• 2010-06-08

    خاككىلارنىڭ يېڭى نىشانى iPad - [قىزىق نۇختا خەۋەرلىرى]

    رومىنىيەدىكى دۇنياغا داڭلىق بىخەتەرلىك شىركىتى BitDefender ھەپتىنىڭ 2-كۈنى  ئىشلەتكۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ،خاككىرلارنىڭ iPad  كە باشقۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بىر خىل ۋىروسنى ئەۋەتىپ،ئىشلەتكۈچىلەرنى ئېغىر زىيانغا ئۇچۇرتىدىغانلىقى،دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرىتتى.

    خاككىرلار ھەر قايسى iPad  ئىشلەتكۈچىللىرىگە ئىلىكتىرونلۇق خەت ئەۋەتىدىغان بولۇپ،خەتتە ھەر قايسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئالما تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئەڭ يېڭى دىتاللارنى چۈشۈرۋېلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىدىكەن ۋە بىر ئادىرىسىنى قۇشۇپ ئەۋەتىدىكەن،ئىشلەتكۈچىلەر ئالما تەرەپ يەنە قانداق دىتال چىقارغاندۇ'دەپ قىزىقىپ بۇ ئادىرىسنى ئاچىدىكەن،بۇ ئادىرىس ئېچىلغان ھامان كومپىيۇتېرغا ئارقا ئىشىك ئورنۇتىدىغان پىروگىرامما iPad  تىن بىر دانە ئارقا ئىشىك ئاچىدىكەن،ئىشلەتكۈچىلەر بۇنى بىلمەيدىكەن.

    iPad  يېڭى تارقىتىلغان قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدىلا دۇنيا مىقياسىدا ئالتە يۈزمىڭ دانە سېتىلغان بولۇپ،بۇ ھەر ساھە كىشىللىرىنىڭ،بولۇپمۇ خاككىرلارنىڭ قىزىقىشىنى ئالاھىدە قوزغايدىكەن.

     

    分享到: