makan يوللانغان ۋاقتى 2009-5-12 23:14:30

EQ دىكى دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم چاستوتا نوقتىلىرىنىڭ رولى

ئالدى بىلەن بۇ ماتىريالنى تەمىنلىگەن بېيجىڭدا مۇزىكا ئاكوردلاشتۇرۇش كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئىنىمزغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.ماتىرياللار كۆپ تەرجىمە قىلىشقا يەنە ۋاقىت كىتىدۇ،تەرجىمە قىللىشنى خالايدىغان دوسلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار:handshake

50hz ،بۇ بىز دائىم ئىشلىتىدىغان ئەڭ تۆۋەن چاستوتا بۆلىكى،بۇ چاستوتا بۆلىگى بىز دائىم زالنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلىغان چاغدا بىزنىڭ قۇلىغىمىزغا ئاڭلىنىدىغان دۇمباقنىڭ چاستوتىسى.يەنى ئادەمنى ھاياجانلاندۇرۇپ ئۇسۇل ياكى دېسكوغا غىدىقلايدىغان چاستوتا بۆلىگى:lol سىز بۇ چاستوتىنى مۇۋاپىق يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان دۇمباق ئاۋازىغا ئېرىشەلەيسىز.لىكىن چوقۇم ئادەم ئاۋازىنىڭ 50hz ئەتراپىدىكى ئاۋازلارنى كىسىۋىتىڭ،بولمىسا قوناق ئىتىلدۇرغاندەك ئۈنۈم چىقىپ قالىدۇ.

70~100hz ،بۇ بىز يىقىملىق ئەممە كۈچلۈك BASS قا ئېرىشىدىغان زۆرۆر بولغان چاستوتا بۆلىگىدۇر،ئوخشاشلا ئادەم ئاۋازىنىڭ چاستوتىسىنى كىسىۋىتىدىغان بۆلەكتۇر(يۇقۇردىكى ئۇسۇلدەك دىمەكچى).BASS بىلەن دۇمباقنى ئوخشاش چاستوتىغا توغۇرلاپ قويماڭ ،بولمىسا دۇمباق ئاۋازى BASS تەرىپىدىن بىسىپ كىتىپ ئاڭلانماي قالىدۇ ياكى كۆرىنەرلىك ئىپادىلەنمەيدۇ(بۇ يەردە بىز دەۋاتقان دۇمباق يەرگە قويۇلغان، پۇت بىلەن تەپكىنى بىسىپ ئۇرىدىغان دۇمباقنى كۆرسىتىدۇ،،ئۇيغۇرچە نىمە دەپ ئاتايتۇق ئىسىمدە يوق:( ).

200~400hz ،بۇ چاستوتا بۆلىگىدە تەڭشىسەك بىز تېخىمۇ ئوچۇق BASS ئاۋازىغا ئېرىشەلەيمىز،شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇمباق ئاۋازىنىمۇ يىقىملىق قىلالايمىز.ئۇنىڭدىن باشقا بۇ بۆلەكنىڭ ئىچىدىكى بەزى چاستوتا بۆلىگىنى كۈچۈيتىش ياكى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق گىتتار ئاۋازنىڭ قوپال ياكى يەڭگىللىك دەرىجىسىنى تەڭشىيەلەيمىز.

800~1khz ،بۇ ئاۋاز بۆلىگىدە ناخشىدىكى ئادەم ئاۋازنى <پىششىق> ھالەتكە كەلتۈرشىدىكى بۆلەك يەنى ناخشا ئاۋازى پۈتۈپ چىقىشىدىكى بۆلەك.شۇنداقلا دۇمباق ئاۋازنىڭ ئۇرۇلۇش ئاۋازننى گەۋدىلەندۈرىدىغان بۆلەك ،بۇ ئۇسۇل مۇزىكىلىرىنىڭ دۇمبىغىغا بەكىرەك ماس كىلىدۇ(ئوخشاشلا بۇ يەردە بىز دەۋاتقان دۇمباق يەرگە قويۇلغان، پۇت بىلەن تەپكىنى بىسىپ ئۇرىدىغان دۇمباقنى كۆرسىتىدۇ،،ئۇيغۇرچە نىمە دەپ ئاتايتۇق ئىسىمدە يوق:(  )

1k~3khz ،بۇچاستوتا  بۆلىگى ئىنتايىن <قاتتىق>  چاستوتا بۆلىگىدۇر،بۇنىڭ ئىچىدە 1.5k-2.5k نىڭ كۆتۈرىلىشى گىتتار  ياكى BASS نى شۇنداق “جانلىق” قىلىپ كۆرسىتىدۇ.2~3k دائىرىدە ئاجىزلاشتۇرسا ئادەم ئاۋازىنى تېخىمۇ سىلىق،راۋان،چىقىدۇ،ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ئادەم ئاۋازى خۇددى بىرسى ئۇرۇشىۋاتقاندەك چىقىدۇ.سىز  بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ناخشىچىنىڭ ئاۋازىدىكى  غەزەپلىك ئاۋازلىرىنى يوقىتالايسىز:lol .بۇنىڭ ئەكسىچە بىز بۇنى يۇقۇرى كۆتۈرسەك  ئادەم ئاۋازى ياكى پىئانىنو ئاۋازىنىڭ  جانلىق چىقىرالايمىز.يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا بۇ چاستوتا بۆلىگى :<شاۋقۇن چاستوتا بۆلىگى> دەپ ئاتىلىدۇ.بەك كۆپ بوپ كەتسە مۇزىكىنى قالايمىقانلاشتۇرۋىتىدۇ.

3k~6khz ،ئاۋاز 3k  بولغاندا يەنىلا قاتتىق ھالەتتە بولىدۇ ،6k غا نىسبەتەن  يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئىلىپ بارغاندا ئادەم ئاۋازنىڭ سۈزۈكلىگىنى ئاشۇرغىلى  بولىدۇ.شۇنداقلا گىتتار ئاۋازىنىمۇ چىرايلىق  چىقارغىلى بولىدۇ.

6k~10khz ،بۇ چاستوتا بۆلىگى ئاۋازنىڭ <تاتلىق> قىلىپ ئاڭلىتىدۇ(بۇنداق دىسەم بۇ چاستوتىدىكى ئاۋازلارنى يالاپ يۈرمەڭلار ھە~~~:lol چاخ~چاخ...پېقىر ماكان چاخچاققا ئامراق:lol ) شۇنداقلا ناخشىنىڭ تىنىق ئىلىش  جەريانىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرىدۇ.شۇنداقلا گىتتار ئاۋازىنىڭ سۈزۈكلىگىنى ئاشۇرىدۇ(بەك چوڭ تەڭشىۋەتمەڭ)،دۇمباقلاار ،بارىبان قاتارلىق سوقما چالغۇلار مۇشۇ چاستوتا بۆلىگىدە <گۈزەللىشىدۇ>.تارىلىق سازلار شۇنداقلا بىر قىسىم بىرىكتۈرما چالغۇلارنى ئاۋازلىرى بۇ چاستوتا بۆلىگىدە <دەل ئورنىنى >
تاپىدۇ.

10k~16khz ، بۇ چاستوتا بۆلىگىنى كۆتۈرسەك ئادەم ئاۋازى تېخىمۇ چىرايلىقلىشىدۇ، شۇنداقلا سوقما چالغۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ روشان ئىپادىلىتىدۇ،دىججەت قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە :بۇ چاستوتا بۆلىگىدە ئاۋاز بارمۇ يوقۇمۇ شۇنى ئىنىق بىلىۋىلىشىمىز كېرەك ،بولمىسا سىزنىڭ قوشقىنىڭى شاۋقۇن ئاۋازى بولىدۇ خالاس.

