-
2010-07-24
ئستراتېگىيىلىك چوڭقۇرلۇق - [تۈركىيە]
ئستراتېگىيىلىك چوڭقۇرلۇق
يېقىنقى كۈنلەردە تۈركىيدىكى تەتقىقاتچى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئىچىدە بىر كىشنىڭ گېپى جىق بولۇشقا باشلىدى، ئۇ بولسىمۇ تەمكىن، پىشىپ يېتىلگەن تەتقىقاتچى ئەخمەت داۋۇتئوغلى (Ahmet Davutoğlu، مەن ئازراق تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
ئەخمەت داۋۇتئوغلى كىم؟
1959-يىلى كونيانىڭ تاشكەنت ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئاناتۇليەدە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان نۇرغۇن يەر ئىسىملىرى بار، مەسلەن: تاشكەنت، سەيخۇن، جەيخۇن، ئاقسۇ، ئاقساراي....
بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىساد ۋە سىياسەت كەسپىدە ئوقۇدى، شۇ مەكتەپنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت(kamu yönetimi) كەسپىدە ماگىستىرلىق، سىياسەت ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇدى.
1990-يىلىدىن 1995-يىلغىچە چەتئەلدە خىزمەت قىلدى. كىيىن تۈركىيىگە قايتىپ كېلىپ مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيكەنت ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ماقالە ۋە كىتاپ يازدى. يازغان ماقالىلىرى دۆلەت رەھبەرلىرنىڭ دىققىتىنى چەكتى. 2002-يىلى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنى ھازىرقى رەئىس جۇمھۇر ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى رەئىس جۇمھۇر ئەخمەت نەجدەت سەزەر ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى، ھەمدە ئوتتۇرا شەرقىتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە ئەۋەتتى، بۇ جەرياندا پەلەستىن-ئىسرائىل تۇقۇنىشى، ئىراق ئۇرۇشى يۈز بەردى، داۋۇتئوغلى بىرىلگەن ۋەزىپىلەرنى نەتىجىلىك تاماملىدى، كىيىن باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپى بىلەن باش مىنىستىرنىڭ مەسلىھەتچىسى بولىدى. 2009-يىلدىكى يەرلىك سايلامدىن ھۆكۈمەت كابىنەدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى، نەتىجىدە ئەخمەت داۋۇتئوغلىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىدى. داۋۇتئوغلى مىللەت ۋەكىلى بولمىغاچقا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسدە قەسەم قىلىپ بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالدى، مىنىستىر بولغان ئىككى يىل نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
مەن بۇ كىشنىڭ 2002-يىلى يازغان « ئستراتېگىيىلىك چوڭقۇرلۇق
» دېگەن كىتابىنى يېقىندا ئوقۇشنى باشلىدىم، كىتاپ تىلى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى، سۆز، جۈملىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن. ھەم تەتقىقات قىلغان ھەم ئەمەلىيەتتە مۇۋەپىقيەتلىك ئىش قىلغان بۇ كىشنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەخمەت داۋۇتئوغلىنىڭ باشقا ئەسەرلىرى:
-
Alternative Paradigms: The Impact of Islamic ve Western Weltanschauungs on Political Theory. University Press of America, 1993
-
Civilizational Transformation and the Muslim World. K.L., Quill, 1994
-
-