-
2010-06-11
قاتتىق دىسكىغا 4G ھۆججەت نىمىشقا پاتمايدۇ؟ - [كومپىيوتېر]
بىر يۇمشاق دىتالنىڭ سىغىمى 6G يەنى ئالتە گىگابىت بولۇپ،ئۇنى قاتتىق دىسكىنىڭ d رايونىغا چۈشۈرمەكچى بولۇپ،چاقماقتا چۈشۈرۈش ئادىرىسنى چەكسە كۆرمىگەنلا بىر ئۇچۇر چىقىپ تۇرىۋاپتۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا ناھايىتى ئاددى، دىسكا رايونلىرىنىڭ ھۆججەت شەكلى fat32 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن ھۆججەت شەكلىدە فورماتلانغانلىقى ئۈچۈن.win98 ۋاقتىدا fat32 ھۆججەت شەكلى ئىشلىتىلگەن بولۇپ،windows xp دىن باشلاپ ntfs ھۆججەت شەكلى ئىشلىتىلگەن.سەۋەبى كۆپ بولۇپ،ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىخەتەرلىك مەسىلىسى،سېستىما خىزمەت سۈرئىتى مەسىلىسى ۋە سىغىمچانلىق مەسلىسى سەۋەبىدىن ntfs ھۆججەت شەكلى ئىشلىتىلگەن.
ئەگەر بىز سېسىتما رايونىغا ntfs شەكلىنى ئىشلەتمەكچى بولساق چۇقۇم دىسكىنى فورماتلاشقا توغرا كىلىدۇ.بۇ ۋاقىتتا بولسا دىسكىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى باشقا دىسكىغا يۆتكەشكە توغرا كىلىدۇ.ناھايىتى ئاۋارچىلىق ھەم ئۇزۇن ۋاقىتنى ئالىدۇ.windows xp ياسىغانلار بۇنىمۇ ئالدىن ئويلىشىپ،سېستىمىنىڭ ئۈزىگىلا بىر بۇيرۇقنى قۇشۇۋەتكەن بولۇپ،ئىشلىتىش ناھايىتى ئەپلىك.
开始 运行 نى ئېچىپ،ئىجرا كۆزنىكىگە cmd نى كىرگۈزۈڭ.ئاندىن dos ھالىتىدە تۇرۇپ تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بېرىڭ.
convert x:/fs:ntfs بۇ يەردىكى x بولسا سىزنىڭ ئايلاندۇرماقچى بولغان دىسكىڭىزنىڭ ئىسمى،.مەسىلەن d دىسكىنى ئايلاندۇرماقچى بولسىڭىز مۇنداق بۇيرۇق بېرىسىز.convert d:/fs:ntfs