-
2010-07-29
سانائەت ئىنقىلابى ۋە دېڭىز-ئوكيان - [خاتىرلىرىمدىن]
سانائەت ئىنقىلابى ۋە دېڭىز-ئوكيان
-18ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئەنگىلىيىدە ۋاتنىڭ ھور ماشىنىسى كەشىپ قىلىشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مۇھىم كەشپىياتلاردىن بىرسى. بۇ كەشپىياتتىن بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ ئاساسەن ئادەم كۈچى، ھايۋان كۈچى ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى تەبىئىى كۈچلەردىن پايدىلىناتتى. مەسلەن: دېڭىز ۋە دەريالاردا سەپەر قىلغاندا ئادەم كۈچى ۋە شامال كۈچى، سۇنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىدىن ھاسىل بولغان كۈچلەرگە تايىناتتى.
بىرنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى يۈز بېرىپ يەنە يۈز يىلدىن كىيىن ئىنسانىيەت تارىخى ئىككىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابنى باشتىن كەچۈردى. بۇ قېتىمقى سانائەت ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم بەلگىسى ئېلېكتىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئېدىسون لامپۇچكىنى كەشىپ قىلىپ ئىنسانلارغا يېڭى يۇرۇقلۇق ئېلىپ كەلدى. گېنېراتور كەشىپ قىلىندى. ئېلېكتىرىك ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشقا با