ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 421 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 2129|ئىنكاس: 10

孤岛危机 ئوينىغانمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
38 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-8
تىزىملاتقان
2008-5-1
نادىر
4
جۇغلانما
200
يازما
152

makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-16 02:22:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن بۇ سەۋىپىدىكى MUSICPRO نىڭ بىر تېمىسىغا جاۋاپ يېزىۋېتىپ بىر نەرسە دېققىتىمنى تارتىپ قالدى، مەدىكار ئەپەندىم كومپىيۇتېر سەپلىمىسى ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەچ بىر ئويۇننىڭ ئىسىمىنى دەپ ئۆتۈپتۇ. قارىسام بۇ مەن ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغان ئويۇن ئىكەن، شۇڭا بۇ ئويۇن توغرۇلۇق بىر تېما ئاچقۇم كېلىپ قالدى. ئادەتتە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بەزىدە ئانچە-مۇنچە ئويۇن ئويناپ قۇيىمەن، مەسىلەن: ئېتىشىش، ماشىنا مۇسابىقىسى دىگەندەك. ئەمدى بۇ دىگەن مۇزىكا توغرۇلۇق دە-تالاش قىلىدىغان مۇنبەر تۇرسا ئويۇننىڭ نىمە ئىشى؟ دېسەڭلار ئۆزەممۇ بىلمەيمەن ئىشقىلىپ مۇشۇنداق بىر تېما ئاچقۇم كەپ قالدىغۇ.   كەچكىچە مۇزىكا ئىشلەپ قۇلاقنىڭ ئىچى-تېشىمۇ پاڭ بۇلاپ كەتتى، بەزىدە ئاز-پاز ئويۇن ئويناپ كۆڭۈل ئېچىپ قويغاننىڭمۇ زىيىنى يوق.

بۇ تېمىنى يېزىشىمدىكى يەنە بىر سەۋەپ بولسا پۈتۈن دۇنيادا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن، نەچچە ئايلاپ سېتىلىش ۋە بىرىنچىلىك تاختىسىدىن چۈشمىگەن بۇ ئويۇننى ئىشلىگەن Crytek شېركىتنىڭ خوجايىنى ۋە ئويۇننىڭ باش لاھىيەلىگۈچىسىنىڭ بىر تۈرك بۇلىشى ئىدى.

                                                                                                                     

Crytek شېركىتى، 1999- يىلى گىرمانىيەدە ياشايدىغان جەۋات يەرلىك، ئاۋنى يەرلىك ۋە پەرۇخ يەرلىك ئىسىملىك ئۈچ تۈرك تەرىپىدىن گىرمانىيەنىڭ كۇبورگ شەھرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، يەرلىك ئاكا-ئۇكىلار 2006- يىلى باش مەركىزىنى فرانكفۇرتقا يۆتكەپ كېلىدۇ. ھازىر جەمئىي 250 ئەتراپىدا خادىمى بار. يەرلىك ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئىشلىگەن تۇنجى ئويۇنى Far Cry خەنزۇچە ئىسىمى 孤岛惊魂 بولۇپ، 2004- يىلى بازارغا سالغاندا خۇددى بۇ ئويۇندەكلا بازار تېپىپ كەتكەن. ئۇ ئويۇندا پۈتۈنلەي ئۆزلىرى ئىشلەپ چىققان CryEngine-1 ئويۇن موتورىنى ئىشلەتكەن ئىدى. ئاراڭلاردا ئۇ ئويۇننى ئوينىغانلار چوقۇم بۇلىشى مۈمكىن. تىنچ ئوكياندىكى بىر ئىپتىدائىي ئورمانلىقلار بىلەن تولغان ئارالدا ئۆتىدىغان بىر ئويۇن ئىدى. ئۇ توغرۇلۇق جىق سۆزلىمەي.

ئەسلى تېمىمىز بولغان يېڭى ئويۇنىنىڭ خەنزۇچە ئىسىمى 孤岛危机 ئەسلى ئىسىمى بولسا Crysis بولۇپ، زادى نىمە مەنىگە كەلگەنلىكىنى ئويۇننى ئىشلىگۈچىلەردىن باشقىلار بىلمىسە كېرەك. بۇ ئويۇن 2007- يىلىنىڭ ئاخىرىدا بازارغا سېلىندى، ئىشلەتكەن ئويۇن موتورى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيىتى بولغان CryEngine-1 نىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان شەكلى CryEngine-2 موتورى بولۇپ، بۇ مەۋھۇم ئويۇن دۇنياسىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى رېئال دۇنيادىكى ھەقىقىي كۆرۈنۈشكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان بىر موتور. ئويۇننى ئىشلەشكە 3 يىلغا يېقىن ۋاقىت، 20 مىليون ياۋروغا يېقىن پۇل كەتكەن بولۇپ، ھازىرغا كەلگۈچە ئىشلەشكە ئەڭ جىق پۇل كەتكەن ئويۇن بولدى.  

ئەمدى ئويۇننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:

2020- يىللىرى... جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ يېقىنلىرىدىكى Spratly تاقىم ئارىلىغا ئاسماندىن بىر مېتىئورىت چۈشۈپ غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلايدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئارالنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن 6 نەپەر ئارخېئولوگ ئەۋەتىدۇ ( ئەسلىدە جاسۇسلار)، ئەمما بۇ ئارخېئولوگلار ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنى تېپىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر گۇرۇپپا زەربىدارلىرى ئارالغا بارىدۇ. ئەمما ئارالغا يېتىپ بارغاندا بۇ ئارالنىڭ ئامېرىكىلىقلاردىن بۇرۇن شىمالىي چاۋشىيەن ئارمىيەسىنىڭ ئىگەللەپ بولغانلىقىنى بايقايدۇ شۇنداق قىلىپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن چاۋشىيەن ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش كېلىپ چىقىدۇ. ئىككى تەرەپ تازا ئۇرۇشىۋاتقاندا ئارالدىكى بىر تاغ تۇيۇقسىز ئوتتۇرىسىدىن ئىككىگە ئايرىلىپ ئىچىدىن ئىنتايىن چوڭ بىر تاشقىي پىلانىتا كېمىسى چىقىدۇ ۋە بىر خىل كۆك نۇر چىقىرىپ پۈتۈن ئارالنى خۇددى ئانتراكتىداغا ئوخشاش توڭلىتىپ قۇيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىلىقلار بىر تەرەپتىن ئۇرۇشۇپ بىر تەرەپتىن ئارالدىن قېچىشقا باشلايدۇ. ئۇچار كېمىنىڭ ئىچىدىن چىققان ھەر خىل مەخلۇقلار ئۇلارنى قوغلاپ ئۆلتۈرۈشكە باشلايدۇ....

ئادەملەر بىلەن تاشقىي پىلانىتلىقلار ئارىسىدىكى بۇ دەھشەت ئۇرۇشتا باش قەھرىمان بىز بۇلىمىز. ئىسىمىز بولسا نومېد بولۇپ، ئاۋىئاماتكىدىكى ۋات-ۋات، ئاقماس گېنىرالنىڭ تۈگىمەس بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ ھارمايمىز:

نومېد! يۇلىمىزنى چاۋشىيەن ئەسكەرلىرى تۇسىۋالدى، بېرىپ يولنى ئاچ.
نومېد! ئەسكەرلىرىمىز قىرىلىپ كېتىپ بارسا سەن نەدە ھاڭۋېقىپ يۈرۈيسەن؟
نومېد! تانكىنى ھەيدىگەندە دېققەت قىل! مانچە مىليون دوللارغا ياسىغان تانكا بۇ!
نومېد! پالانچى يەرگە بېرىپ پۇستانچىنى ئۆلتۈرۈپ كەل.
نومېد! ئانى قىل، نومېد! مانى قىل..............................................

بۇ فانتازىيەلىك بىر ئويۇندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە رېئاللىقتىكى بەزى نەرسىلەرنى ئويۇن ئارقىلىق تونۇتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: ئويۇندا بىز ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقانلىقى خېلى بۇرۇنلا مەلۇم بولغان «سۈنئىي ئىسكىلىت» ئىسىملىك بەدەننى قوغدايدىغان، ئادەمگە ئالاھىدە كۈچ بېرىدىغان، كەيگەن چاغدا ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش قىلىدىغان، ئوق تەگسىمۇ، يارىلانسىمۇ يەنىلا ئادەمنىڭ ھەرىكەت قابىلىيىتىنى ساقلاپ قالالايدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق ساۋۇتنى كېيىمىز. بۇ ساۋۇتنىڭ 4 خىل ئالاھىدىلىكى بولۇپ:
1. ئىنتايىن تېز يۈگۈرەيدىغان قىلىدۇ.
2.ئادەتتىكى ئادەمدىن 20 ھەسسە كۈچلۈك قىلىدۇ.
3. 5-6 پاي ئوق تەگسىمۇ ھىچنىمە بولمايدۇ.
4. 30 سېكۇنت ئادەمنى كۆرۈنمەس قىلالايدۇ.  

ئەمدى بۇ ئويۇننىڭ كومپىيۇتېرغا بولغان تەلىپىگە كەلسەك بەكلا يۇقىرى. ئادەتتىكى كومپىيۇتېرلار بۇ ئويۇننى كۆتۈرەلمەيدۇ. بۇ ئويۇندىن ھەقىقي زوق ئېلىپ ئويناش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ:

2 ئۆزەكلىك CPU،  
1.5G ئىچكى ساقلىغۇچ،
nVidia 8800 GT ياكى ATI 3870 سۈرەت كارتىسى لازىم.

كومپىيۇتىر سەپلىمىسى تۆۋەن بولغانلار ئويۇننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى چۈشۈرۈپ مەسىلەن 1024x760 ياكى 800x600  قىلىپ ئويناپ سىناپ باقسا بۇلىدۇ،
لېكىن بۇنداق تۆۋەن ئېنىقلىقتا ئوينىسا ئويۇننىڭ ھەقىقىي مەززىسى بولغان رېئال دۇنياغا ئوخشاش كۆرۈنۈشلىرىنىڭ جىقىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
ئىشقىلىپ بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغانلار بىر قېتىم ئويناپ بېقىڭلار، بۇرۇن ئوينىغان ئويۇنلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى چوقۇم ھىس قىلىسىلەر،
ئويناپ بولغانلار بولسا كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا 2 سائەت مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ يازغىنىمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ بولسىمۇ يەنە بىر قېتىم ئوينىۋېتىڭلار .
تولىمۇ ئۇزۇن يېزىۋەتتىم، ئەمدى ئويۇننىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن ھۇزۇرلىنايلى:


ئويۇننى ئىشلىگەن Crytek شېركىتىنىڭ خوجايىنى جەۋات يەرلىك





























































ماۋۇ ئىككى رەسىمنى مەن ئويۇننىڭ ئىچىدىن ئالدىم، كۆپ ئىقتىدارلىق ساۋۇتنى كەيگەن ۋاقتى:






----------------------------------

[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى DJ_MardaN ، ۋاقتى: 2008-7-16 02:39  ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
204 سائەت
شۆھرەت
237
پۇل
381
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
تىزىملاتقان
2008-7-7
نادىر
1
جۇغلانما
237
يازما
353

Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-16 03:34:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەت كارتامنى يېڭىلىغاندا چوقۇم ئويناپ باقىمەن .شۇنچىلىك چۈشەندۈرگىنىزگە بولسىمۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
شۆھرەت
168
پۇل
93
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-2
تىزىملاتقان
2008-7-8
نادىر
6
جۇغلانما
168
يازما
362
يوللىغان ۋاقتى 2008-7-17 11:40:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇيۇندەك قىلىدۇ.توردىن چۈشۈرگىلى بۇلامدۇ.

