بەرباب ئەجدادلىرىمىز ئەڭ بۇرۇن كۇچادا كەشىپ قىلغان قەدىمكى چەكمە چالغۇلارنىڭ بىرىدۇر (خەنزۇچە «پىپا» (琵琶) دەپ ئاتىلىدۇ). بەرباب ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ ئىشلىتىلگەن.
بەرباب چېلىشنىڭ ئۇسۇلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ياشىغان ئاتاقلىق قەشقەرلىك بەرباب ماھىرى پىلولنىڭ (裴洛尔) ئىسلاھ قىلىشى ئارقىسىدا، ئەسىرلەردىن بۇيانقى يانتۇ تۇتۇپ چېلىنىشتىن تىك تۇتۇپ چېلىنىشقا، زەخمەك بىلەن چېلىنىشتىن بارماق بىلەن چېكىپ چېلىنىشقا ئۆزگەرتىلگەن. بەرباب دۇب ۋە چىنار ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 70 - 80 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ، قۇچاقتا تىك تۇتۇپ، سول قولدا پەدە بېسىپ، ئوڭ قولدا بارماقلىرى بىلەن تار چېكىپ چېلىنىدۇ. ھازىر مەملىكىتىمىزدە كۆپرەك قوللىنىلىۋاتقانلىرى تۆت تارلىق ئەگرى ساپلىق بەرباب بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋاز دائىرىسى A ئاھاڭىدىن e3 ئاھاڭىغىچە ئۈچ ئوكتاۋا (ئاۋاز گۇرۇپپىسى) دىن ئاشىدۇ.
بەرباب قەدىمكى زاماندا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە «خۇپىپا» (胡琵琶 غۇزلارنىڭ يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ بەربابى) دەپ ئاتالغان ھەمدە ئۇنىڭ «ئەگرى ساپلىق پىپا» ۋە «بەش تارلىق پىپا»دىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلى بولغان.
بەرباب سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە ياپونىيە، كورېيە، بېرما، ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى شەكلى ھازىرمۇ ياپونىيىدە ساقلانماقتا.ئەسكەرتىش: ھەرقانداق تارلىق چالغۇنىڭ تارسىنىڭ رەت نومۇرى ئۇنىڭ دەستىسىنى يۇقىرىغا قىلىپ يۈزلۈكىنى ئۆزىمىزگە قارىتىپ تۇتۇپ، ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ (1) (2) ..... دەپ سانىلىدۇ.

ئىسمى: DSK Asian DreamZ
........................................................
قىستۇرما دىتال شەكلى: VSTi
........................................................
نەشىرى : 1.0
........................................................
ئۇسلۇبى: ئۇيغۇر چالغۇ ئاۋاز تۈسى
........................................................
ئىشلەيدىغان سېستىمىسى : 
........................................................
تارقىتىلىش شەكلى: ھەقسىز
........................................................
ھەجىمى: 11.2MB
........................................................
سەيياھ، ئەگەر بۇ تىمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ
.........................................................
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: دىتالنى چۈشۈرۈپ بولۇپ پىرىسىتىن يىشىپ، ئىچىدىكى ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ ،رەھبەر دىتالنىڭ Vstplugins مۇندەرىجىسىنىڭ ئىچىگە چاپلاپ قويىمىز،ئاندىن رەھبەر دىتالنى قوزغۇتۇپ MIDI يولى قۇرۇپ F11 نى باسساق DSK Asian DreamZ
چىقىدۇ ،شۇنى تاللىساقلا بولىدۇ،قالغان جەريانلىرىنى دىمىسەممۇ دوسلار ئىشلىتىشنى بىلىدۇ. |