(دادىجان) ئۇن ئىلىش ئۆيى ياساش ماتىريالى .....
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .....يىقىندا ئۇنگەئىلىش ئۆيۇمنى پۇتتۇرۇپ سۇرئەتلىرىنى مۇنبەرگە يوللىغان ئىدىم ، تورداشلار ناھايىتى ياخشى باھالارنى بەردى ۋە ماتىرياللار توغرىسىدىكى سۇئاللار سورالدى ، شۇڭا دوستلارغا پايدىسى تىگىپ قالا دەپ بۇتىمىنى يوللۇدۇم .
مەن ياسىغان ئۇن ئىلىش ئۆيى بەلكىم سىلەرنىڭكىگە وخشىماسلىقى مۇمكىن ، شۇنداقتىمۇ ئۇكگە سۇپىتىدە چۇشەندۇرۇپ ئۆتەي .
چوڭلىقى جەمىى 12پىڭپاڭ ئۆي . 4پىڭپاڭ ئۇن ئىلىش ئۆيى ، 4 پىڭپاڭ كونتىرول ئۆيى . كىچىك كارادور 4پىڭپاڭ.....ئۆي ئىگىزلىگى 2.2مىتىر . كەڭلىگى 3مىتىر ، ئۇزۇنلىقى 4.2مىتىر.
ئۇن ئىلىش ئۆيىنى ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا ئاددىلا ياسىۋالغان ، شۇچاغدىكى ماتىريال تۆۋەندىكىچە.....
1.سىرىتقى قەۋەت: گەج پەنەركە . 2 . قەۋەت ئاق پو 3 سانتا . 3 .قەۋەت بازاردىكى تۇخۇم قويىدىغان قاتتىق قەغەز تاختاي بىر تاختىسىنى 1 مو دىن ئالغان .
بۇ بولسا ئۆتكەن يىلى قىشتىكى ئۇن ئىلىش ئۆيى . بۇ يەرلىك ماتىريال ئىشلىتىلگەن ، ئەرزان باھالىق ، ئۇنىمى يامان ئەمەس ئۆي.
ئەمدىكىسى بولسا مۇشۇ ئالدىنقى ئۆينى ئاساس قىلىپ شۇ ماتىرياللار ئۇستىگە قوشۇلغان ماتارياللار.
(بۇرۇنقىسىنى ئىچىگە ئالغان) 1.سىرىتقى قەۋەت: گەج پەنەركە . 2 . قەۋەت ئاق پو 3 سانتا . 3 .قەۋەت بازاردىكى تۇخۇم قويىدىغان قاتتىق قەغەز تاختاي 4.قەۋەت يەنە بىرقەۋەت 3سانتىلىق ئاق پو تاختا . 5 . قەۋەت ئويمان شەكىللىك بۇلۇت قىلىنلىقى 5 سانتا.
بۇ بولسا ھازىرقى ئۇن ئىلىش ئۆيى
ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغىنىم ، پو تاختىنى چاپلىغاندا ۋەننىڭ جو ئىشلەتمەڭ ، ئىرىپ كىتىدۇ . مەخسۇس يىلىمى باركەن ، بۇلۇتنىمۇ ، پو تاختىنىمۇ ناھايىتى ياخشى تۇتىدىكەن.....
بۇجەرياندا ئاۋارچىلىق بولىدىغان بىر مەسىلە بار ، بۇ دەل تۇخۇم تاختىسىنى پو تاختىغا قانداق چاپلاش ، چۇنكى تۇخۇم تاختىسى يۇزى تۇز ئەمەس ، چوقچىيىپ چىقىپ تۇرغان ،بۇ چاپلاشقا ئىغىر ئاۋارىچىلىق ئىلىپ كىلىدۇ ، شۇڭا ئالدىرماي شۇ چوقچىيىپ چىققان يەرلىرىگە يىلىمنى ئالدىرماي تىمىتىپ چاپلىساق ئاندىن تۇرغۇزالايمىز. ئەڭ كۆپ ۋاقىت مۇشۇ جەرياندا سەرىپ بولىدۇ . ھەرگىز ئالدىرماڭ ، چوقۇم ئىنچىكە بولۇڭ.
قالغان ئىشلار ئاسان . چاپلاش تىن ئاسان ئىش يوق ، بىراق توغرا توغۇرلاپ كىسىپ ئاندىن چاپلاڭ ......
ئەمدىكى مەسىلە ، ماتىريالنى نەدىن ئالىمىز ؟ شۇ بۇلۇتتىن باشقىسى ھەممىمىزنىڭ ئەتراپىدا بار ، تاپقىلى بولىدۇ .
پۇلۇتقا كەلسەك . مەن توردىن سىتىۋالغان . بۇ ماتىريال ئەرخىل ، ئەگەر ياخشى دىيىشمىسەك ناچار مال كىلىپ قالىدۇ . بەزىلىرى بار قارىسىڭىز وخشاش كۆرۇنىدۇ بىراق زىچلىقى وخشىمايدۇ . باھاسىمۇ وخشىمايدۇ .
مەن ئالغىنىم بولسا بىر تاختىسى 5 يۈون ، 4 تاختىسى بىر پىڭپاڭ .
ئەگەر ھازىر ئىلىشنى ويلاشقان دوسلار بولسا مەن ئۆزۈم ئالغان دۇككاندىن ئالاقىلىشىپ بىرىمەن ، سۇپىتىگە كاپالەتلىك قىلىمەن . بۇنداق دىسەم مىنى سودا قىلىۋاتىدۇ دەپ قالماڭلار ، مەن تونىغاشقا سىلەرگە ئىشەنچلىك مال تەۋسىيە قىلماقچىمەن .
مال زاكاس قىلماقچى بولساڭلار مۇنبەرگە تاۋباۋ دىكى نۇمىرىڭلارنى ياكى تاۋباۋ ئىسمىڭلارنى چ چ نى قالدۇرۇپ قويۇڭلار . مەن سىلەرنىڭ نۇمۇرۇڭلارنى ئۇنىڭغا يەتكۇزۇپ قويىمەن . بۇنداق بولغاندا سىلەر ئالاقىلاشقاندا تالاش تارتىش بولمايدۇ ، سىلەرنىڭ مىنىڭ بۇرادەرلىرىم لىقىڭلارنى بىلىدۇ دە مالنى خاتىرجەم سىتىۋالىسىلەر .........تاۋباۋ نۇمىرى يوقلار بوپقالسا مەن ئۆزۇم ياردەم قىلىپ ئەكەلدۇرۇپ بىرىمەن.
قالغىنىغا نىيەت ئەلا ......قىلىمەن دىسەڭلار چڭقۇم قىلالايسىلە.......ئامەت تىلەيمەن .
دوستۇڭلار دادىجان
چ چ 616612751http://www.makanmusic.com/bbs/data/attachment/forum/201201/27/142842xlzeuhh5c8i46xef.jpghttp://www.makanmusic.com/bbs/data/attachment/forum/201201/27/142933ceddddgwgddkz050.jpghttp://www.makanmusic.com/bbs/data/attachment/forum/201201/27/143007x10axxeoioonbuc0.jpghttp://www.makanmusic.com/bbs/data/attachment/forum/201201/27/143047ca8x13087zz367g3.jpghttp://www.makanmusic.com/bbs/data/attachment/forum/201201/27/142704jotmj70jxgzbutt7.jpghttp://www.makanmusic.com/bbs/data/attachment/forum/201201/27/142718raifurwspsr04y1m.jpghttp://www.makanmusic.com/bbs/data/attachment/forum/201201/27/142745km4k3eb4x98i4slk.jpghttp://www.makanmusic.com/bbs/data/attachment/forum/201201/27/142807374l3zosflfnh1g4.jpg ئۆينى بېزەشكە ئانچە جىق پۇل كەتمەمدۇ نىمە؟ tuprak يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 12:33 static/image/common/back.gif
ئۆينى بېزەشكە ئانچە جىق پۇل كەتمەمدۇ نىمە؟
