارچە تۈركى خەلقلەر ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خوشنىسى بولغان تاجىكلار،ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلىرى ھەممىسى مەلۇم ئوخشاشلىققا ئىگە بولغان باش كىيمى كىيدۇ. مۇتەخەسسلەر ،تارىخشۇناسلار تارىم بوستانلىقىدا كىيىپ كەلگەن بادام ۋە چىمەن،چىكەن دوپپىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قول-ھۈنەر سەنئىتىنڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ كەلدى.
ئۇيغۇر دوپپىسىغا ئىگە بولۇش، بوۋا-مومىلىرىمىزدىن قالغان بۇ ئسل مەدەنىيەتنى داۋام ئەتتۈرۈش ،بۇلارنى تۇرمۇشىمىزدا گەۋدىلەندۇرۈش –بىز ئىز ئىزلىگۈچىلەرنىڭ زۆرۈر ئشى.
  
ئۇيغۇر دوپپىسى-ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدۇر.

ئۇ كۆركەملىكى ، ئەپلىكلىكى ، مىللى جەلىبكارلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس ، بەلكى مەملىكىتمىزدە  ياشاۋاتقان قىرىنداش مىللەتلەردىن  خەنزۇلارنىڭ  ۋە  باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا ھەرساھە چەتئەللىك دوستلارنىڭ  ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە. دوپپا كەيگەنلەر – كەيمىگەنلەرنى ھەۋەستە قالدۇرۇپ كەلمەكتە.

دوپپا –ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم مىللى ھەم  دىنى باش كىيىمى بولۇش سۇپىتدە ئەنئەنىگە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن بىرگە كىشگە ئىللىق كەيپىيات،يىقىملىق تۇيغۇ بەخش ئىتىدۇ.ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىيىنىش ئستىتىك ئىڭنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ.قەدىمكى دەۋىرلەردىن ئىزچىل كىيىلىپ كەلگەن  بۇ باش كىيىم  ئەلۋەتتە نۆۋەتتىمۇ كىيىشكە ماس كىلىدۇ. ئۇ زامانىۋى ھەم كىلاسسسىك مەدەنىيەتكە ئورتاق ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
دوپپا مۇئەييەن چەكلىك سورۇنلاردىلا ئەمەس،باشقا كۇندىلىك تۇرمۇش بىلەن باغلانغان ھەرقانداق مەدەنى، ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائى سورۇنلاردا كىيىشكە ماس كىلىدۇ.
دوپپا –قانداقتۇر بىر سىنىپ ياكى بىردەرىجىگە ئەمەس ،بەلكى ئورتاقلىق ۋە باراۋەرلىككە،خۇراپاتلىققا ئەمەس،مەدەنىيلىككە  ،ئارقىدا قىلىشقا ئەمەس –مەزمۇت قەدەم تاشلاشقا ،يىتىم قىلىشقا ئەمەس بىرلىككە ،ئەۋلاتلارغا ئەنئەنە ئۇزۇلۇپ قىلىشى ئەمەس داۋاملىششقا،ۋارسلىق قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

دوپپا مەدەنىيتى ھەققىدە

ناخشا ئۇسۇلغا ماھىرلىقى بىلەن داڭلىق بولغان ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزۇن تارىخىقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەممە يىرىدە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. دوپپا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىپىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمىدىن ئىبارەت. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا ياكى شىمالىدا بولسۇن، ئەر- ئايال ، قىرى - ياش بولسۇن، مەيلى قىش ياكى باھار - ياز بولسۇن ، ئۇيغۇر خەلق ئاممىسى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇ تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ قالماستىن بەلكى بىر خىل كۈچلۈك مىللى تۈسكە ئىگە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمى.
دوپپا- ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم- كىچەك مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن مۇھىم تۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ھەر قىتىم ھېيىت ئايەم، توي - تۆكۈنلەردە ، كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ئۇرۇق تۇققانلار ئۇچرىشىشى بولسۇن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خىل نەپىس ئىشلەنگەن دوپپىنى كىيىپ ياسىنىدۇ. ئالاقە سورۇنلىرى، يىغىلىش ھەتتا دوپپا كۆرگەزمىسىدە ھەر خىل دوپپىلار كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. كىشىلەر نەپىس دوپپىلاردىن مىھرىنى ئۈزەلمەي قالىدۇ. دوپپا يەنە كىشىلەر سوۋغا سۈپىتىدە باشقىلارغا سوۋغات قىلىنىدۇ، نەپىس سەنئەت بويۇمى سۈپىتىدە تىزىپ قويۇلىدۇ. ئۇنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ياقتۇرۇپ قالماستىن يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئالقىشقا ئىرىشمەكتە.
بۇ بىر قىسىم مۈنەۋۋەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت مىراسىنى يىغىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، مىللى سەنئىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، يىڭىلاش، ۋەتىنىمىز مىللەتلىرىنىڭ مەدىنىيەت سەنئەتنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتە بەلگىلىك تۈرتكىلىك رولنى ئوينايدۇ.

تىكىلىشى :بۇ دوپپىلارنىڭ ھەممىسى تۇت تالا ئۇچ بولۇڭ شەكىللىك خىرىت بىلەن جۇپلەپ تىكىلىدۇ ،ئۇستىگە تەكشى كەشتىلەش ،تۇگۇپ زەر يىزىپ بىلەن يۇگەپ كەشتىلەش،كىرسىت شەكىللىك كەشتىلەش ئۇنچە مارجانلارنى تىزىپ تىۋېتلەپ كەشتىلەش ،كاتەكچى توسما توسما كەشتىلەش ،گىرەلەشتۇرۇپ كەشتىلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەرخىل سىزىقلار ،قاپارتما كەشتە نەقىشلىرى ئارقىلق ئەڭ ئاخىردا قارا مەشۇت يىپ بىلەن گۇللەرنى بويلىتىپ كەشتىلەپ پوتكۇزۇلۇپ چىقىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دوپپا نۇسخىسى تۈرلىرىنىڭ كۆپ، شەكلى خىلمۇ- خىل. يىڭنە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن: تەشمە تىكىش ئۇسۇلى، ئىلماپ تىكىش ئۇسۇلى، مارجان قىستۇرۇش ئۇسۇلى، گىئومىتىرىك تىكىش ئۇسۇلى، زەر يىپتا تىكىش ئۇسۇلى، + شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى .. قاتارلىقلار. تىكىش ئۇسۇلى: رەخت تاللاش، نۇسخا تاللاش، يىپ تاللاش، تىكىش، ئەستەرلەپ سىزىق- سىزىق ئارلىقىدىن پىلتىكۈچ بىلەن قەغەزدە پىلتە بېرىش، قوندۇرۇش، قېلىپقا سېلىش، ئىچىگە ناۋات سۈيى پۈركۈپ يات بېرىش. دوپپىنىڭ ماتىريالى ھەرخىل رەڭدىكى دۇخاۋا، مەخمەل، تاۋار- دۇردۇن، ئەستەر ئۈچۈن شايى ئەتلەس ياكى ئاددىي يىپ رەخت، مەشۇت يىپ، ( يىگىرمە تۆتتىن ئوتتۇز ئىككى خىلغىچە)، ئاق خەسە، قەغەز، شىلىم، ناۋات، جىيەك، قېلىپ، پىلتىكۈچ، گۈل نۇسخا تامغىسى( ئويما) قاتارلىقلار.

كۆپ قىسىم دوپپىلار قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئايرىمىسى بويىچە تۆت نوختا ئاساس قىلىنىدۇ. ئۆز ئارا جىپسىلاشتۇرۇش، يۈرۈشلۈك شەكىل، ئەڭ ئاخىرىسى قارا جىيەك تۇتۇش، ھەمدە قاتلاشقا ماسلاشقان بولۇپ، ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، بەش گۈل بەرگىسى(بەش بۇرجەكلىك) شەكىللىك دوپپىلارنى ئاز ساندا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمما سانى بەك ئاز. دوپپا نۇسخىسىنىڭ جىيەك شەكلى كۆپ خىل ، نۇسخىلىرى ئۈزگىچە بولۇپ ئادەتتە تۆت گۈل بەرگىسى چىكىلگەن ئايرىم شەكىلگە ئىگە بولىدۇ. دوپپىنىڭ ئۈستى بىلەن تۆت جىيەك سىممىتىرىك كىلىدۇ. نۇسخا قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن تەھلىل قىلساق كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ئىلماپ تىكىش، تۆشۈك تىشىپ تىكىش ئۇسۇللىرىدا بىر تەرەپتىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇرۇلمىغا بىر ياكى ئىككى نۇسخا چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. بىر ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇرۇلما بىر گورۇپپا قىلىنىدۇ. نۇسخىسى ئىنچىكە ۋە زىچ تىكىلىدۇ. تەگلىك تۇتۇقراق رەخىتلەردىن تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ تەگلىك رەڭ بىلەن گۈل رەڭىگى روشەن پەرقلىنىدىغان قىلىنىپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ ھەممە يىرىگە گۈل چىكىلگىنى چىمەن دوپپا دەپ ئاتىلىدۇ.