Rank: 2

توردا
80 سائەت
شۆھرەت
56
پۇل
47
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-26
تىزىملاتقان
2008-5-20
نادىر
1
جۇغلانما
56
يازما
189
يوللىغان ۋاقتى 2008-7-19 19:59:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ سۈرەت كارتام ati hd 2600 proسىزنىڭچە بۇ ئۇيۇننى ئويناشقا بۇلارمۇ مىڭە چارچاپ قالغاندا ئىلىكتىرونلۇق ئۇيۇنلارنى ئويناشمۇ ياخشى ئىش. لېكىن بەك كىرىپ كەتمەسلىك كېرەك بولمىسا ئادەمنىڭ ھەممە ئىشى ئاقساپ قالىدۇ.

Rank: 1

توردا
4 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
7
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-17
تىزىملاتقان
2008-3-19
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
19
يوللىغان ۋاقتى 2008-8-28 11:28:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى يوللانما @music@ تەرىپىدىن 2008-7-19 19:59 دە يوللانغان
مىنىڭ سۈرەت كارتام ati hd 2600 proسىزنىڭچە بۇ ئۇيۇننى ئويناشقا بۇلارمۇ مىڭە چارچاپ قالغاندا ئىلىكتىرونلۇق ئۇيۇنلا ...

بۇكاردا بىلەن800x600ئىكران ئېنىقلىغى بىلەن،پۇتۇن ئالى كۆرىنىشلەرنى ئېتىۋېتىپ12fpsسۇرئەت بىلەن ئوينىيالايسىز.......دىمەكچى بۇ كاردا ئۇشبۇ ئويۇننى سورەپ بولالمايدۇ....

Rank: 8Rank: 8

توردا
38 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-8
تىزىملاتقان
2008-5-1
نادىر
4
جۇغلانما
200
يازما
152

makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-8-28 16:56:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئويۇننىڭ ئىككىنچى قىسىمى 9-ئاينىڭ 12- كۈنى چىقىدۇ. ئىككىنچىسى تېخىمۇ پەيزىكەن. شېركەتنىڭ خوجايىنى جەۋات يەرلىك ئەپەندى ئىككىنچى ئويۇننى ياخشى تەڭشىگەنلىكىنى شۇنىڭ ئۈچۈن كومپىيۇتىرغا بولغان تەلىپىنىڭ بىرىنچىسىدەك يۇقىرى بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. يەنە بىرسىگە بۇ ئويۇننى چۈشۈرۈپ قالساڭلار تۈركچە نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭلار، ئويۇندىكى ھەممە ئادەم تۈركچە سۈزلەيدۇ. جىق گەپلەرنى چۈشەنگىلى بۇلىدۇ، ھەم تۈركچە بىلىدىغانلار ئوينىسا بەك پەيزە تۇيۇلىدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2278
پۇل
2994
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2278
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-8-28 17:01:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرۈكچسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى يوللاپ بەرسىڭىز ئويناپ باقساق بولىتى

Rank: 8Rank: 8

توردا
38 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-8
تىزىملاتقان
2008-5-1
نادىر
4
جۇغلانما
200
يازما
152

makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-8-28 17:40:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ئادرىستىن Torrent ئۇرۇقىنى چۈشۈرۈپ ئاندىن چۈشۈرۈڭلار.
ئىچىدە بەش خىل تىل بار، قۇرغاندا تۈركچە تىلنى تاللاپ قۇرۇڭلار.


http://torrents.thepiratebay.org/3891365/Crysis_%5BMulti-5%5D_Full-Rip_Skullptura__.3891365.TPB.torrent

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2278
پۇل
2994
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2278
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-8-28 23:12:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە قىتىم سىنىدىم چۈشەرگىلى بولمىدى،شۇنلېيدىن ئىزدەپ باقاي.

Rank: 8Rank: 8

توردا
38 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-8
تىزىملاتقان
2008-5-1
نادىر
4
جۇغلانما
200
يازما
152

makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-8-29 03:16:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قويغان ئادرىستىكى BT ئۇرۇقىنى چۈشۈرەلمىدىڭىزمۇ ياكى BT نى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن چۈشكىلى ئۇنىمىدىمۇ؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2278
پۇل
2994
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2278
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-8-29 10:30:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BT ئۇرۇغىنى چۈشۈرەلمىدىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-12 04:29 , Processed in 0.251761 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش