makan يوللانغان ۋاقتى 2008-7-22 01:51:19

7 كۈندە Cubase/Nuendo نى تېز ئۈگۈنۈش قوللانمىسى(4)

رىيال كۆزنىگىنىڭ بىكىتىش(تەڭشەش)ۋە MIDI نوتا بەلگىسىنى يېزىش

1-Nuendo نى ئاچساق ئىچى قۇپ قۇرۇق كۆرىنىدۇ،تىزىملىكتىن File-Import-MIDI File نى بىسىپ ئۆزىمىزدە بار بولغان  MIDI ھۆججىتىدىن بىرنى ئاچىمىز.

http://hd83.15150.com/photo/2010_7_23/3177335_1501618.gif

2-ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدىكى  MIDI نى ئىشلەتمەي ،سىرىتتىن بىر  MIDI ئىكىرمەكچى بولسىڭىز،يېڭى بىر تۈر قۇرۇڭ،رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى بىسىپيېڭى بىر  MIDI يولى قۇرۇڭ.قۇرغان يولدىكى نى بىسىپ ئىسىم ئۆزگەرتەلەيسىز.

http://hd83.15150.com/photo/2010_7_23/3177335_1502812.gif


18-مەشغۇلات: MIDI نوتىسىنى يېزىش

1-ئالدى بىلەن قەلەم بەلگىسىنى بىسىپ تاللىۋالىمىز،MIDI يولىنىڭ كەينىدىكى قۇرۇق ئۇرۇندا مائۇسنى بىسىپ تۇرۇپ مەلۇم بىر MIDI بۆلەكنى تاللايمىز(سىزىۋالىمىز).

http://hd83.15150.com/photo/2010_7_23/3177335_1504181.gif

2-ئىستىرىلكا بەلگىسىنى تاللاڭ،MIDI يولىنى مائۇس بىلەن قوش چىكىڭ،بۇ چاغدا رىيال كۆزىنىگىنىڭ ئىچىگە كىرەلەيمىز.

http://hd83.15150.com/photo/2010_7_23/3177335_1505278.gif

3-بۇ رىيال كۆزنىگى  ئىچىلغاندا بىز قۇرال تاياقچىسىنىڭ ئىچىدىن قەلەم بەلگىسىنى تاللىۋالىمىز،شۇنىڭ بىلەن MIDI نوتىسىنى يازالايمىز.

http://hd83.15150.com/photo/2010_7_23/3177335_1511039.gif

4-(رىيال كۆزنىگىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز داۋاملىق ئاخىرىغا قاراڭ )تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ،رەسىمگە قاراپ بىىلدىڭىزمۇ؟ توغرا يۆلىنىشلىك سىزىق رىتىمنىڭ ئۇزۇنلىغى ،تىك سىزىق نوتا ئاۋازنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىگى(بوش-كۈچلۈكلىك دەرىجىسى).

http://hd83.15150.com/photo/2010_7_23/3177335_1512389.gif

5-ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك نوتىنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن،رىيال كۆزىنىگىنىڭ ئاستىدىكى تاللاش كونۇپكىسى ئارقىلىق ئۈستىدىكى رىتىمنىڭ چىلىنىش كۈچىنى(力度) تەڭشىگىلى بولىدۇ(ئۇ ھەرگىز ئاۋازنىڭ چوڭ كىچىكلىگى ئەمەس بەلكى چىلىنىش كۈچى(دىنامىكا)).

http://hd83.15150.com/photo/2010_7_23/3177335_1513827.gif

19-مەشغۇلات:رىيال كۆزنىگە بىر نەچچە خىل مۇھىم تۈزىتىشلارنى ئىلىپ بېرىش

http://hd83.15150.com/photo/2010_7_23/3177335_1515179.gif


1-MIDI يولى كوپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا،بۇ MIDI يولىنى ئايرىم ئاڭلىماقچى يەنى قويماقچى بولساق بۇنى بىسىپ كۆك رەڭگە كەلتۈرۈڭ.
2-رىياك كۆزىنىگىدىكى نوتا بەلگىسىنى تەھرىرلىمەكچى بولسىڭىز،شۇنداقلا ئۇنى يازغان،يۆتكىگەن چاغدا ئۇنىڭ ئاۋاز چىقىرىشىنى خالسىڭىز بۇنى بىسىپ كۆك رەڭگە كەلتۈرۈڭ.2-
3-ھەر قىتىم نوتا بەلگىسىنى باسقىنىڭىزدا Cubase/Nuendo ئۇنىڭغا ئاپتۇماتىك چىلىش كۈچى(力度) بەلگىلەپ بەرمەكچى بولسا،بۇ سانلىق قىممەت چىلىنىش كۈچىنىڭ قاتتىق -يۇمشاقلىغىنى بەلگىلەيدۇ.
4-بۇ يەرنى بىسىپ بۇ رامكىنىڭ چوڭ -كىچكلىگىنى تەڭشەيسىز،ئادەتتە چىقىلماڭ.

20-مەشغۇلات:ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانماي نوتا يېزىش

1-بىر نوتا بەلگىسى يېزىڭ ۋە ئۇنى چىكىڭ(چىكىپ قويسىڭىزلا بولدى،ئۇنى سۆرىمەڭ)،ئۇنىڭ ئۈستىگە قارىسىڭىز بۇ يازغان نوتىمىزنىڭ تولۇق 4 كە بۆلۈنگەن نوتا بەلگىسى ئىكەنلىگىنى كۆرىمىز.

http://hd83.15150.com/photo/2010_7_23/3177335_152454.gif

2-نوتا بەلگسىنى بىسىپ تۇرۇپ ئۇنى ئوڭ تەرەپكە سوزساق (قەلەم ھالەتتە)،بايامقى 4 كە بۆلۈنگەن نوتا بەلگىسى 2 گە بۆلۈنگەن ياكى تولۇق نوتا بەلگىسىگە ئۆزگىرەيدۇ،لىكىن ئۇنى سولغا سوزساق 8 گە بۆلۈنگەن نوتا ھالىتىگە ئەكىلەلمەيمىز.

http://hd83.15150.com/photo/2010_7_23/3177335_152177.gif

3-سىز Lengte نىڭ ئاستىدىكى ساننى 8/1 غا ئۆزگەرتىپ قويۇڭ ،بۇ چاغدا نوتا بەلگىسىنى سولغا سۈرۈپ بېقىڭ ،ئەمدى 8 گە بۆلىنگەن نوتا بەلگىسىگە ئۆزگىرەيدۇ.

http://hd83.15150.com/photo/2010_7_23/3177335_1523197.gif

4-مائۇس بىلەن ئىستىرىلكا بەلگىسىنى تاللاڭ،نوتا بەلگىسىنى تاللاڭ،بۇ چاغدا نوتىنىڭ تاۋاش يۇقۇرى تۆۋەنلىگىنى ۋە تاكىتنىڭ (ئۇدار) ئورنىنى ئۆزگەرتەلەيسىز.

http://hd83.15150.com/photo/2010_7_23/3177335_1523197.gif

5-سىز نىڭ ئاستىدىكى سانلىق قىممەتنى 8/1 گە ئۆزگەرتكەندىن كىيىن ،سىز نوتىنى بەلگسىىنى بىسىپ تۇرۇپ ئۇنى ھەر 8 گە بۆلۈنگەن ئاۋازنىڭ باشلىنىش نوقتىسىغا قويالايسىز.ئەگەر ئاۋاز بۆلەكلىرىنى تېخىمۇ قىسقا قىلماقچى بولسىڭىز رىيال كۆزنىگدىكى كاتەكچىكەر شۇنچە زىچ ۋە توغۇرلۇق دەرىجىسى يۇقۇرى بولىدۇ.

http://hd83.15150.com/photo/2010_7_23/3177335_1523197.gif

6-گەرچە بۇ ئىككى خىل تەڭشەش ۋاقىت قىممىتىنى شۇنداق قىسقا قىلىپ تەڭشەلىسىمۇ (Triplet دىگىنىمىز تۇتاش ئۈچ ئاھاڭ،Dotted  چىكىتلىق سىزىق )مۇزىكا ئىشلىگەندە قۇلايسىز،بىۋاستە ئۆلچەملەشتۈرۈش كونۇپكىسىنى بىسىپ ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىقتىدارنى ئىتىۋەتسەك ،خالىغانچە نوتا بەلگىسىنى خالىغان ئورۇنغا قويالايمىز.

http://hd83.15150.com/photo/2010_7_23/3177335_1532384.gif

رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

mamat106 يوللانغان ۋاقتى 2008-7-22 10:46:09

رەخمەت مەن چۈشۈرىۋالدىم لىكىن بۇنىڭدە سىز دىگەندەك ئاۋازنى قايدۇرۇش ئۇسۇلى سۆزلەنمەپتىغۇ؟سىز مۇشۇ دەرىستە سۆزلىنىدۇ دىگەن ئەمەسمىدىڭىز؟

makan يوللانغان ۋاقتى 2008-7-22 11:08:28

بۇ دەرىسلىك جەمئى 7 قىسىم،كىيىنكى قىسىملىرىدا سۆزلىنىدۇ،رەت تەرتىۋى بىلەن يوللىمىساق قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ،بۇ دەرىسلىكلەرنىمۇ تەپسىلى كۆرۈپ مەشغۇلات قىلىپ بېقىڭ ياردىمى چوڭ بولىدۇ.

mamat106 يوللانغان ۋاقتى 2008-7-22 13:24:52

رەخمەت سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە مەن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم.

LOVEMUSIC يوللانغان ۋاقتى 2008-7-22 14:15:40

:victory: بەزى نەرسىلەرنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىكەنمەن ،كۆرۈپ ئىسىمگە كەلدى :handshake

RAWAPHUMAR2 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-4 01:33:00

7 كۈندە  نۇېندو ۋە كوباسنى ئۆگۈنۈش مەزمۇنلىرىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇشال بولغان ئېدىم.
بۇلارنى كۆرۈپ 4- مەزمۇنغا كەلگەندە،يېزىق مەزمۇنلىرى ئېنىق ،ئەمما رەسىملەر كۆرۈنمىدى.
شۇڭا بۇ ئېسىل مەزمۇننى يوللىغان تور باشلىقىدىن ئىلتىماس قىلىدىغىنىم، 4- مەزمۇننى قايتا بىر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ باققان بولسىڭىز. رەخمەت سىزگە ،ئاۋارە قىلدىم.

makan يوللانغان ۋاقتى 2011-7-4 09:48:54

خۇدايىم بۇيرىسا بۇ رەسىملەرنى يېقىندا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز:handshake

kaisar0909 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 00:03:02

رەخمەت سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە مەن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم.
بەت: [1]
: 7 كۈندە Cubase/Nuendo نى تېز ئۈگۈنۈش قوللانمىسى(4)