kangsay |
2011-02-09 13:55 |
[attachment=8631] ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىش ياخشى ئادەتتۇر. ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن تاتلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى مېۋە شىرنىسى، كاربونىك كىسلاتا، پىۋا قاتارلىق قورساقنى ئاسان كۆپتۈرىدىغان ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش ياكى ئىچمەسلىك كېرەك.
ئايروپىلان نورمال ئۇچۇش ھالىتىگە ئۆتكەندىن كېيىن، بەك ياغلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ياكى كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە، ئاسانلا ئاشقازاننىڭ كۆپىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قان يېپىشقاقلىقى يۇقىرى يولۇچىلار مۇۋاپىق مىقداردا كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە، يىغىندى كېسەل ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا چارچاشنى ئازايتىش ئۈچۈن، بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچسە مۇۋاپىق بولىدىكەن.
ئايروپىلاندىن چۈشكەندە ئۇزۇن يوللۇق ئۇچۇش سەپىرىدىن كېيىنكى تاماقنىڭ ئالدىدا بىر ئىستاكان قارا ئۆرۈك ئىچىملىكى ئىچكەندە، بەدەندىكى سۇنى تۇلۇقلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدىكەن.
|
|