-
2008-02-07
چىدامچانلىق ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ - [پىسخىكا]
چىدامچانلىق ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ
پاراسەت >> ئاقمىغان ، << تالانت >> ئىشلىمىگەن ۋە ھەر خىل ئىقتىدارلارنىڭ كۈچى>>قالمىغاندا <<چىدامچانلىق >> ئاخىرقى ھېساپتا غەلبە قازىنىشقا ياردەم بېرىدۇ .
يۈكسەك چىدامچانلىق ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقا ن ئىشلار ئاجايىپ مۆجىزىلىك بولىدۇ .بارلىق ئىقتىدارلار كۈچىدىن قالغاندىمۇ ،<< چىدامچانلىق >> يەنىلا مەۋجۈت بولسا ،نۇرغۇنلىغان قىينچىلىقلارنى يەڭگىلى ھەتتا ئاجايىپ مۈشكۈل ئىشلارنىمۇ تاماملىغىلى بولىدۇ .
ھەممە ئادەم بىر ئىشنى قىلىپ توختاپ قالغاند ا ، چىدامچانلىق روھىغا باي كىشىلا داۋامىلىق تىرىشىدۇ ؛ ھەممە ئادەم ئەقىىدىسىن ئۈمىدسىزلىنىپ ۋاز كەچكەندە ، چىدامچانلىق روھىغا باي كىشىلا ئەقىدىسىدە چىڭ تورىدۇ . شۇڭا مۇشۇنداق خىسلەتكە ئېگە كىشىلا ئەڭ ئاخىردا ئەڭ زور پايدا - مەنپەئەتكە ۋە ئاجايىپ شان - شەرەپكە مۇيەسسەر بولىدۇ .
مەسىلەن ئالساق ئەدەبلىك مۇئامىلىدە چىڭ تورغان سودىگەرلەر مۇۋاپىقيەتكە ئېرىشەلەيدۇ .بۇنداق سودىگەرلەر خېرىدارلارنىڭ قانچىلىك قوپال ، ئەخلاقسىز بولۇشى ،ھەتتا ھاقارەتلىك سۆز - ھەركەتلەرنى قىلىشىدن قەتئينەزەر ،ئۇلارنى يەنىلا ئىللىق مۇئامىلە بىلەن كۈتىۋالىدۇ ، ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ، ئاخرى خېرىدارلارنىڭ ماختىشغا ئېرىشىپ ،ئۆزنىڭ تىجارىتىنى روناق تاپقۇزىدۇ ،ئەكسىچە خېرىدارلارغا قوپال موئامىلە قىلىدىغان سودىگرلەر تىجارىتى روناق تاپقۇزالمايلا قالماستىن ، بەلكى تەترىجى مەغلۇپ بولىدۇ .
مېھىربان ، مۇلايىم ، سەمىمى ۋە ئۈمىدۋار ئادەم يەنە چىدامچان بولىدىغان بولسا ، بۇنداق ئادەم ھەقىقەتەنمۇ مۇۋاپىقىيەت قازانماي قالمايدۇ .
ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلساق ، مۇۋاپىقىيەت قازانمىقىمىز ئاسانغا توختايدۇ . ئەمما ئۆزىمىز ياقتۇرمايدىغان ،لېكىن چوقۇم قىلمىساق بولمايدىغان ئىشلارنى قىلغاندا ، ھەقىقى چىدامچان بولمىساق بولمايدۇ .
ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ، ئۆزىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان ئىشلارنى يۈكسەك سەۋرىچانلىق ، ۋە قىزغىنلىق بىلەن قىلىپ ، ئاخرىدا مول نەتىجە يارىتىدىغان كىشىلەردىلا قەھىرمانلارچە چىدامچانلىق بولىدۇ .خىزمىتى كۆڭۈلگە ياقسۇن - ياقمىسۇ ن ، ئىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ ،، ئۇلۇغۋار مەقسىتىگە يېتىشكە ئىنتىلگەن ئادەملا ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ .
ئادەم يۈكسەك شىجائەتچان ، ئىرادىلىك ، چىداملىق بولغاندا ، دۇنيا ئۇنىڭغا چىقىش يولى ئاتا قلىدۇ ،ئىرادىسى ۋە چىدامچانلىقى ئاجىز كىشىلەر بولسا ھەممىشە باشقىلارنىڭ كەمسىتىشى ۋە بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ ، ئەڭ ئاخرىدا مەغلوبىيەتچىگە ئايلىىنىپ قالىدۇ .
ئاخرىغىچە چىداش ئىرادىسى ۋە جاسارىتى بولمىغان كىشىلەر چوڭ ئىشلارنى قىلالمايلا قالماستىن ، بەلكى يەنە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ . يۈكسەك ئىرادە ۋە چىدامچانلىققا باي كىشىلەرلا ھەر قانداق بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالايدۇ ، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ .
ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەرنىڭ دۇنيادا ھېچقداق شۆھىرىتى بولمايدۇ ؛ ئەكسىچە ئىرادىلىك كىشىلەرگە دۇنيا ھەمىشە داغدام يول ئېچىپ بېرىدۇ .ئادەم چىدامچان بولۇپ ، ئۆز ئىرادىسىدە قەتئى چىڭ تورغاندىلا ، شۇنداقلا ئۆزنىڭ ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرغاندىلا ، ئاندىن مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ .
收藏到:Del.icio.us
评论
http://100.uyux.cn