查看完整版本: [-- چېقىمچىلىقتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەلى(پارىس) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> چېقىمچىلىقتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەلى(پارىس) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

paris 2011-01-27 14:04
    ئاللاھ سۇبۇھانەھ ۋەتەئەلا قەلەم سۆرىسىنىڭ 10-11ئايىتىدە مۇنداقدىگەن:[قەسەمخور،پەس،غەيۋەتخور،سۇخەنچىگە ئىتائەت قىلمىغىن.]
     سۇخەنچى دىگەن: بىر ئادەمنىڭ ئەيىپىنى بىر ئادەمگە ياكى باشقىلارغا ئاپىرىپ دېيىش،ھەم باشقىلارنىڭ سىرىنى ئەچىقىپ پاسات تېرىش دىگەن بولىدۇ.
      پىتنى-پاسات تېرىش دىگەن ئادەم ئۆلتۈر گەندىنمۇ ئېغىر جىنايەتتۇر.ئاللاھ قۇران كەرىمدە:[پىتنى-پاسات تېرىش ئادەم ئۆلتۈر گەندىنمۇي ئېغىر گۇناھ]دىگەن.[بىر ئادەم بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بولسا،شۇ ئادەم خۇن تۆلەيدۇ ياكى ئۆزىلا جازالىنىدۇ،پىتنى-پاسات تېرىلدىكەن ئۇنىڭ ئاق-قارىسى ئايرىلىپ بىرتەرەپ بولغىچىلىك نۇرغۇنلىغان ئادەملەر،ھەتتاكى بىر يۇرت،ياكى بىر شەھەر سورىقچىلىق تارتىدۇ،شۇڭا چېقىمچىلىق قىلىپ پىتنى- پاسات تېرىغۇچىنىڭ گۇناھ ھىنىڭ ئېغىرلىقىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام:(ئادەملەر ئوتتىرىسىدا چېقىمچىلىىق قىلىپ پىتنە-پاسات تېرىغۇچى پەقەت(ھارام)زىنادىن بولغان ئادەمدۇر.)دىگەن.
     قۇرئاندا:[قەسەمخور،پەس،غەيۋەتخور،سۇخەنچى،بىخىل،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان(ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە)گە ئىتائەت قىلمىغىن]دىيىلدى .(قەلەم سۆرىسى 10-11-12-13-ئيەتلىرى.)
ئالىملىرىمىزدىن(1-ئابدۇلا ئىبنى مۇبارەك رەھمەتۇللاھە ئەلەي؛ھارامدىن بولغان (قېنى بۇزۇق)ئادەمنىڭ قورسىغىدا گەپ ياتمايدۇ.دىگەن.
(2-ئىمام رەھمەتۇللاھە ئەلەي يوقۇردىكى ئايەت ھەدىسلەر نى دەلىل قىلىپ ؛بىر ئادەم قورسىغىدا گەپ ياتمىسا ۋە چېقىمچىلىك قىلسا ئۇ ئادەم مەن زىنادىن بولغان ئىكەنمەن دەپ بىلسۇن دىگەن.
       تەپسىر ئىبنى كەسىردە سېھىرگەرلىكنى 8 تۈرگە ئايرىپ ،بىر تۈرلىكىنى چېقىمچىلىق قىلىش دەپ سېھىرگەرلىككە ھايدىغان، چېقىمچى خۇددى سېھىرگەردەك ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا سوز توشۇپ تۇيدۇرماستىن ئىككى ئادەمنى بىر -بىرىگەسېلىۋىتىدۇ.
(3-ھەممات ئىبنى سەلمەتە رەمەتۇللاھە ئەلەي مۇنداق دىگەن؛بىر ئادەم بىر قۇلنى ساتماقچى بولۇپ بازارغا ئەچىقتى،يەنە بىر ئادەم كېلىپ قۇلنى سېتىۋاك لماقچى بولۇپ ؛بۇقۇلنىڭ قانداق ئيىپى بار دەپ سورىدى،قۇل ئېگىسى چېقىمچىلىك قىلىدىغان ئەيىپى بار دىدى،قۇل سېتىۋالغۇچى ئۇنىڭ ئەيىپىگە سەل قاراپ كېرەك يوق سېتىۋالاي دەپ سېتىۋالدى ،
قۇل خوجايىننىڭ ئۈيىدە بىر-قانچە كۈن تۈرغاندىن كېيىن ئادىتى بويىچە (چېقىمچىلىق قىلغۇسى كېلىپ)خوجايىننىڭ ئايالىغا؛يولدىشىڭىز سىزنى ياخشى كۆرمەيدىكەن ،يولدىشىڭىز ئوخلاپ قالغاندا قولىڭىزغا ئۇستۇرا ئېلىپ ،ئۇنىڭ چاچلىرىدىن بىر قانچە چاچنى ماڭا ئەكىلىپ بەرسىڭىز ،مەن ئۇنىڭغا ئوقۇپ بەرسەم ،يولدىشىڭىز سىزنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ دىدى،
ئاندىن كېيىن قۇل خوجايىننىڭ قېشىغا كېلىپ؛ئايالىڭىز بىر دوس(يەنى ئاشنا) تۈتىۋاپتۇ ئۇ سىزنى كېچىدە ئۆلتۈرمەكچى بولىۋاتىدۇ دىدى، شۇنىڭ بىلەن كېچىدە يولدىشى يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋالدى، قارىغۇدەك بولسا ئايالى قولىغا ئۇستۈرا تۈتۈپ كېلىۋاتاتى،يولدىشى؛ئۇ راستىنلا مىنى ئۆلتۈرگىدەك دەپ،قوپقان پېتى ئايالىنى ئۆلتۈرۋېتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ تۇققانلىرى كېلىپ ئەرنى ئۆلتۈرىدۇ، جىدەل چوڭىيىپ ئىككى قەبىلە قاتتىق ئۇرۇشۇپ كۆپ ئادەم ئۆلىدۇ (يەنى 70 ئادەم ئۆلىدۇ).ۋەللاھۇ ئەئلەم.
ئۇلۇق ئاللاھدىن ھەممىڭلارغا بىرلىك ئىتىپاغلىق،مىھىر-شەپقەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن.

mazlum038 2011-01-27 14:35
پارس ئاكا ،تمڭزغا رەخمەت  اللاھ  سىزگە كاتتا ئەجىر ئاتا كىلسۇن!امين1

bilig 2011-01-27 14:55
ئۇيغۇرلارنى چېقىمچىلىقتىن توسىدىغان دورا نىڭ ئىجات بولىشىغا تېخى كۆپ بالدۇر   ئىسلام دىننىڭ تەربىيىسى مىڭ تورت يۇز يىلدىمۇ مەنپەئەت قىلمىغان تۇرسا ئەمدى ئۇنى نىمىمۇ تۇسالىسۇن

saifulla 2011-01-27 15:09
دىنغا پۇتۇن كىرمىسە مەنپەئەت قىلمايدۇ شۇ.

kastiro 2011-01-27 16:55
تېمىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشىم ،

سۇئەدا 2011-10-04 20:15
ياخشى تېما ئىكەن رەھمەت!

جەڭچى 2011-10-04 20:43
قاچانلاردا گىرىپتار بولغان بولغۇيتۇق بۇ لەنىتى كىسەللەرگە.     


查看完整版本: [-- چېقىمچىلىقتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەلى(پارىس) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.094757 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us