بادام دوپپا - گۈل نۇسخىسى بولسا بادامنى ئاساسىي شەكىل قىلغان بولىدۇ. يەنە قوشۇمچە گۈل چۈشۈرىلىدۇ. بۇ خىل دوپپىنى كۆپرەك ئەرلەر كىيىدۇ. ئادەتتە قارا تەگلىك ئاق گۈللۈك نۇسخىسىدا بولۇپ، شەكلى كۆپ، ئۆزگىرىشچان. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ رەڭگى ئاددىي ھەم قەدىمىي ئۇسلۇپتا، كۆركەم، نەپىس، چىرايلىق. بۇنى ئادەتتە بادام دوپپا دەپ ئاتايدۇ. بۇخىل دوپپا شىنجاڭدىلا ئەمەس ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ كەڭ تارقالغان.


بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ <دوپپا مەدىنيەت> بايرىمى،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەزالارنىڭ< دوپپا مەدىنىيەت >بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن!
بارىلىق دوسلارنىڭ بۇ بايرامدا دوپپا كىيىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن
پېقىر ماكانمۇ بۈگۈن دوپپا كىيىپ يۈردۈم

Rank: 8Rank: 8

توردا
729 سائەت
شۆھرەت
433
پۇل
576
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2008-5-12
نادىر
2
جۇغلانما
433
يازما
772

makan makan

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 13:37:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ دوپپامنى ئېلىپ كىيىۋالدىم ، ئەجەپ ياراشتى دىسە ~~~`
دوپپا كەيگەن چىراي ئىپادىلېرىنى چۈشۈرۋىلىڭلار ~~
doppa.rar (33 KB, چۈشۈرۈش سانى: 23)

Rank: 3Rank: 3

توردا
371 سائەت
شۆھرەت
378
پۇل
1458
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2009-1-12
نادىر
0
جۇغلانما
378
يازما
533
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 13:53:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمسە مەنمۇ كىيۋالاي ، چۈشكچە ئۇقماي يۈرۈپتىمەن . چۈشتن كىين بولسىمۇ  بايرام ئۈتۈپ كەتكۈچە كىۋالاي.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2280
پۇل
2996
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2280
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 15:50:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



Rank: 1

توردا
17 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
14
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-19
تىزىملاتقان
2011-3-26
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
124
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 16:14:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ دوپپامنى ئېلىپ كىيىۋالدىم :)

Rank: 3Rank: 3

توردا
489 سائەت
شۆھرەت
395
پۇل
940
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2008-10-11
نادىر
4
جۇغلانما
395
يازما
1144

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 16:20:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كىيىۋالاي ئۆيەمدىكى دوپپامنى  

Rank: 3Rank: 3

توردا
140 سائەت
شۆھرەت
222
پۇل
808
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
تىزىملاتقان
2009-1-21
نادىر
0
جۇغلانما
222
يازما
301
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 18:48:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارنىڭ دوپپا بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، ئۇيغۇر بولۇپ يارالغىنىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن.

Rank: 1

توردا
53 سائەت
شۆھرەت
22
پۇل
153
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-4
تىزىملاتقان
2009-5-6
نادىر
0
جۇغلانما
22
يازما
128
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 20:26:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارنىڭ دوپپا بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، ئۇيغۇر بولۇپ يارالغىنىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن.

Rank: 1

توردا
17 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
14
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-19
تىزىملاتقان
2011-3-26
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
124
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 02:20:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 2

توردا
159 سائەت
شۆھرەت
95
پۇل
451
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
تىزىملاتقان
2008-10-10
نادىر
0
جۇغلانما
95
يازما
409
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 03:37:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كىيۋالاي ئەمىسە تويدا مۇكاپات ئاغان دۇپپامنى

Rank: 1

توردا
23 سائەت
شۆھرەت
11
پۇل
63
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-22
تىزىملاتقان
2011-2-7
نادىر
0
جۇغلانما
11
يازما
105
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 04:49:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارنىڭ دوپپا بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-13 15:37 , Processed in 0.219500 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش