مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتاللىرى ھەققىدە چۈشەنچە
يازغۇچى 布鲁斯小伙\تەرجىمە\ماكان
مۇزىكىنى ياخشى كۆرۈدىغان دوسلار دەسلەپتە كومپىيۇتىر مۇزىكىسى بىلەن شۇغۇللانغاندا ئىشنى نەدىن باشلاشنى بىلمەيدۇ.قايسى خىل يۇمشاق دىتالنى تاللاشنى شۇنداقلا ئەسۋابلارنى ۋە كومپىيۇتىر سەپلىمىسىنى سەپلەشنى بىلمەيدۇ،ئالدىرىماڭ مەن بىلەن بىرلىكتە ئاستا-ئاستا چۈشەنچە ھاسىل قىلىڭ.
كومپىيۇتىر مۇزىكىسى تەرققى قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە ھەممە ئادەم بىلىدىغان دەرىجىگە يەتتى،پەقەت سىزدە سەپلىمىسى بىر قەدەر ياخشى كومپىيۇتىر بولسا بولىدۇ(P4 2.0 تىن يۇقۇرى بولىشى كېرەك،سەپلىمىسىنى باشقا تېمىدا چۈشەندۈرىمەن).
تۆۋەندە دوسلارغا بىر قەدەر ئومومىلاشقان بەزى مۇزىكا ئىشلەش يۇمشا دىتاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن،بۇنۇڭدىن سىز ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغىنىنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
1.مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتالى(ئىقتىدارى تولۇق + ئاۋازغا ئىلىش + MIDI ياساش +ئاۋاز تەھرىرلەش)
2.ئۇسۇل مۇزىكىلىرىنى ئىشلەيدىغان يۇمشاق دىتال
3.ئاۋازغا ئىلىش يۇمشاق دىتالى
4.MIDI ئىشلەش يۇمشاق دىتالى
تۆۋەندە بىز بۇ مۇزىكا ئىشلەيدىغان ئالاھىدە يۇمشاق دىتاللار بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىلى
<1> مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتاللىرى
ھازىر مۇزىكا ئىشلەشتە ئاساسى جەھەتتىن ئىقتىدارى تولۇق ، كۈچلۈك ،ھەر خىل يارىتالايدىغان ھەم كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان يۇمشاق دىتال بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىلى ،ئۇ بولسىمۇ مۇزىكا ئىشلەش ساھەسىدە رەھبەرلىك ئورىنىنى ئىگەللىگەن ھۆكۈمران:CUBASE

ھازىر CUBASE نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 4.0 ( ھازىر 2.0 ۋە 3.0 نى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ،4.0 نەشىرى تولۇق ئوموملاشمىدى)
CUBASE گېرمانىيە Steinberg شېركىتى تەتقىق قىلىپ چىقارغان ناھايىتى ئەھمىيەتلىك مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتالى .ئەتراپلىق ،كۈچلۈك ئىقتىدارى شۇنداقلا قۇلايلىق بولغان باشقۇرۇش كۆزىنىگى كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىغىنىڭ سەۋەبى بوپ قالدى،ئاۋازغا ئىلىشتىن باشلاپ MIDI نىڭ تەھرىرلىنىشى ،ناخشىنىڭ ناخشا بوپ چىقىشىغا Cubase بولسىلا يىتىپ ئاشىدۇ.
قىيىنلىق دەرىجىسى: قىيىنراق
تۆۋەندە Cubase نىڭ بىر قوساق ئاكىسى NUENDO بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىلى

ھازىر NUENDO نىڭ ئەڭ يۇقۇرى نەشىرى 4.0 ئوخشاشلا گېرمانىيە Steinberg شېركىتى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىقارغان ،ئىشلىتىش كۆزىنىكى ۋە ئىقتىدار جەھەتتە CUBASE بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ،پەقەت كۆرۈمە چاستوتنى (视频) بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە CUBASE قا قارىغاندا تېخىمۇ ئىلغار.
قىيىنلىق دەرىجىسى: ئوخشاشلا ئانچە ئاسان ئەمەس
يەنە بىر خىلى كۆپلىگەن كىشىلەر ئىشلىتىدىغان ئاۋازغا ئىلىش ۋە مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتالى :SONAR

SONAR ئىلگىرى نامى چىققان ھۆكۈمران ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۆكۈم سۈرگەن Cakewalk ،ئۇ 9.0 نەشىرىدىن كىيىن ئىسىم ئۆزگەرتىپ ئىسمىنى SONAR غا ئۆزگەرتتى، ئۇ Cakewalk نىڭ كۈچلۈك MIDI بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاساسىدا ئاۋازغا ئىلىش،ئاۋاز تەھرىرلەش شۇنداقلا بىرىكتۈرمە ئىقتىدارلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى.يىغىنچاقلىغاندا بۇ دىتال يەنىلا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشمەكتە،ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرى 7.0
قىيىنلىق دەرىجىسى : ئاسان
ئەگەر CUBASE、NUENDO ،SONAR پۇقرالارنىڭ مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتالى دەپ مىسال قىلساق ،ئۇنداقتا بىز ئاق سۆڭەكلەرنىڭ بۇ قۇرالى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىلى ، ئۇ بولسا: LOGIC

LOGIC نىڭ تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن ،ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتالى .
5.0 نەشىرىدىن كىيىن PC كومپىيۇتىرىنى قوللىمىدى ،شۇڭا LOGIC نى ئىشلىتىش ئۈچۈن <ئالما> ماركىلىق كومپىيۇتىر توغرا كىلىدۇ.
ھازىر چەتئەلدە LOGIC مۇزىكا ئىشلەيدىغان يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئىچقدە ئاساسلىق ھىسابلىنىدۇ.
نۇرغۇنلىغان كەسپىي مۇزىكانىتلار يەنىلا مۇشۇ يۇمشاق دىتالنى ئىشلىتىدۇ،ھازىرقى نەشىرى 7.0
قىيىنلىق دەرىجىسى: قىيىن
تۆۋەندە ئەڭ دەششىتىدىن بىرنى تونۇشتۇرىمەن: SAWSTUDIO

SAWSTUDIO ئون نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە ،ئۇ ئامىرىكىنىڭ BOB LENTINI شېركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئونۋېرسال مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق قۇرالى.
ئىقتىدارى كۈچلۈك ،بولۇپمۇ ئاۋازغا ئىلىش ۋە ئاۋاز چاستوتىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە كىشىلەرنى قايىل قىلىدىغان دىتال! ھازىر بۇ يۇمشاق دىتالنى ئىشلىتىۋاتقانلار بىر قەدەر ئاز،لىكىن بارغانسىرى كۆپ كىشىلەر بۇ يۇمشاق دىتالغا دىققەت قىلماقتا ۋە ئۇنۇڭدىن پايدىلىنىپ مۇزىكا ئىشلىمەكتە،بىر كۈلەردە بۇ يمشاق دىتال CUBASE ۋە SONAR غا ئوخشاش ئوموملىشىپ قالغۇسى.
قىيىنلىق دەرىجىسى : قىيىن
داۋامى بار.........
ئاپتونىڭ رۇخسىتى بىلەن تەرجىمە قىلىندى، رۇخسەتىسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ،نەشىر ھوقوقى ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورىغا تەۋە . ------ماكان |