• 2009-05-20

    چىكەرمەن - [ئەدىبى ئەسەرلەر]

    بىكار كەتتى ئاناڭنىڭ بەرگەن نېنى چىكەرمەن 
    زايا كەتتى ئاتاڭنىڭ يۈرەك قېنى چىكەرمەن 
    ئېلىپ كەتتى ئاق ئىبلىس ئاخىر سېنى چىكەرمەن 
    قاخشاپ قالدى شۇلارنىڭ يەنە جېنى چىكەرمەن 
    دىسە چەكچەيدىڭ چېكىۋەتتىڭ ئۆزۈڭنى 
    <
    ئاق>نى سېتىپ ئاستىرتتىن سېتىۋەتتىڭ ئۆزۈڭنى 
    بىلىپ تۇرۇپ بىر ئوتقا يېقىۋەتتىڭ ئۆزۈڭنى 
    ئەلدىن كۆرمە ئۆلۈمنى ئېتىۋەتتىڭ ئۆزۈڭنى 
    خۇتۇن-بالاڭ تاپقان پۇل ئۆيۈڭ قېنى چېكەرمەن 
    ئۇنىمىدىڭ تارتقانغا تاللىۋالدىڭ ئۆلۈمنى 
    ئۆز ئۆزۈڭگە راھەت دەپ ئۆزۈڭ سالدىڭ زۇلۇمنى 
    تۇرخۇن بولدۇڭ سۈمۇرگەن ئاچچىق ئسنى قۇرۇمنى 
    ئارتىۋالدىڭ ئۆشنەڭگە ئەخلەت ئالغان تۇلۇمنى 
    ئۆشنەڭدىكى ئەمەسمۇ دۈسمەن مېلى چىكەرمەن 
    دەريا ئدىڭغۇ ئېقىۋاتقان شاۋقۇنلۇق 
    قېنى ياشلىق سەندىكى قېنى ئوتلار يالقۇنلۇق 
    ۋۇجۇدۇڭدا نېمىشقا باش كۆتۈردى مەلئۇنلۇق 
    تاپقانلىرىڭ پۇل خەجلەپ قىلدى گۆرگە مەھكۇملۇق 
    يارالغانمۇ زەھەرگە ئېنسان تېنى چىكەرمەن 
    ئالمىدىڭ ساڭا يىغلاپ يالۋۇرساق 
    سېلىۋەتتىڭ ئۇچاڭغا ئېسىل كىيىم ئالدۇرساق 
    سېتىۋەتتىڭ سايرامنى ساڭا ئاتاپ سالدۇرساق 
    بولمايدىكەن جازادىن سېنى چەتتە قالدۇرساق 
    بىكار كەتتى ئاتاڭنىڭ سوققان تېمى چىكەرمەن 
    بىلەن كەتمىدى قىزلارغىمۇ چەككۈزدۈڭ 
    تۇتسا خۇمار پۇلى يوق تال بويىنى ئەگكۇزدۇڭ 
    يېلىندۇرۇپ كىمگىدۇ نۇمۇسىىغا تەگكۇزدۇڭ 
    قىلغاندىنمۇ ئەسكىلىك ھەغدادىغا يەتكۈزدۈڭ 
    قلماقچىسەن جىسمىنى يولۋاس يېمى چىكەرمەن 
    ئشلارنىڭ سەۋەبى نادانلىقمۇ بىلمەيمەن 
    قېنىمىزدا قۇتۇرغان قاراملىقمۇ  بىلمەيمەن 
    ياقالاقلىق  شاللاقلىق ساراڭلىقمۇ بىلمەيمەن 
    ئاقىۋەتنى ئويلىماس گالۋاڭلىقمۇ  بىلمەيمەن 
    زادى نىمە ئېيتقىنا بۇنىڭ سىرى چىكەرمەن 
    دەيمەن دوقمىشتىن چىقسا بىرەر يامانلىق 
    ئەڭ ئاۋال بىز بېرىپ سورۇشىمىز ئامانلىق 
    ئىز دەپ قويسا قالمايدۇ يۇشۇرمىغان سامانلىق 
    شۇڭا بىزدە جىق ئىللەت تىرىك يۈرەر داۋاملىق 
    پالۋان كەبى تەگمەستىن يەرگە يېنى چىكەرمەن 
    ئەمەسمۇ  تاۋكاغا تۆت ئۇشۇقنى ياراتقان 
    نەشە-دىسە بەڭ دىسە ناندىن كەچتۇق يەۋاتقان 
    گىپى چىقسا مەجۈننىڭ سۆزدىن قالدۇق دەۋاتقان 
    تۆھپىمىز بار تاغلارغا ناسۋالنىمۇ تاراتقان 
    قانچە يەردە تۇتۇلدى شائىر تىلى چىكەرمەن

