• 2010-06-06

    كومپىيۇتېرنى تىز ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسى ياساش - [كومپىيوتېر]

    كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرگەندە 开始,关闭计算机 ئارقىلىق ياكى ۋەزىپە سىتوتىدىن 关机  نى تاللاپ،Ctrl  K نى بېسىش ئارقىلىق ئۆچۈرىمىز،بۇ خىل ئۆچۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ ئۆزىگە خاس تىزلىكى ۋە ئالاھدىلىكى بار،تۆۋەندە ئاددى بولغان بىر دانە ھۆججەت ياساش،شۇنى بېسىپ قويساقلا كومپىيۇتېرنى تىز ئۆچۈرۈش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرىمىز.

    ئاۋال ئېكران يۈزى يەنى 桌面 دە تۇرۇپ،مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ،چىققان تىزىملىكتىن新建  تۈرىنى ئېچىپ، تىز قوزغىتىش بەلگىسى'快捷方式  ھۆججىتىدىن بىرنى قۇرۇڭ،ئاندىن چىققان كۆزنەككە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈڭ.shutdown -s -t 0  ئاندىن 下一步,完成 نى باسسىڭىز ئېكران يۈزىگە ئىسمى shutdown بولغان بىر ھۆججەت قۇرۇلىدۇ.بۇ ھۆججەتنى بېسىپ بېقىڭ،قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىكىن؟

    ھىچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەيلا سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا ئۆچىدۇ.بۇ تىز قوزغىتىش بەلگىسىنى باشقىلار تاپالمايدىغان،ئۆزىڭىز تىزلا ئېچىپ،ئىشلىتەلەيدىغان يەرگە كۆچۈرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ.كىيىنكى قېتىم سېستىمىنى ئۆچۈرمەكچى بولغاندا مۇشۇ ھۆججەتنىلا ئىشلەتسىڭىز تىزلا ئۆچۈرۈش مەقسىتىگە  يىتەلەيسىز.

     

    分享到: