-
2010-10-29
نوكىيانىڭGPSئورۇن بەلگىلەش سېسىتمىسىنى ھەقسىز ئىشلىتىش ئۇسۇلى - [ئەقلىفۇن بىلىمى]
نوكىيا تېلىفۇننىڭ ئىچىدىنN97 mini,N97i,X6-00,E72,E52,6730c,5230,N97 mini琉金导航版,5800w XpressMusic,N86 8MP,E71,E66,5800i 5800XpressMusic,5800iXpressMusic,2710C،قاتارلىق 15خىل تېلىفۇنغا مەڭگۇ ھەقسىز ئىشلەيدىغان gps ئورۇن بەلگىلەش سېسىتمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ(مېنىڭ يانفۇنۇم مۇشۇلارنىڭ بىرسى بولغان نوكىيا5230،باشقا يانفۇنلارنى ئىقتىدارىنى كۆرۈپ باقمىدىم،بەلكىم تەڭشەش مېنىڭچە نوكىيا5230 دىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمىسە كېرەك دەپ ئويلايمەن)،زاۋۇتتىن چىققان پېتى ئىشلەتكەندە تورغا ئۇلىنىپ ئىشلەيدۇ (ئەگەر تورنى ئاچقۇزغان بولسىڭىز)،ئېقىم مىقدارىنىڭ ئۆتىشىگە قاراپ ئادەمنىڭ ئىچى سېرىلىپ كېتىدۇ(مەن سېتىۋالغان كۈن بىلمىگەنلىكتىن يېرىم كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 18يىۋەن تېلىفۇن پۇلىنى يەپ كەتتى،كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ GPRS ئايلىق تاۋسەننى بېجىرمىگەن ئىكەنمەن)، ھەمدە خەرىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى قاچىلىمىغاندا خەرىتە نورمال ئىشلىمەيدۇ،تۆۋەندە مەن سىلەرگە يۇقارقى يانفۇننىڭ GPSئورۇن بەلگىلەش سېسىتمىسىنى بىر پۇڭمۇ خەجلىمەي ھەقسىز ئىشلىتىشنىڭ ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.(تەڭشەشكە ئاسان بولۇش ئۈچۈن بەزى ئاتالغۇلارنى خەنزۇچە ئالدىم) .
1.ئاساسلىق تەڭشەش.يانفۇننىڭ ئىقتىدار تىزىملىكى ئىچىدىن
设置>手机>应用程序设置>定位>定位方法نىڭ تاللاش تۇرىدىن “集成GPS”قالدۇرۇپ قويۇپ ئۇنىڭدىن باشقا تاللانغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز،定位服务器نى ئىشلىتىشنى چەكلەشكە تەڭشەپ قويىمىز(ئەگەر ئېقىم مىقتارى ئۆتسە مەيلى دەپ قارىسىڭىز تەڭشىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،بۇنداقتا ئورۇن بەلگىلەش ناھايىتى تېز بولىدۇ).
2.خەرىتىنى تەڭشەش.خەرىتىگە كىرگەندىن كېيىن 地图>工具>互联网 كىرگەندە بىزدىن تورغا ئۇلامسەن دەپ سورايدۇ،بىز 离线 دىگەننى تاللاپ قويىمىز.默认接入网点 نى彩信گە تەڭشەيمىز(چۈنكى بۇ ئۈنۈمسىز)، 工具>设置>地图>类别نىڭ ئىچىدىكى ھەممە تۈرگە توغرا بەلگىسى ئۇرىمىز.
3. يانفۇننىڭ سىغىم كارتىسىنىڭ (e دېسكا)نىڭ ئىچىدىكى cities ھۆججەت مۇندەرىجسىنى يۇيىۋېتىمىز.ئۇنىڭدىن كېيىن مەن تەمىنلىگەن تۆۋەندىكى پىرىسلانغان ھۆججەتنى سىغىم كارتىسىغا پېرىستىن يېشىپ قاچىلايمىز. چۈشۈرۈش
سىغىم كارتىسىدا يېڭىدىن بىر cities ھۆججەت مۇندەرىجسى پەيدا بولىدۇ.بۇ ھۆججەت مۇندەرىجىسى ئىچىدە شىنجاڭ خەرىتىسى،ماشنىلىق ۋە پىيادە يول يۈرگەندىكى يول باشلاش ئاۋاز ھۆججىتى،ئېلىكتىرونلۇق ئاپشاركا،جاينىڭ ئىسمى پىنيىن چىقېۋىلېشنى ئوڭشاش ھۆججىتى،تورسىز ھالەتتە تېز ئورۇن بەلگىلەش ھۆججىتى تولۇق قاچىلانغان.
http://www.nokia.com.cn/get-support-and-software/software/maps/download
بۇ ئادرىستىن ئۆزىمىزنىڭ يانفۇنىغا ماس كەلگەن خەرىتە ھۆججىتىنى(بۇبىر sis ھۆججىتى) چۈشۈرۈپ يانفۇنىمىزغا قاچىلايمىز.(يانفۇننى كومپىيوتېرغا ئۇلاپ ھۆججەتنى كۆپەيتىپ كۆچۈرۈشنى سۆزلىمىسەممۇ بولار،بۇنى ھەممەيلەن بىلىدىغۇ دەيمەن).يانفۇننى بىر قېتىم ئۆچۈرۈپ قوزغاتقاندىن كېيىن ئىقتىدار تىزىملىكى ئىچىدىن
地图>工具>导航دىن 驾车导航ۋە步行导航 نى 普通话-女人گە تەڭشەپ قويىمىز. ئەمدى مەشغۇلات ئاخىرلاشتى،يانفۇننىڭ خەرىتىسىنى قوزغىتىڭ،10 مىنۇتلار ئەتراپىدە يانفۇننىڭ ئېكرانىدا چوڭ بىر قىزىل چېكىت پەيدا بولىدۇ،بۇ دەل سىزنىڭ ئورنىڭىزنى كۆرسىتىدۇ ،بۇنى ئامال بار سىرىتتا سىناڭ،چۈنكى سۇنئى ھەمرانىڭ سىگنالىنى ئۆينىڭ ئىچىدە ئاسان قوبۇللىغىلى بولمايدۇ،يانفۇننىڭ سول تەرەپ ئۈستۈنكى بۈرجۈكىنى توسىۋالماڭ،ئانتېنناسى مۇشۇ يەرگە جايلاشقان،ھاۋا ئوچۇق بولمىسا بەلكىم 20 مىنۇتلار ئەتراپىدا سىگنال قوبۇللىشى مۇمكىن.چۈشەنمىگەن جايلار بولسا QQ:654523265 ئارقىلىق مەندىن ياردەم سوراڭ.