     دېسە ئاشىقتەك يېتىۋلدۇق قاۋاقتا 
    ئۆرۈۋەتتۇق پۇكەينى قانچە قېتىم ھاراقتا 
    ئۆلۈپ كەتتى بىرلىرى چىققان جېدەل تاياقتا 
    چىرىپ كەتتۇق بەزىلەر تولا يېتىپ قاماقتا 
    شۇ ئشلارنى يوق دەمسەن بىزدە ھېلى چىكەرمەن

     بەخۈدۈك بىزنى تاپتى ئەڭ ئاۋال 
    ئەخمەق كۆرۈپ دوزاققا بىزنى تارىتتى ئەڭ ئاۋال 
    پۇل  دىگەنگە لوققىنا بىزنى ساتتى ئەڭ ئاۋال 
    ھارۋىسىغا قىلمىشنىڭ بىزنى قاتتى ئەڭ ئاۋال 
    سۆرەپ ماڭغان شۇلارنىڭ سەنمۇ بىرى چىكەرمەن 
    قارغىش ئالدىڭ ئالەمدىن لەنەتلەرگە بۆلەندىڭ 
    شۇڭا قالدىڭ <ئۇر-ئۇر> غا تۇپا چاڭغا مىلەندىڭ 
    تىرىكىڭ يوق كەينىڭدە پۇشايمانغا يۆلەندىڭ 
    قايتقانلىرىڭ بۇ يولدىن يېڭىۋاشتىن تۆرەلدىڭ 
    قايتمىغاننىڭ سەن كەبى سۇندى بېلى چىكەرمەن 
    ئۆز ئىدىڭ ئەمدى بىزگە يات بولدۇڭ 
    يالتىرايتى ئىچ-تېشىڭ چېكىپ يۈرۈپ دات بولدۇڭ 
    ھاپاش بولدۇڭ ھارغانغا خۇددى تىرىكتاپ بولدۇڭ 
    باشقۇرغانغا بوي بەرمەس ياكى ئاساۋ ئات بولدۇڭ 
    بىزار سەندىن شۇڭلاشقا خەلقىم دىلى چېكەرمەن 
    سېنىڭ ئېبلىسنى سۆيگىنىڭنى كەچۈرمەس 
    ئۆز- ئۆزۈڭنى ئەخلەتكە كۆمگىنىڭنى كەچۈرمەس 
    دۈشمەن مىنسە ماقۇل دەپ كۆنگىنىڭنى كەچۈرمەس 
    جىنلار بىلەن يالىشىپ يۈرگىنىڭنى كەچۈرمەس 
    سۆرەپ ماڭدى ئۈلۈمگە شۇنىڭ كىرى چىكەرمەن 
    رەھىم قىلمايدۇ جىنايەتكار نەسلەرگە 
    ئاچچىق ئۆتمۈش بوپقالسۇن بۇمۇ بىزگە ئەسلەرگە 
    بۇ ئۆتەڭدە روخسەت يوق ساڭا كۈندە كەچلەرگە 
    بۇ ئېتىزدا ئورۇن يوق ساڭا خامان چەشلەرگە 
    قىلدۇق شۇڭا بىز سېنى كۆزدىن نېرى چىكەرمەن 

    分享到: