-
2010-06-05
Ultra Iso دىتالىدىن يېڭى بىر ھۈنەر - [يۇمشاق دېتال]
ھەممىمىز Ultra Iso دىتالىنى ئىشلىتىشنى،بۇ دىتالدىن پايدىلىنىپ Iso ھۆججەتلەرنى يىشىشىنى بىلىمىز،ئەمما بۇ دىتالنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى كۆپ بولۇپ تۆۋەندە ھەممەيلەنگە ئەسقاتىدىغان بىر ھۈنەر تۇنۇشتۇرىلىدۇ.
كۆپىنچىمىز يۇشۇرۇن ھۆججەتلەرنى ئاچقان ۋاقىتتا 文件夹选项 ئىچىدىن يۇشۇرۇن ھۆججەتلەر دىگەن تۈرلەرنىڭ ئالدىدىكى بەلگىنى ئېلىۋېتىپ ئاچىمىز،ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن بولسا يەنە شۇ تۈرلەرنىڭ ئالدىغا بەلگە قۇيۇپ يۇشۇرۇن ھالەتكە ئېلىپ كىلىمىز،ئەمما بۇ ناھايىتى ئاۋارچىلىق بولۇپ،Ultra Iso دىتالىدىن پايدىلانغاندا بىۋاستىلا يۇشۇرۇن ھۆججەتلەرنى ئېچىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.تۆۋەندىكى ئىككى پارچە رەسىمگە قاراڭ،1-پارچە رەسىمدە كومپىيۇتېردىكى d رايون كۆرۈنىدىغان بولۇپ،يۇشۇرۇن ھۆججەتلەر كۆرۈنمىگەن،2-پارچە رەسىمدە Ultra Iso دىتالى ئارقىلىق d دىسكىنى ئاچسام پۈتكۈل يۇشۇرۇن-ئاشكارا ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈندى.
دىمەك بۇ ئۇسۇلدا بارلىق يۇشۇرۇن ھۆججەتلەرنى بىۋاستە ئاچقىلى بولىدۇ، ھەممىدىن مۇھىمى بارماق دىسكىلاردىن گۇمانلىنىپ ئېچىشقا پېتىنالمىغان ۋاقتىڭىزدا بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئاچسىڭىز بارماق دىسكا ئىچىدىكى بارلىق ۋىروس،يېقىنكى كۈنلەردىن بۇيان توردا تارقىلىپ يۈرگەن،ئەسلى ھۆججەت قىسقۇچنى يۇشۇرۇپ ئۆزى ئىسىم قۇيۇپ exe شەكلىگە كىرىۋالىدىغان ۋىروس قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ۋىروسخور ئىشلەتمەي تۇرۇپلا مۇشۇ دىتال ئارقىلىق ئۆچۈرگىلى بولىدۇ،قېنى سىناپ كۆرۈڭ.