ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 269 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1105|ئىنكاس: 15

پەرھاد خالىقنىڭ قېتىق مۇزىكا ئەترىتى گېرمانىيەدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1936 سائەت
شۆھرەت
1997
پۇل
2461
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
1997
يازما
2555

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-27 16:33:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى مەنبە: http://jeckblog.com/perhad-xaliq-qetiq-muzika-etriti-germaniyede/



بلوگنىڭ تەكلىپلىك ئاپتۇرى مۇقەددەس مىجىت شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ ئۇسۇل سىنىپىغا 11 يېشىدا قۇبۇل قىلىنىپ بۇ يەردە ئۇسۇل ۋە پىئانىنو ئورۇنلاش بويىچە سىستىمىلىق تەربىيەلەنگەن. 2003-يىلى فىرانسىيەگە ئوقۇشقا بېرىپ پارىژ  10- ئۇنۋېرسىتى (Université Paris Ouest-Nanterre) دا مىللەتلەر مۇزىكىشۇناسلىغى (ethnomusicology) يۈنۈلۈشى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ ھازىر شۇ يۈنۈلۇش بويىچە دوكتورلۇق ئۈچۈن تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئو ئوقۇشتىن سىرت ئۇيغۇر مۇزىكا ۋە مەدىنىيتىنى چەتئەللەرگە تۇنۇشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۇك رول ئويناۋاتقان بولۇپ 2005-يىلى دولان مۇقامچىلىرىنىڭ  پارىژدا ئويۇن قويۇشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان ۋە بۇ  توغرىلىق يازغان خاتىرىسى «بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ پارىژدا كۆرگەن بىلگەنلىرى» نامىدا تەڭرىتاغ ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان. ئۇندىن  باشقا يەنە يىقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ فرانسىيە، ئىسپانىيە، گىرمانىيە،ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلاردا ئويۇن قويۇشىنى ئويۇشتۇرغان ياكى ياردەم بەرگەن. ھازىر ئوقۇشتىن سىرت ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى توغرىلىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش، ئۇيغۇر بالىلار ناخشىلىرىنى رەتلەش قاتارلىقلارنى قىلىۋاتىدۇ.
Jeck بلوگىنىڭ تەكلىپلىك ئاپتورى مۇقەددەس مىجىت ياۋرۇپادىن خەۋەر قىلىدۇ: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 21- كۇنى، گېرمانىيەنىڭ Osnabrück  شەھىرى Lagerhalle مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كونسېرت  زالىنىڭ ئالدى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن روك (rock) ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكا ئەترىتى قېتىق (Qetiq) كە قىززىقۇچىلار بىلەن  تولغانىدى. ئۆمرىگە كىلىپ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئاڭلاپ باقمىغان، بۇ ئىنسانلارنىڭ قايەردە تۇرۇپ قەيەردە ياشايدىغانلىغىنىمۇ  ئاڭلاپ باقمىغان شەھەر ئاھالىلىرى، بىرنەچچە كۇن ئىلگىرى مورگەنلاند مۇزىكا بايرىمى (Morgenland muzika festival) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە ئايشىگۇل مۇھەممەتنىڭ سېھىرلىك ئاۋازىدىن مەس بولۇشقانلىقلىرىنى، كامىل ئابدۇشۇكۈرنىڭ رەڭدار رەسىم كورگەزمىسىنى، مۇقەددەس مىجىتنىڭ قېتىق نامىدىكى روك ئەترىتى توغۇرلۇق ئىشلىگەن ھۇججەتلىك فىلىمىنى ئەسلىشىپ، بۇ مۇزىكا كىچىلىكىنى قىززىقىش ئىچىدە كۈتىۋاتاتتى. پەرھات خالىق باشچىلىقىدىكى ياش مۇزىكانتلار گىتتارلىرىنى كوتۇرۇپ سەھنىگە كىرىپ كەلگەندە، زالدىكى تاماشىبىنلار ئۇزۇندىن كۇتىۋاتقان خەلقارالىق داڭلىق سەنەتكارلارنى كۆرگەندەك چوقان سىلىشتى.
قېتىق ئەترىتىنىڭ بىرىنجى ناخشىسى لىرىكىلىق ھەم غەمكىن باشلىنىپ، ۋىزا ئېلىش مۇمكىن بولماي بۇ بايرامغا كىلەلمىگەن پەزىلەت تۇرسۇن ھەم مەھمۇت مەمەتكە بىغىشلاندى. تاماشىبىنلار بۇ كونسېرىتنىڭ قانچىلىك بەدەل، ھەم جاپادا ۋۇجۇتقا چىققانلىقىدىن تەسىرلىنىپ مۇڭغا چۇشتى. 19 ياشلىق قازاق مۇزىكانت ئىرشات دىلشاتنىڭ قوش تونلۇق (humai) ناخشىسى كىشىلەرنى پايانسىز يايلاقلارغا باشلاپ كىردى.  بۇنىڭغا ئۇلاپلا، پەرھاتنىڭ ئىشچى  ناخشىسى، سۈرىيەلىك داڭلىق Kilaniretchi Kinan Azmeh نىڭ قايناق solo لىرى بىلەن يۇقىرى پەللىگە كوتۇرۇلۇپ، تاماشىبىنلارنى ئەسەبىلەرچە ئۇسۇلغا چۇشۇرۇپ، چوقان سۇرەنلەر پۇتۇن زالنى كوتۇرۇپ تاشلىدى. تارىم ناخشىسى (پەرھات ۋە پەزىلەتنىڭ قايتا سەھنىگە ئىلىپ چىقىشى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا يېڭىدىن ھاياتلىققا ئىرىشكەن)، ئاق بايان، قىزلار، نازىركوم قاتارلىق ناخشىلار ئارقا ئارقىدىن، بۇ گىرمانىيەنىڭ تىنىچ كىچىك شەھىرىنى لەرزىگە سالدى.
كونسېرتنىڭ يۇقىرى پەللىسى، پەرھات روكلاشتۇرغان دولان مۇقام بىلەن كىشىلەرنى ھايران قالدۇردى. تاماشىبىنلار بۇ ياش مۇزىكانتلارنىڭ ئاجايىپ ھاياتى كۇچكە تولغان، ماگىنىتسىمان ئاۋازلىرىغا قايىللىق بىلدۈرۈشۈپ توختىماي ئالقىشلار ياڭراتتى.
Osnabrück ئەسلى Blues مۇزىكانتلىرىنىڭ ماكانى بولۇپ، پەرھات ئېرشاتلارمۇ Blues مۇزىكىسىنىڭ ھىرىسمەنلىرىدىن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەركىن ئوينىغان، ئەمما ئۇيغۇر پۇراق بىلەن يۇغۇرۇلغان  Blues نى نەق مەيداندا تەبىئى ئورۇنلىشىنى (ئالدىن مەشىق قىلىۋالماي، يەنى improvisation )   كىشىلەر بۇ دۇنياۋى مۇزىكا تۇرىدىكى يىڭىلىق دەپ ماختاپ كەتتى.  ئەسلى  1 سائەت پىلانلانغان كىچىلىك  تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى، مۇزىكانتلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھىسىياتى بىلەن 2 سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىپ، كونسېرت ئاياقلاشقانلىقى جاكارلانغان بولسىمۇ، تاماشىبىنلارنىڭ ئۈزۈلمەي ياغدۇرغان چاۋاك سادالىرى ئاستىدا، مۇزىكانىتلار  سەھنىگە ئارقىمۇ – ئارقىدىن ئۈچ قېتىم چىقىپ مۇزىكا ئورۇنلىدى.
بۇ سېھىرلىك كىچىدىن مەس بولۇشقان تاماشىبىنلار كونسېرت ئاياقلىشىپ تاڭ ئاتقىچىمۇ Lagerhalle نىڭ ئەتراپىدىن كىتىشمىدى. ھەممەيلەن ھاياجانلىق ئىچىدە، بۇ نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتىن كەلگەن سەنەتكارلارغا ئاپىرىن ئوقۇشتى. بىر نەچچە ياشانغان مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى، بۇ كونسېرتنى ئۆمرىدە كۆرگەن ئەڭ ئىسىل روك مۇزىكا كونسېرتى دەپ كوزلىرىگە ياشلار ئالدى.
يەرلىك گىزىتلەر بىر نەچچە كۈنگىچە توختىماي بۇ كونسېرتتىكى  قەھرىمانلارغا مەدىھىيەلەر ئوقۇدى.  ئۇيغۇرلار بىر نەچچە كۇن بۇ شەھەرنىڭ قىززىق تېمىسىغا ئايلاندى.
قېتىق نىڭ مۇزىكىلىرىنى  myspace بېتىدىن ئاڭلاڭ. http://www.myspace.com/qetiq
تۈۋەندىكىسى مۇشۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن كۆرۈنۇشلەر:

















Rank: 2

توردا
337 سائەت
شۆھرەت
128
پۇل
835
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2009-1-12
نادىر
0
جۇغلانما
128
يازما
417
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-27 16:39:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ماكان ئەپەندى . مەنمۇ خۇش بولدۇم بۇخەۋەرنى ئاڭلا پ

Rank: 3Rank: 3

توردا
165 سائەت
شۆھرەت
365
پۇل
1353
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-26
تىزىملاتقان
2009-5-10
نادىر
0
جۇغلانما
365
يازما
456
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-27 19:33:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ تاپتا ھاياجاندىن تەنلىرىم تىترەپ كۇز چاناقلىرىم ئېچىشىۋاتىدۇ ،ئۇيغۇر ئوغلانىمىز پەرھاتقا ئاپىرىن !!!!!! ياشنا ئۇيغۇرۇم-خەلىقئارالىق سەھنىلەردە چاقنا ئۇيغۇرۇم!!!
ياشا ئۇيغۇرۇم

Rank: 3Rank: 3

توردا
464 سائەت
شۆھرەت
228
پۇل
564
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2008-10-11
نادىر
4
جۇغلانما
228
يازما
1080

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-27 22:01:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  خوش خەۋەرنى يەتكۈزگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت ماكان ئەپەندى  بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلاپ مەنمۇ ئىنتايىن خوش بولدۇم چۈنكى پەرھات خالىقا  ئوتتۇر مەكتەپتە  مۇزىكا دەرىسنى مەن بەرگەن  ھەم كىچىك ئىنىمنىڭ ساۋاغدىشى ئىدى .
ئوقۇغۇچۇم پەرھاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى نەتىجىللىرىنىڭ تېخىمۇ  ئۇتۇغلۇق بولىشىنى  ئۈمۈد قىلىمەن .

Rank: 1

توردا
18 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
21
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-1
تىزىملاتقان
2010-11-30
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
13
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-27 22:12:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى Flamenco ، ۋاقتى: 2010-12-27 22:23  ]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1936 سائەت
شۆھرەت
1997
پۇل
2461
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
1997
يازما
2555

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-27 22:52:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېرماندىكى فىلىمى بولغان بولسا ئىزدەپ باقساق بولىتى...مەن شۇنچە ئىزدەپ يۈرۈپ   Flamenco يوللىغان ئۈرۈمچىدىكى بۇ فىلىمىنىلا تاپالىدىم،يەنە ئىزدەپ باقىلى،شۇ ھاياجانلىق مىنوتلاردىن بىزمۇ كەيىپ بولىلى

Rank: 1

توردا
18 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
21
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-1
تىزىملاتقان
2010-11-30
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
13
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 11:04:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردا نەق مەيدان فىلىمىدىن پەقەت مۇشۇ ئۈزۈندىلا بار ئىكەن.
بۇ قېتىم بىللە بارغان داپچى ئىليار ئايۇپتىن سورىسام ، يەنە بىر نەچچە مۇزىكا ئۈنگە ئالغانلىقىنى دېگەن .نەق مەيدان خاتىرىسىنى ئۆزىدىن سورىساق بولامىكىن ...


[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى Flamenco ، ۋاقتى: 2010-12-28 11:06  ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
149 سائەت
شۆھرەت
136
پۇل
38
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
تىزىملاتقان
2008-7-8
نادىر
6
جۇغلانما
136
يازما
355
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 13:12:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مەنمۇ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتىمەن.لىكىن ئىشىنىمەنكى بۈركۈت ئاكام مەندىنمۇ بەكىرەك ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتىدۇ!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1936 سائەت
شۆھرەت
1997
پۇل
2461
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
1997
يازما
2555

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 13:22:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى يوللانما Flamenco تەرىپىدىن 2010-12-28 11:04 دە يوللانغان
توردا نەق مەيدان فىلىمىدىن پەقەت مۇشۇ ئۈزۈندىلا بار ئىكەن.
بۇ قېتىم بىللە بارغان داپچى ئىليار ئايۇپتىن سورىس ...

ئەمسە مۇشۇنىڭ ئامالىنى قىلىپ باقامسىز؟

Rank: 1

توردا
18 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
21
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-1
تىزىملاتقان
2010-11-30
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
13
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 23:09:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى يوللانما makan تەرىپىدىن 2010-12-28 13:22 دە يوللانغان

ئەمسە مۇشۇنىڭ ئامالىنى قىلىپ باقامسىز؟

ئىلياردا يوقكەن ، پەرھات خالىق بىلەن مەن تونۇشمايمەن
بولمىسا مەن قايتقاندا ئىزدەپ باقاي :)

Rank: 2

توردا
126 سائەت
شۆھرەت
95
پۇل
516
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2009-1-21
نادىر
0
جۇغلانما
95
يازما
253
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-30 00:13:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ئىش بوپتۇ... پەرھاد خالىقنىڭ ئاۋاز تۈسى ئۆزگىچە...

Rank: 2

توردا
157 سائەت
شۆھرەت
77
پۇل
406
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2008-10-10
نادىر
0
جۇغلانما
77
يازما
402
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 00:55:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىتىق مۇزىكا ئەتىرىتى غەيرەت قلڭلار

Rank: 2

توردا
116 سائەت
شۆھرەت
160
پۇل
529
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-23
تىزىملاتقان
2010-9-3
نادىر
1
جۇغلانما
160
يازما
185
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 01:19:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسلى يوللانما burkut تەرىپىدىن 2010-12-27 10:01 PM دە يوللانغان
بۇ  خوش خەۋەرنى يەتكۈزگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت ماكان ئەپەندى  بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلاپ مەنمۇ ئىنتايىن خوش بولدۇم چۈن ...

مانا..مانا..بوش ئادەم ئەمەس جۇمۇ سىز..بۈركۈتكا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1936 سائەت
شۆھرەت
1997
پۇل
2461
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
1997
يازما
2555

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 15:15:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يېڭى فىلىملىرىنىمۇ چىقىرىپ قويداي


Rank: 1

توردا
60 سائەت
شۆھرەت
24
پۇل
266
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-26
تىزىملاتقان
2011-7-16
نادىر
0
جۇغلانما
24
يازما
98
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-1 21:21:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكانكا ، مەن پەرھات بىلەن ياخشى تونىشىمەن ، بۇرۇن بىللە مۇزىكا چالغان . مەندە ئۇنىڭ رەپىتىس قىلۋاتقان ۋىديۇسى بار (ئۆزۈم تارتقان،DV AVI 720P ھالەتتە) ئۇنى ماكانىمغا قانداق چاپلايمەن؟

[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى ROCK ، ۋاقتى: 2011-8-1 21:25  ]
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-1-27 16:48 , Processed in 0.289838 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش