- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- توردا
- 2100 سائەت
- شۆھرەت
- 2719
- پۇل
- 3713
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2712
- نادىر
- 53
- جۇغلانما
- 2719
- UID
- 1
  
- توردا
- 2100 سائەت
- شۆھرەت
- 2719
- پۇل
- 3713
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 53
- جۇغلانما
- 2719
- يازما
- 2712
|

پەدىسى يوق،يەنى دەستىسىدە پەدە ئورۇنى بېكىتىلمىگەن سازلارنى چالغىنىڭىزدا(غېجەك،ئىسكورۇپكا قاتارلىق سازلار) شۇنداقلا ناخشا ئېيتقان چاغلىرىڭىزدا ئاۋازنىڭ ئۆلچەملىك چىققان چىقمىغانلىغىدىن گاڭگىراپ قالغان چىغىڭىزدا،ناخشىچىنىڭ ئاۋازىنى ئۈنگە ئالغان چېغىڭىزدا ئاۋازنىڭ ئۆلچەملىك دەرىجىسى ئۈستىدە بىشىىڭىز قاتقان چاغلاردا Pitch Shift – Pitch Correct ئاۋاز يۇقۇرلىغىنى توغۇرلاش ئۈنۈملىگۈچى سىزنىڭ بۇ غەملىرىڭىزنى ھەل قىلىدۇ. بۇ ئۈنۈملىگۈچ CUBASE 5 ئىچىدە بار.
بىز ئەمدى بۇ Pitch Shift – Pitch Correct ئاۋاز يۇقۇرلىغىنى توغۇرلاش ئۈنۈملىگۈچى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىلى:
1-باشتا Mono يولىدىن بىرنى قۇرىلى(تاق يول) ،ئاندىن ئاۋاز چاستوتىسىدىن بىرنى ئەكىرىلى(ناخشا ئاۋاز ياكى مەلۇم سازنىڭ ئاۋازى بولسا بولىدۇ،چوقۇم تاق ئاۋاز بولىشى كېرەك)،مەسىلەنگە رېيال ئاۋازىدىن بىرنى ئەكىرىلى.

2-ئاۋاز يۇقۇرلىغىنى توغۇرلاش ئۈنۈملىگۈچى ئاچىمىز،Inserts نىڭ ئىچىدىن Pitch Shift – Pitch Correct تاللايمىز(ئىچىدىن) .

3-ئاۋاز يۇقۇرلىغىنى توغۇرلاش ئۈنۈملىگۈچىنى ئاچساق تۆۋەندىكىدەك كۆزىنەك ئېچىلىدۇ،بۇنىڭدىن بىز 3 رايۇننى كۆرەلەيمىز،ئۇلار:پارامېتىر بەلگىلەش دائىرىسى،كۆرسەتمە كۆزىنەك ۋە رېيال رايونى قاتارلىقلار.

كۆرسەتمە كۆزىنەك:سېرىق راڭلىگى مەشغۇلات قىلىشتىن بۇرۇنقى،كۆك رەڭلىگى مەشۇلاتتىن كىيىنكىنى ئىپادىلەيدۇ. رېيال بولسا تون بەلگىلەش ۋە ئاۋاز يۇقۇرلىغىنى بەلگىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

4-پارامېتىر بەلگىلەشتە 3 گورۇپا تەڭشەش پارامىتىرى بار،ئۇلار: Correction(ئىقتىدار)، Scale Source (ئۆلچەم) ۋە Formant (شەكلىل) دىن ئىبارەت.

5-بىز تۆۋەندە بۇ 3 گورۇپا پارامىتىرنىڭ تەڭشلىش رولى بىلەن ئاددىيغىنە تونۇشۇپ باقىلى.
(1)-ئىقتىدار: Correction (ئاۋاز يۇقۇرلىغىنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى)، Tolerance (سىلىقلىق دەرىجىسى)، Transpose (ئاۋاز يۇقۇرلىغىنىڭ ئېغىشى)

(2)-Scale Source (ئۆلچەم )، Internal (ئىچكى قىسىم)،External-MIDI Scale ــ (MIDI ئاۋاز چىقىدىغان كونۇپكىنىڭ ئورۇنىنى كۆرسۈتۈپ بېرىش)،External-MIDINote ــ (MIDI ئاۋزى بىلەن ئاۋاز يۇقۇرلىغىنى چىلىش )

a - Internal(ئىچكى قىسىم):
Internal تىن Chromstic نى باسساق ئىچىدە 4 تاللاش بار:Chromayic (ـ 12يېرىم ئاۋاز تېمبىرى)، Major(چوڭ كۈي)، Minor (كىچىك كۈي) ۋە Custom (ئۆزى بەلگىلەش)

چۈشەندۈرۈش:ئۆزى بەلگىلەش تۈرىدە ئاۋاز يۇقۇرلىغىنىڭ ئېغىش ئۆزىمىز بېكىتەلەيمىز،ئەگەر ئۆزگەرتمەكچى بولساق رەسىمدىكىدەك سېرىق سىزىقنى چەكسەك بولىدۇ.

داۋامى تەييارلىنىۋاتىدۇ.......
داۋامى: CUBASE 5 نىڭ يېڭى ئىقتىدارى:ئاۋاز يۇقۇرلىغىنى توغۇرلاش ئۈنۈملىگۈچى(2) |
|