• 2009-06-07

    بۇرۇت ھىكايىسى - [ئەدىبى ئەسەرلەر]

    ئادىشاۋوي نېمە بولدڭلار؟
    -   
    نېمە بوپتىمەن؟
    -   
    چىرايىڭ باشقىچە تۇرىدىغۇ، ئۇتتۇرىۋەتكەن قىمارۋازدەك؟ ئايالىڭ خېتىڭنى بېرىۋەتمىگەندۇ؟
    -   
    تولا چاخچاق قىلمىغىنا؟ «ئىشەك ئۆلەۋاتسا، بىر نېمىسى غىچەك تارتىپتۇ» دېگەندەك؟
    -   
    ئەمىسە نېمە بولدۇڭ؟
    -   
    نېمە بولاتتىم؟ بۈگۈن ماۋۇ باشلىق دېگەن ئاداش «بۇرۇتۇڭنى ئالدۇرماپسەن ، 100 كوي جەرىمانە تۆلەيسەن، ماۋۇ بۇرۇتۇڭنى دەرھال يوقاتمىساڭ جەرىمانە يەنە قاتلىنىدۇ » دەيدۇ!
    -   
    شۇ گەپمىتى؟ ئېلىۋەتسەڭ بولمامدۇ، ھەممەيلەن ئالدۇرىۋەتكەندىكىن؟
    -   
    نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ؟ يىگىرمە نەچچە يىللىق قەدىناس بۇرۇت ماۋۇ ئەر كىشى دېگەننىڭ بۇرۇتى بولمىسا ئاجايىپلا بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ بۇرۇت قويۇش ئادىتى بارلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدىغان تۇرسا . ئىددىيە دەمدۇ، خىزمەت دەمدۇ ھەرقاندىقىدا بىزدە چاتاق يوق . يەنە نېمىگە ...  بولدىلا ساڭىمۇ چۈشەندۈرۈپ بولالمىغۇدەكمەن.
    -   
    قانچە قاخشىساڭمۇ بىكار ئاداش، بۇ دېگەن يۇقۇرىنىڭ بۇيرىقى ئىكەن. ئىجرا قىلمىساق بولمايدۇ.
    -   
    ھوي، يۇقۇرى دېگەن قەيەر؟ ئۇ يەردىمۇ بىزدەكلەر باردۇ؟
    -   
    ھا ھا ھا ، يۇقۇرىنىمۇ بىلمەمسەن؟ يۇقۇرى دېگەن ئۈرۈمچى.
    -   
    ئۈرۈمچى؟ ئۈرۈمچىدىمۇ بىز بىلەن بىر يەرلىك ئادەملەر كۆپقۇ؟ مۇشۇنداق بۇيرۇقنى شۇلار چۈشۈرەمدۇ؟ ئۇ يەردىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەتىر سوپۇندەك يۈرمەيدىغاندۇ؟
    -   
    دەل شۇنداق يۈرۈيدۇ. دەنشىدە(تېلېۋىزور) كۆرمىگەنمىتىڭ؟ زاماننىڭ كەينىدە قاپسەن جۇمۇ؟
    -   
    بولدى، بولدى. سەن بىلەن ئۇرۇشۇپ قالماي يەنە.
    ئاچچىقىمنى ئاران بېسىۋېلىپ ئۆيگە كەلدىم. ئۆيدىكىلەرنىڭ گەپلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمەيتتى. ئۆزەمنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن تېلېۋىزۇرنى ئاچسام بىر ئاداش » خوتۇن مانا ساڭا ئوسما ئالغاچ كەلدىم« دەۋىتىپتۇ، قارىسام يۈزى پاكىز يۇيۇلغان ياڭيۇدەكلا تۇرۇدۇ، يەنە بىر قانالغا يۆتكىسەم بىرسى ھەدەپ خەۋەر سۆزلەۋېتىپتۇ، يەنە بىرسىگە يۆتكىسەم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى تۇنۇشتۇرىۋېتىپتۇ، يەنە بىرسىگە يۆتكىسەم ئىتوت ئويناۋېتىپتۇ... ھەممىسى ياڭيۇكەن ئەمەسمۇ!
     
    تېلېۋىزورنى پاسسىدە ئۆچۈردۈم-دە، ئاچچىقىمدا ساتراشخانىغا ماڭدىم. ئىچىمدە » ئۈرۈمچىدە ئەر كشى يوقمۇ نېمە؟  «پىچىرلىدىم ئۆز-ئۆزۈمگە..........

    分享到: