- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- توردا
- 2100 سائەت
- شۆھرەت
- 2719
- پۇل
- 3713
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2712
- نادىر
- 53
- جۇغلانما
- 2719
- UID
- 1
  
- توردا
- 2100 سائەت
- شۆھرەت
- 2719
- پۇل
- 3713
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 53
- جۇغلانما
- 2719
- يازما
- 2712
|

ئالاھىدىلىگى:
بىرىجى:ئاۋاز يۇقۇرلىغىنى تۈزۈتۈش
ئىككىنجى:تاكىت تۈزۈتۈش
ئۈچۈنجى: يەككە مۇرەككەپ ئاۋاز چاستوتىسىنى MIDI قىلىپ چىقىرىپ بېرىدۇ
1-Cubase 5 نى قوزغۇتۇپ تۈزەتمەكچى بولغان تاق يوللۇق ئاۋاز چاستوتىسىنى ئېكىرىمىز،مەسىلەن،ئادەم ئاۋازى دىگەندەك.

2-ئاۋاز چاستوتىسىنى قوش چىكىپ تەھرىرلەش كۆزىنىگىنى ئىچىپ، چىكىپ يان ستوننى ئاچىمىز.

3-Cubase 5 نىڭ سول تەرىپىدىكى VariAudio نى چىكىمىز(ئاۋاز يۇقۇرلىغىنى تۈزۈتۈش ئىقتىدارى).

4-(1) ئاۋاز چاستوتىسى ۋە تاكىت، (2) ئاۋاز چاستوتىسىنى تەھلىل قىلىش، (3) MIDI ئېكىرىش، (4) ئاۋاز يۇقۇرلىغىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، (5) ئاۋاز يۇقۇرلىغى ئەگىر سىزىقى، (6) قايتا بەلگىلەش، (7) MIDI ئىقتىدارى.

A-ئاۋاز چاستوتىسىنى تەھلىل قىلىش: ئاۋاز چاستوتىسىنى تەھلىل قىلىشنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى ئاكتىپلاشتۇرۇش كونۇپكىسىنى باسىمىز.

تەكشۈرۈش:ئۆلچەملىك ئاۋاز يۇقۇرلۇق ئورىنى
Altنى بىسىپ تۇرۇپ مائۇسنىڭ سول كونۇپكىسى ئارقىلىق رامكا(مەلۇم دائىرىنى تاللاش) بەلگىلسەك= تاللىغان دائىرە چوڭىيىدۇ.
Altنى بىسىپ تۇرۇپ مائۇسنىڭ سول كونۇپكىسى ئارقىلىق دولقۇننىڭ قۇرۇق يېرىنى (ئاق يېرىنى) بىر چەكسەك= ئەسلىدىكى ھالەتكە كىلىدۇ(ئەسلىدىكىدەك كىچىكلەيدۇ).
Altنى بىسىپ تۇرۇپ مائۇسنىڭ سول كونۇپكىسى ئارقىلىق دولقۇننىڭ قۇرۇق يېرىنى (ئاق يېرىنى) قوش چەكسەك= ھەممىسى كۆرۈنىدۇ.
مائۇسنىڭ ئۈستىدىكى دۇمىلىما چاقنى بىسىپ تۇرۇپ مائۇسنى مىدىرلاتساق كۆرمەكچى بولغان دائىرىنى تەكشۈرەلەيمىز.
ئاۋاز چاستوتىسىنى قول سىلىپ پارچىلاش: ئاۋاز چاستوتىسى بۆلىگىنى چوڭايتىۋالىمىز،ئاستى قىسمىغا قارىساق بىر تۈز سىزىق بار،.ائۇس بىلەن تۈز سىزىقنىڭ ئۈستىگە سۆرەپ كىلىپ پارچىلايمىز.

ئاۋاز چاستوتىسىنى قول سىلىپ چاپلاش: Alt نى بىسىپ تۇرۇپ بىرلەشتۈرمەكچى بولغان بۆلەكنىڭ ئالدىدىكى بۆلەكنى چەكسەك ،ئىككى بۆلەك چاپلىنىدۇ.

بۆلەكنىڭ ئۇزۇنلىغىنى تەڭشەش: مائۇس ئارقىلىق بۆلەكلەرنىڭ ئىككى ئۇچىنى سۆرەش ئارقىلىق، نەپەس ئاۋازى دىگەندەك تەھرىرلىمەيدىغان ئاۋازلارنى كۆزدىن ساقىت قىپ تۇرالايمىز.

B-ئاۋاز يۇقۇرلىغى ۋە تاكىت: ئاۋاز يۇقۇرلىغى ۋە تاكىتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كونۇپكىنى بسىپ بۇ ئىقتىدارنى ئاچىمىز.

بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان ئاۋاز بۆلىگىنى چوڭايتساق،شۇ بۆلەكتە ئاۋاز يۇقۇرلىغى ۋە ئېغىش دەرىجىسى كۆرۅنىدۇ.

چۅشەنچە: مۇسبەت سان ئۆلچەملىك ئاۋاز يۇقۇرلىغىدىن يۇقۇرلىغىنى،مۇسبەت سان تۉۋەنلىگىنىنى بىلدۈرىدۇ.1 يىرىم ئاۋاز =100 سېنت(بىرلىك).
ئاۋاز يۇقۇرلىغىنى تۈزۈتۈش: مائۇس بىلەن ئاۋاز بۆلىگىنى بىسىپ تۇرۇپ ئاستى-ئۈستى سۈرسەك،ياكى كومپىيۇتۇر كونۇپكا تاختىسىدىكى ئاستى-ئۈستى بەلگىسىنى باسساق بولىدۇ.ئوڭ-سول تەرەپ كونۇپكىسىنى بىسىش ئارقىلىقتۈزۈمەكچى بولغان ئاۋاز بۆلەكلەرنى تاللايمىز.
پەرىقى: مائۇ بىلەن سۈرسەك ئۆلچەملىك ئاۋاز يۇقۇرلىغىغات ئاپتۇماتىك ئۇدۇللاپ بېرىدۇ،كونۇپكا تاختىسىدكى ئاستى-ئۈستى كونۇپكىسى بىلەن قىلساق يېرىم ئاۋاز بىلەن ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ.Ctrl بىلەن مۇئۇسىنى تەڭ بېسىش =كونۇپكا تاختىسىدىكى ئاسىتى-ئۈستىنىڭ رولىغا ئوخشاش.Shift بىلەن مائۇسنى تەڭ بېسىش ئىنچىكە تەڭشەشكە باراۋار.
C-MIDI ئېكىرىش:ئوڭ تەرەپتىكى MIDI ئېكىرىش كونۇپكىسىنى بىسىش ئارقىلىق بۇ ئىقتىدارنى ئاچىمىز.

MIDI تىلىنى باسساق ئاۋاز چاستوتا بۆلىگى شۇ ھامان MIDI ئاۋاز يۇقۇرلىغى ھالىتىگە ئۆزگۈرەيدۇ.
باسقۇچلۇق ئىلگىرلەش شەكلى: باسقۇچلۇق ئىلگىرلەش شەكلگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن Alt نى بىسىپ تۇرۇپ مائۇس ئارقىلىق MIDI ئېكىرىش كونۇپكىسىنى باسىمىز.
باسقۇچلۇق ئىلگىرلەش شەكلىنى ئاچقاندىن كىيىن ،ئاۋاز چاستوتىسى بۆلىگى MIDI تىلىنىڭ چىلىنىغا ئەگىشىپ قەدەممۇ-قەدەم ئۆزگۈرۈپ ماڭىدۇ.
5-ئاۋاز يۇقۇرلىغىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش(ئاۋاز يۇقۇرلىغىنى ئاپتۇماتىك تۈزۈتۈش):ئاۋاز چاسوتا بۆلىەنى سۆرەپ ئۆلچەملىك ئاۋاز تەرەپكە سۈرىمىز ،ئوڭ تەرىپى چوڭ،سول تەرىپى كىچىك.بۇ چاغدا ئاۋز بۆلىگى يىنىدىكى ئۆلچەملىك ئاۋاز يۇقۇرلىغىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تارتىپ شۇنىڭ ئۆلچەملىك ئاۋاز يۇقۇرلىغىغا تەڭشىلىدۇ.

ئەسكەرتىش:بۇ ئىقتىدار بىر نەچچە ئاۋاز بۆلەكلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرگەندە كۈچكە ئىگە.
6-ئاپتۇماتىك ئاۋاز يۇقۇرلىغى ئەگر سىزغىنى تەڭشەش: ئاۋاز چاستوتا بۆلىگىنى تاللايمىز، ئاپتۇماتىك ئاۋاز يۇقۇرلىغى ئەگر سىزىغىنىڭ ئىنچىكە تەڭشەش دەرىجىسىنى سۆرەيمىز(ئىنىقلىق دەرىجىسى). سول تەرىلىپى كىچىپ .ئوڭ تەرىپى چوڭ.ئاۋاز چاستوتىسى بۆلىگىدىكى ئەگىر سىزىق ئاۋاز يۇقۇرلۇق ئەگىر سىزىغىنىڭ ئىنچىكە تەڭشەش (ئىنىقلىق دەرىجىسى) يۇقۇرلىشىغا ئەگىشىپ تىتىرىگەن ئاۋازنى (تىتىرەڭگۈ ئاۋاز) نى ئازايتىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئەگەر ماشىنا ئادەم ئاۋازىنى ياسىماقچى بولساق ،ئاۋاز يقۇرلۇق ئەگر سىزىغىنى ئەڭ ئوڭ تەرەپكە تاقىۋەتسەك بولىدۇ.
7-ئاۋاز يۇقۇرلۇق ئەگر سىزىغىنى قول سىلىپ ئۆزگەرتىش: مائۇسنى بۆلەكلەرنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئەكەلسەك ، مائۇس سىنبەلگىسى ئاستى-ئۈستى شەكلىدىكى بەلگىگە ئايلانغاندا مائۇسنىڭ سول كونۇپكىسىنى بىسىپ ئاستى-ئستى سۆرىسەك باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشى نوقتىلىرىنى ئۆزگەرتەلەيمىز،

يۇقۇرى ئاۋازنىڭ ئەگىر سىزىقىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىنى ئايرىم بۆلەكلەردە باشقۇرۇش قىلىپ بەلگىلەش.بەلگىلىگەن نوقتىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىنى ئايرىم-ئايرىم باسقۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مائۇس بىلەن بۆلەكنىڭ ئۈستىدىكى تۈز سىزىقنى باسساق بولىدۇ.

مائۇس بۆلەكنىڭ سول ئۈستى ياكى ئوڭ ئۈستىدە Alt بىسىپ تۇرۇپ سۆرىسەك بەلگىلىگەن مەركىزى نوقتا ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ.

ئايرىم بۆلەكلەرنى چاپلاش:مائۇسنى بۆلەكلەرنىڭ ئۈستىدىكى تۈز سىزىقنىڭ ئۈستىگە ئاپارغاندا شىلىم(يىلىم) شەكىلىدىكى ئىستىرىكىغا ئۆزگىرەيدۇ، بۇ چاغدا مائۇسنىڭ سول كونۇپكىسىنى بىسىپ چاپلايمىز.
8-تاكىتنى تۈزەش:مائۇس ئاۋاز بۆلىگىنىڭ ئىككى تەرىپىدىگە كەلگەن ۋاقىتتا ،مائۇسنىڭ سول كونۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ ،ئوڭ-سولغا سۈرسەك ئاۋاز چاستوتىسى ئۆزىمىز ئېرىشماكچى بولغان تاكىت ئورىنىغا كىلىدۇ.ياكى تاكىتنى ئاپتۇماتىك تېپىش كونۇپكىسىنى باسساقمۇ بولىدۇ(cubase -nuendo نىڭ ئۈستىدىكى قارمۇ قارشى ئىستىرىلكا ئىسىڭىزدە باردۇ؟ دەل شۇ).

9-ئىقتىدارلارنى قايتا بەلگىلەش: (1) ئاۋاز يۇقۇرلىغى،(2) تارتىش(سوزۇش)، (3) ئاۋاز يۇقۇرلىغى ۋە تارتىش(سوزۇش) ، (4) قايتىدىن ئانالىز قىلىش،.

MIDI10- ئىقتىدارى: بۇ ئىقتىدار ئاۋاز چاستوتىسى بۆلىگىنى MIDI شەكلىدە چىقىرىدۇ. MIDI ھۆججىتىدە ئاۋاز بۆلەكلىرىنى ئەگر سىزىق ھالىتىدە كۆرسىتىدۇ،بۇنداق بولسا تەھرىرلەشكە ئوڭاي.

MIDI چىقىرىش كونتىرول كۆزىنىگى: (1) پەقەت ئاۋاز بەلگىسىلا بار، ئەگىر سىزىق ئۇچۇرى يوق ، (2) پەقەت ئاۋاز بەلگىسى ۋە تېنىچ ھالەتتىكى ئەگر سىزىق ئۇچۇرى بار ،(3) ئاۋاز بەلگىسى ۋە داۋاملاشقان(ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان) ئەگر سىزىق كونتىرول ئۇچۇرلىرى بار.

ئەگر ئاۋاز دائىرىسى

MIDI ھۆججەتنى ساقلاش تەڭشىگى: (1) 1- تاللانغىنى ئاۋاز چاستوتىسى يولى؛ (2) يېڭى قۇرۇلغان MIDI يولى، (3) تۈر چاپلاش تاختىسى(خۇددى يېڭى تۈر قۇرۇپ چاپلىغاندەكلا،MIDI يولى چىقىرىش قىلىپ قۇرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ).

تامام
چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا ئەمىلىي مەشغۇلات قىلىپ كۆرۈڭ،شۇ چاغدىلا ئىنىق بولىدۇ.بەزى ئاتالغۇلارنى چۈشۈنشلۈك بولسۇن ئۈچۈن تومتاقلا ئالدىم،مۇشۇ ئاساستا مۇكەممەللىشىدۇ.
رۇخسەتىسز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى |
|