ئاغىنە ، بۇلۇتنىڭ باھاسى ئەرزاندەك بىلىنگەن بىلەن ، چاپلىسىڭىز جىق نەرسە ئۇ ،،،،،يەنەكىلىپ پەقەت بىر قەۋەت بۇلۇتلا چاپلىسىڭىز ، مىنىڭچە ياخشى ئۇنۇمگە ئىرىشەلىشىڭىز ناتايىن ، ھەرخىل ماتىريالدىن بىرقانچە قەۋەت قىلىپ ياسىسىڭىز چوقۇم ياخشى بولىدۇ.......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دادىجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-30 13:29
مەخسۇس كەسپى ىستودىيەلەرگە ئشلىتىدىغان ئاۋاز شۇمۇرۇش تاختىسى (隔音板)بار.ھەر كۇادىراتى 80يۇەن ئەڭ ئەرزىنى تېخى. ياخشى بوپتۇ، سىز ئۈنگە ئېلىش ئۈيىڭىزنى يەر ئاستى ئۆينى بېزىگەن ئوخشىمامسىز؟ يەر ئاستى ئۆيمۇ خىلى ياخشى.(مېنىڭمۇ شۇ...:lol...) تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ سىز .رەھمەتسىزگە.مۇشۇنچىلىك بولسا بولدى،قالغان ئىش ئۇزىمىزگە باغلىق. بەك ئولچەملىك ياسايمىز دىسەك كوپ مەبلەغ كىتىدۇ.ئۇنداق ئولچەملىك ئوينى سېلىشقىمۇ جىق پۇل كىتىدۇ. :handshake تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ سىز .رەھمەتسىزگە.مۇشۇنچىلىك بولسا بولدى،قالغان ئىش ئۇزىمىزگە باغلىق. بەك ئولچەملىك ياسايمىز دىسەك كوپ مەبلەغ كىتىدۇ.ئۇنداق ئولچەملىك ئوينى سېلىشقىمۇ جىق پۇل كىتىدۇ. :handshake رەخمەت،جاپا تارتىپسىز،ئويمان شەكىللىك بۇلۇتنىڭ بىرسى 5 يۇەنما؟مەن سەل قىممەترەك ئاڭلاپ قاپتىكەنمەن،ھەيران قىلىۋاتىمەن. سىرتىغا چاپلىغان ئاخ خەيمەندىن مەن 10 پىڭفاڭ ئالاي ئالاقىلىشىپ بېرەمسىز مەن ئۈرۈمچىدە چ چ نۇمۇرۇڭلانى جالىدىم ماۋۇ مىنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋالغان ئاۋاز ئېلىش ئۇيۇمنىڭ رەسىمى، شارائىتىم يار بەرمىگەچكە ئۇسكۇنىلەرنى ئاۋاز ئېلىش ئۇيۇمگە قۇراشتۇرۋالدىم، كىيىنچە ئايرىم قىلىۋالىمەن، ئەينى ۋاقىتتا ئالدىراپلا تارتقان رەسىم ئىدى، سەل رەتسىز، ئۇستازلارنىڭ توغرا چۇشۇنىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن! كۆڭلىنىڭ شىرىسى يوق بالىكەن بۇ دەپ قالماڭلا ماخما بۇ رەسىم چىقماپتۇغۇ؟ MusicSun يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 00:56 static/image/common/back.gif
بۇ رەسىم چىقماپتۇغۇ؟
سىلىق چىقىپتۇ .....راھەت ئازادە كۆرۇنىدىكەن m-k-music يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 17:36 static/image/common/back.gif
رەخمەت،جاپا تارتىپسىز،ئويمان شەكىللىك بۇلۇتنىڭ بىرسى ...
ھەرخىلى بار ، ئەرزانراقى شۇ ..... Steinberg يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 17:34 static/image/common/back.gif
تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ سىز .رەھمەتسىزگە.مۇشۇنچىلىك بولسا ...
دىگىنىڭىز توغرا ، تاما - تاما كۆل بولا.........
بەت:
[1]
2