-
2010-08-02
Photoshopنى ئۆگىنىشتىن ئىلگىرىكى 19جۈملە ھىكمەتلەر - [كومپىيوتېر]
1.Photoshop بولسا بىر قورال خالاس،ئۇنى ھەممىگە قادىر دەپ قارىماڭ.
2. 5 كىتاپنى كۆرۈپ ئۆگەنگىنىڭىزگە قارىغاندا،ئۆزىڭىزنىڭ مىڭىسىنى ئىشلىتىپ بىر مىسالنى ئىشلەپ ئۆگەنگىنىڭىزگە يەتمەيدۇ.
3. Photoshopنى ئۆگىنىش تەس ئەمەس،تەس بولغىنى ئۇنى قانداق ئىشلىتىپ ئۆگىنىشتە.
4. كۆرۈنىۋاتقان ھەر بىر ئىقتىدارلىرىنى ئىگىلىشىڭىز ھاجەتسىز،سىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان قىسىمىلىرىنى پىششىق ئىگىلىۋالسىڭىز يېتەرلىك.
5. ئاساسلىق ئامىلغا سەل قارىماڭ،دائىم قارايدىغان بولساق مۇرەككەپ رەسىملەر مۇشۇنداق ئاساسلىق ئامىلدىن قۇراشتۇرۇلغان بولىدۇ.
6. XXX دەرىسلىكتە سەۋىرچان ئادەم ئۆزى Photoshop نى ئېچىپ سىناق قىلىپ بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقامدۇ دىمەڭ.
7. ئىنگىلىزچە Photoshop نى ئىشلىتەلمەيمەن،ئىنگىلىزچە تور بەتنى كۆرەلمەيمەن،مەن بىلمىگەنكەنمەن باشقىلارمۇ بىلمەيدۇ دىمەڭ.
8. مەن گۈزەل سەنئەت ئۆگەنمىگەن،جەزمەن Photoshop نى ئۆگىنەلمەيمەن ياكى ئىشلىتەلمەيمەن دەپ ئەندىشە قىلماڭ.
9. پەقەت ئۆگىنەلمەيدىكەنمەن دەپ ئويلىماڭ.
10. Photoshop نى ئۆگىنىشتە قەتئى،سەۋىرچان بولۇش كېرەك.
11. مەلۇم رەسىم دەرىسلىكىدىن پايدىلىنىپ،ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ، باشقا رەسىمنى لاھىيىلەپ كۆرۈپ بېقىڭ.
12.دائىم ئۆزىڭىزنى ۋە باشقىلارنىڭ ماھارەتلىرىنى قوبۇللىۋېلىڭ ۋە خۇلاسىلاڭ.
13.مەسلىگە يولۇقسىڭىز ئاۋال ئۆزىڭىز ئويلاڭ،ياردەملەرنى تەكشۇرۇپ كۆرۈڭ،بىر سائەتتىن كېيىن نەتىجىسىنى چىقىرالمىسىڭىز،ئاندىن باشقىلاردىن سوراڭ.
14.ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ،نۇرغۇن بىلىمنى توردىن پايدىلىنىپ ناھايىتى ئاسانلا تاپالايسىز.
15.3 سائەت سەرىپ قىلىپ 10پارچە رەسىم لاھىيىلىگىنىڭىزگە قارىغاندا،10سائەت سەرىپ قىلىپ 3پارچە رەسىم لاھىيىلىگىنىڭىزگە يەتمەيدۇ.
16.باشتىن ئاخىر رەسىمدە نىمە مەزمۇن ئىگە قىلىنغان دەپ ئويلىماڭ،ياخشىراق قارىسىڭىزلا بولىدۇ.
17.Photoshopنى ئۆگىنىشتە ئالدى بىلەن ئىقتىدارىنى ئىگىلەڭ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇسۇلىنى ئىگىلەڭ.
18.ئالدى بىلەن مېڭىشنى ئۆگىنىڭ،ئۇنىڭدىن كېيىن يۈگرەشنى ئۆگىنىڭ.
19.يۇقىرىدىكى 18تۈرنى چۈشەنگەن بولسىڭىز،سىزنىڭچە Photoshopنى كارامەت ھىس قىلدىڭىزمۇ.
Photoshopنى ئۆگىنىشتىن ئىلگىرىكى 19جۈملە ھىكمەتلەر
Blog:ھەدىيە بلوگى2010-08-15 20:31:24