LOVEMUSIC يوللانغان ۋاقتى 2009-5-12 23:21:38

ياخشى بىلىملەركەن ~ ئىنىمىزغا رەخمەت ~ :victory:  سىزمۇ جاپا تارتىپسىز ~ رەخمەت ~~~~:handshake

akparmusic يوللانغان ۋاقتى 2009-5-12 23:28:17

رەخمەت سىلەرگە،كۆپ جاپا تارتتىڭلار.

atillamusic يوللانغان ۋاقتى 2009-5-13 00:11:18

رەھمەت

يەنە بىر مۇھىم بىلىمنى يەتكۈزدىڭىز، شۇ تاپتا سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەيۋاتىمەن.........

metal يوللانغان ۋاقتى 2009-5-13 01:39:42

بىجڭدىكى دوستىمىزنڭ ئىشلرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز  ھەمدە مۇشۇ خەۋەنى بىزگە خەۋەردار قىلىپ تۇرغان ماكان ئۇستازغىمۇ كۇپ رەخىمەت :handshake

nazar يوللانغان ۋاقتى 2009-5-13 02:41:51

رەخمەت قوللىرىغا يەتمىسۇن، زىيان زەخمەت ماكان ئەپەندى  ناھايىتى ياخشى بىلىم :handshake

saba يوللانغان ۋاقتى 2009-5-13 09:52:31

پاھ ....پاە ......مۇھىم ئشلاركەن رەھمەت...

sndibat يوللانغان ۋاقتى 2009-5-13 11:22:42

مەنمۇ بىلىۋالدىم!بۇرۇن بەك چۈشۈنۈپ كەتمەپتىكەنمەن!:handshake

MUSICPRO يوللانغان ۋاقتى 2009-5-13 14:32:30

رەھمەت ماكان ئەپەندى ، قولىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن

ark-xir يوللانغان ۋاقتى 2009-5-14 01:53:34

لىكىن چوقۇم ئادەم ئاۋازىنىڭ 50hz ئەتراپىدىكى ئاۋازلارنى كىسىۋىتىڭ،بولمىسا قوناق ئىتىلدۇرغاندەك ئۈنۈم چىقىپ قالىدۇ.


مۇشۇ  گەپنى  تازا  چۈشەنمىدىم  :(   ،  قانداق  كىسىۋېتىدۇ  ؟؟

makan يوللانغان ۋاقتى 2009-5-14 10:12:32

مىنىڭ چۈشەنچەم:ئادەتتە ئادەم ئاۋازىغا قارىساق بۇرمۇنچە  چاستوتا دائىرسى بولىدۇ،شۇ بۆلەكلەرنىڭ ئىچىدىن 50hz قىسمىنى يوقۇتۇۋىتىش دەپ چۈشەندىم،قانداق يوقىتىدۇ بۇنى سىناپ باقمىدىم:lol بەلكىم شۇ دائىرىدىكى 推子 نى تۆۋەنگە چۈشۈرپ  50hz  ئاۋاز بۆلىگىنى يوق قىلىۋەتسەك  بولىشى مۇمكىن:handshake
بۇ رەسىمدىن  دىمەكچى بولغۇنۇمنى ئاز-تولا كۆرۈپ بېقىڭ:lol
http://www.ytmidi.com/product_pic/2008729103858_586.jpg

http://ttplayer.qianqian.com/upload/helpdocimage/image/junhengqi2.jpg

http://www.iforchina.com/picup/035/2006_11/061102231514143.jpg

http://www.it.com.cn/f/audio/0511/30/20051130_x3_quxian.jpg

شاتلان يوللانغان ۋاقتى 2009-5-15 00:30:04

ماكان دوستۇم سىزگە كۆپ رەخمەت ، سىز بىلەن شۇنداق يىقىن دوس بولۇپ كىچىلىك بازاردا بىر ئىستاكاندىن خام پىۋا ئىچىپ مۇڭداشقىم كىلىۋاتىدۇ جۇما.....

@music@ يوللانغان ۋاقتى 2009-5-18 00:01:20

رەخمەت سىزگە ماكان ئەپەندى قۇلىڭىزغا دەت تەگمىسۇن:handshake
بەت: [1]
: EQ دىكى دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم چاستوتا نوقتىلىرىنىڭ رولى