-
2009-05-26
ئۇخلاپ ياتار قىلىچ قىنىدا(شېئىر) - [ئەدىبى ئەسەرلەر]
ئۇخلاپ ياتار قىلىچ قىنىدا ،
نۇر چاقنىماس ئۇنىڭ بىسىدا ،
قول ئىزى يوق قارا سېپىدا ،
ئۇخلاپ ياتار قىلىچ قىنىدا .
نەچچە يىللار تۇتۇلمىغان ساپ،
توپا - چاڭدا تۇرۇپتۇ يىغلاپ ،
ئۆتكۈر بىسى قانلارغا چاڭقاپ ،
ئۇخلاپ ياتار قىلىچ قىنىدا .
دات بېسىپتۇ ئۇنىڭ تېنىنى ،
كەسمەس ھەتتا ئاتنىڭ قىلىنى،
بىر جەڭگىمۇ يارىماس جېنى ،
ئۇخلاپ يايتار قىلىچ قىنىدا .
سۇغارمايدۇ قىنىدىن ھېچكىم ،
سۈرتۈپ قويماس تېنىنى بىر كىم،
ئاداققىچە تۇتۇلماس بەلكىم ،
ئۇخلاپ ياتار قىلىچ قىنىدا
历史上的今天:
فىلىم قويۇش پىلاستىنكىلىرىنىڭ تىپلىرى 2009-05-26ئاياللارنىڭ تەلىۋىنى مۇنداق قاندۇرۇڭ: 2009-05-26مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشنىڭ 20 تۈرلۈك سەۋەبى 2009-05-26مەن ئىشلىگەن ئېلىكتىرونلوق ئالبۇم 2009-05-26