查看完整版本: [-- ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكمى(ھەمزە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكمى(ھەمزە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2011-01-25 09:11
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم.بەزى نادان كىشىلەر ھەر يىلى 2.ئاينىڭ 14.كۈنى ساراڭلار بايرىمى (ئاشىق -مەشۇقلار)ئۆتكىزىشىدىكەن. مەن بۇرۇن ئۇرۇمچى تەرەپلەردە ئۆتكىزىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. يېقىنقى بىرنەچچە يىلنىڭ مابەينىدە جەنۇپ تەرەپلەرگىمۇ تارالغىلى باشلاپتۇ. بۇ  بايرامنىڭمۇ ۋاقتى كىلەي دەپ قاپتۇ. شۇڭا بۇ تىمىنىڭ يوللاش ۋاقتى مۇشۇ كۇنلەر ئىكەن دەپ بۇ تىمىنى يوللۇدۇم.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىزمۇ قىلىدىكەن. بۇ نىمە دىگەن دورامچىلىق ھە!!! 
قېنى شەرىئىتىمىز بۇ ئاتالمىش <بايرام>غا نىمە دەيدىكەن قاراپ باقايلى. ئازراق ۋاقتىڭىزنى ئالساممۇ تىمىنى ئاخىرغىچە ئۇقۇپ ئاندىن شۇ بۇيىچە ئىش قىلىڭ.
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئېزىپ كىتىشتىن،ئازدۇرۇپ كىتىشتىن،ئازدۇرلۇپ كىتىشتىن ساقلىسۇن.
سوئال: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب:
بارلىق ھەمدۇ-سانالار بۈيۈك ئاللاھقا بولسۇن.
بىرىنچى: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى 270- مىلادىيە يىلى 02-14كۈنىدە خرىستىئان چېركاۋلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا يولۇققان خرىستىئان پوپ داي فالىنتايېن(day valentine) تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان رىملىقلارغا ئائىت جاھىلىيەت قالدۇقلىرى بولۇپ، ھازىرقى زامان خرىستىئانلىرى بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىككىنچى: مۇسۇلمان ئادەم كۇففارلارنىڭ ئادەتلىرىنى قىلىشى، خۇسۇسەن، ئۇلارنىڭ دىنىي تۈسىنى ئالغان بايراملىرىنى دوراش، ئشتىراك قىلىش ۋە قوللاش قەتئىي ھارامدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى ھېيتى بار. بۇ ھېيتلار دىنىي بايراملار بۇلاردىن باشقا ھېيتلار-بايراملارنى قۇتلۇقلاش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن راۋا ئەمەس.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: "بايرام دېگەن دىنىي پائالىيەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا « ھەر بىر قەۋم ئۈچۈن شەرىئەت ۋە يول بەلگىلىدۇق» دېگەن. يەنە « ھەر بىر ئۇممەت ئۈچۈن قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى بەلگىلىدۇق» دېگەن. مەسىلەن: ناماز، روزا ۋە باشقىلارغا ئوخشاش پائالىيەتلەر.
غەيرى دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈن، يىل بېشى بايرىمى ۋە ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئوخشاش دىنىي بايرام ۋە مۇراسىملىرىغا قاتنىشىشنىڭ ھېچ پەرقى يوق. ئۇلارنىڭ بۇنداق بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۇلارنىڭ كۇپرىلىقىغا رازى بولغانلىق ۋە مۇۋاپىقلاشقان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلىشىش پۈتۈن ئىشلىرىغا ماسلاشقانلىق بىلەن ئوخشاشتۇر. دىنىي بايراملار شۇ دىننى باشقا دىنلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ بەلگىسى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ چوڭىدۇر. مۇنداق بايراملاردا كۇففارلار بىلەن ماسلىشىش ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم دىنىي ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلاشقانلىق بولىدۇ. مۇنداق ماسلىشىش بەزىدە ئادەمنى كۇپرىلىققا ئېلىپ بارىدۇ".
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: « ھەر بىر قەۋمنىڭ بايرىمى بار، بۇ بىزنىڭ بايرىمىمىزدۇر(يەنى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت» دېگەن.
كۇففارلارنىڭ دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىش ئۇلارنىڭ كىيىنىشىنى دورىغاندىن ئېغىر گۇناھتۇر. چۈنكى كېيىم ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تاشقىرى تەرەپتىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر بەلگە. ئەمما ئۇلارنىڭ دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىش بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر گۇناھ. ئۇلارنى دوراش ئۇلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلغاندەك بىر ئىش بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلاردىندۇر». (ئىقتىدائۇسسىراتۇل مۇستەقىيم 1-توم 207-بەتكە قارالسۇن).
شەيخۇل ئىسلام يەنە مۇنداق دېگەن: "مۇسۇلمانلار كۇففارلارنىڭ مەخسۇس ھېيتلىرىغا ئىشتىراك قىلىشى، ئۇلارنى يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك، يۈرۈش - تۇرۇش ۋە قانداقلا بىر ئىشتا دوراش ۋە ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشى ھارامدۇر. ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، ئۇلارنىڭ دىنىغا ياكى بايراملىرىغا ياردەمچى بولىدىغان نەرسىلەرنى ئۇلارغا سېتىش ھارامدۇر. بالىلارنى ئۇلارنىڭ بايراملىرىدا ئوينايدىغان نەرسىلەرنى ئويناشتىن توسۇش لازىم. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرىنى ئادەتتىكى كۈنلەردەك كۆرۈشى ۋە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى ئىنتايىن مۇھىم" (پەتىۋالار توپلىمى 25-توم 329-بەتكە قارالسۇن).
ھاپىز زەھەبىي مۇنداق دېگەن «خرىستىئانلارنىڭ بايرىمى، يەھۇدىيلارنىڭمۇ بايرىمى بار. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلمايدۇ».
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىنگە بىرى مۇنداق سوئال قويغان: «يېقىنقى يىللاردىن بىرى خرىستىئانلارنىڭ مۇھەببەت بايرىمىنى قۇتلۇقلاش ئىشلىرى يامراپ كەتتى. بەزى ئوقۇغۇچى قىزلار ئارىسىدا بۇنداق ئادەتنى دوراش خىلىلا ئېغىر، ئۇلار بۇ كۈندە قىپ -قىزىل كېيىم كىيىپ بىر- بىرىگە گۈل تەقدىم قىلىشىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟
شەيخ ئۇسەيمىن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا قاتنىشىش مۇنداق بىر قانچە تەرەپلەردىن جايىز ئەمەس:
(1) ئۇ بىدئەت ئىش، شەرىئەتتىن دەلىلى يوق.
(2) ئۇ ھارام مۇھەببەتكە ئېلىپ بارىدۇ.
(3) ئادەمنى كېرەكسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىپ مۇھىم ئىشلاردىن قالدۇرىدۇ.( پەتىۋا ئۇسەيمىن 16/199)
مۇنداق بايرام كۈنلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ يېيىش - ئىچىش، كىيىنىش، سوۋغات تەقدىم قىلىشىش ۋە ھەر قانداق ئىشتا بۇ كۈنگە ئالاقىدار ئىشلارنى قىلىشى ھارامدۇر. مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى بىلەن پەخىرلىنىدىغان، باشقىلارنى دورىمايدىغان بولىشى لازىم. ئاللاھ بىزنى ھەق دىنىمىزدىن ئايرىمىسۇن.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىن، خرىستىئانلارنىڭ ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 14 -كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھەببەت بايرىمى ھەققىدە تۆۋەندىكى سوئاللار سورالغىنىدا:
بۇ كۈندە بايرام قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
بۇ كۈندە بىر نەرسە سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
بۇ كۈندە بايرام قىلىدىغانلارغا بىر نەرسە سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنىڭ دەلىللىرى، ئىسلام ئۇممىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆز قارىشىدا: مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا كىلىدىغان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرى دەپ ئىككىلا بايرىمى بار. بۇلاردىن باشقىسى مەيلى كىشىگە ياكى كوللېكىپقا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ياكى باشقا مەنىلەردە بولسۇن ھەممىسى بىدئەت. ئىسلام ئەھلىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشىغان بايراملارغا ئىشتىراك قىلىشى ھارام. بۇنداق بايراملاردا خوشاللىق ئىزھار قىلىش ياكى ئۇلارنى تەبرىكلەش ياكى قوللاش ياكى ياردەم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھارام. چۈنكى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن چىقىپ كەتكەنلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر. كۇففارلارنىڭ دىنىي تۈس بىلەن پەيدا قىلغان بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ھارام ئۈستىگە ھارام بولۇپ، بىرىنچىدىن بىدئەت، ئىككىنچىدىن كاپىرلارنى دوراش، دورىغاندىمۇ دىنىي ئىشلىرىنى دوراش بولسا، بەندىنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « كىمكى بىر قەۋمنى دورايدىكەن، ئۇ، شۇ قەۋمدىن بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دېگەن خرىستىئانلارنىڭ ھەقىقىي دىنى بايرىمىمۇ ئەمەس، بەلكى بۇزۇلغان خرىستىئان دىنىنىڭ قەدىمقى رىملىق بۇددىستلاردىن قوبۇل قىلغان بۇددىزم ئادىتىدۇر. ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن مۇسۇلمان ئادەمنىڭ مۇنداق بايراملارنى قىلىشى، ئىشتىراك قىلىشى، ئۇلارغا ھەدىيە قىلىشى، ئۇلارنى قوللىشى، ئۇلارغا ياردەم قىلىشى ھالال ئەمەس. چۈنكى مۇنداق قىلىش گۇناھقا ياردەملەشكەنلىك، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىشقا ھەمكارلاشقانلىق بولۇپ، گۇناھى ئېغىردۇر. ئاللاھ قۇرئاندا: «ياخشىلىققا، تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا، دۈشمەنلىككە ياردەم قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» دەيدۇ.
مۇسۇلمان ئادەم قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئېسىلىشى ۋە پۈتۈن ھاياتلىق مۇساپىلىرىدە، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ۋە ھەر قانداق ئىشتا قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتنى چىڭ تۇتۇشى پەرزدۇر.
پىتنە - پاسات كۆپەيگەن، تەقۋالىق ئاز قالغان، ئەخلاق ئاجىزلاشقان، كۇففارلارنىڭ باتىل پىكىر ئىنقىلابى مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىگە بېسىپ كىرىشكە باشلىغان بىر ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىنى، ئېتىقادىنى، ئىسلامىي ئەخلاقىنى، مۇسۇلمانچە قائىدە - يوسۇنلىرىنى قوغداشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
مۇسۇلمانلار « غەزەپ قىلىنغان» ۋە « يولدىن ئازغانلار» لارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالماسلىقى، ئۇلارنىڭ زالالىتىگە ئىشتىراك قىلماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق ھەزەر قىلىشى لازىم.
مۇسۇلمان ھەر ۋاقىت ئاللاھتىن ياردەم سوراپ، دىنىدا مۇستەھكەم بولىشى، كۇففارلارنى دورىماسلىقى لازىم. ئاللاھتىن باشقا ھىدايەت قىلغۇچى يوق. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن ئامىن.
ئىبنى جىبرىن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ھەققىدە سورالغاندا مۇنداق دېگەن:
1-بۇنىڭغا ئوخشىغان بىدئەت بايراملارنى قىلىش ھارام. چۈنكى ئۇنىڭ دىنىي ئاساسىي يوق.
2-مۇنداق قىلىش كۇففارلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقا قەۋمگە ئوخشىۋالسا ئۇنىڭدىن بولۇپ كېتىدۇ».
3- مۇنداق بايراملاردا ھارام ئويۇنلار، ئەر - ئاياللار ئارىسىدا چەكلەنگەن ئالاقە، ئويۇن-تاماشا، ناخشا- مۇزىكا قاتارلىق دىندا چەكلىمە قويۇلغان ئىشلار بىلەن تولغان بولىدۇ. شۇڭا ھارام ئىشلاردىن چەكلىنىش ئۈچۈن بۇنداق بايراملارغا ئىشتىراك قىلماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
شۇنداقلا بۇنداق بايرامدا بىر- بىرىگە ھەدىيە بېرىشىشمۇ ھارام، چۈنكى كاپىرلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى دورىغانلىق ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغانلىق، قوللىغانلىق ۋە ئۇلارنىڭ بايرىمى بىلەن خوشاللانغانلىق بولىدۇ.
ئاخىرىدا سىزگە شۇنى دەيمىزكى، ئىي مۇسۇلمان قېرىندىشىم! قايسى بىر خرىستىئان ياكى قايسى بىر يەھۇدىي ياكى قايسىبىر بۇددىست ياكى كوممۇنىست سىزنىڭ دىنىي بايرىمىڭىز بولغان روزا قۇربان ھېيتلىرىڭىزنى ھۆرمەتلەيدۇ؟ قايسىسى ئۇ كۈننى ئۆز بايرىمىدەك كۆرۈپ ئىشتىراك قىلىدۇ؟ قايسىسى سىزگە ھەدىيە بېرىدۇ؟ قايسىسى سىزنىڭ بايرىمىڭىزنى سىز باشقىلارنىڭ بايرىمىنى بايرام قىلىۋالغىنىڭىزغا ئوخشاش ئۆز بايرىمى قىلىۋالدى؟ بەلكى ھېيت-بايرام كۈنلىرىڭىزنىڭ كۆڭۈلسىز ئۆتۈشىنى خالايدۇ. ئۇلارنىڭ سىزنى سۆيمەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز!؟، دىنىڭىزنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟! ئۇنىڭ ئەكسىچە سىز ئۇلارنىڭ بايراملىرىنى دوراۋاتىسىز!!!، ئۆزىڭىزچە يېڭىلىققا ياكى مەدەنىيەتكە يۈزلەنگەندەك ھېس تۇيغۇدا بولىسىز، بۇ قىلمىشىڭىز نېمىنىڭ بەدىلىگە؟! بۈيۈك دىنىڭىز، پاك ئەقىدىڭىز، گۈزەل ئەخلاقىڭىز بەدىلىگىمۇ؟!!! قېنى يەنە بىر قېتىم ئىمان، ئەقىدە، مىللەت-ۋەتەن، مىللى ئۆرپ-ئادەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئويلىنىپ كۆرۈڭ. بۇ قىلغىنىڭىز توغرىمۇ؟ ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىسۇن.

paris 2011-01-25 10:30
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىزىم،بۇتېمىنى بارلىق مۇسۇلمان قىز -ئوغۇللىرى ئوقۇپ ئېبرەت ئېلىشى كېرەك.

jula520 2011-01-25 11:15
مۇسۇلمان قىز -ئوغۇللىرى ئوقۇپ ئېبرەت ئېلىشى كېرەك.

yusup 2011-01-25 12:45
مۇسۇلمان قىز يىگىتلىرى ئوقۇپ ئىبرەت ئىېلىشى كېرەك. چوڭلارمۇ  بۇ ئىشنىڭ  بىزنىڭ ئۆرۈپ ئادەت ۋە دىنىمىزغا  ماس كەلمەيدىغانلىغىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك.

مەھمۇدىيە 2011-01-25 13:34
ھازېر بۇ بايرام ياشلاردلام ئەمەس چوڭلاردىمۇ ئۇمۇملىشىپ قالدى     ئاللاھ سەندېنلا ياردەم سورايمىز بىزنى توغرا  يولغا باشلىغن  شەيتانلارنىڭ ئازدۇرشېدېن ساقلىغن ياشلىرمىزنىڭ ئېمانىنى مۇستەككەم قېلغېن ئامىن .........

hll 2011-01-25 14:51
ئىشلىتىش
引用第4楼مەھمۇدىيە于2011-01-25 13:34发表的 :
ھازېر بۇ بايرام ياشلاردلام ئەمەس چوڭلاردىمۇ ئۇمۇملىشىپ قالدى     ئاللاھ سەندېنلا ياردەم سورايمىز بىزنى توغرا  يولغا باشلىغن  شەيتانلارنىڭ ئازدۇرشېدېن ساقلىغن ياشلىرمىزنىڭ ئېمانىنى مۇستەككەم قېلغېن ئامىن .........

توغرا گەپ قىلدىڭىز  ھازىر چوڭلاردىمۇ بەك -ئغىر  ، ئاللاھ  توغرا يولغا باشلغاي ئامىن.......

arzuyum 2011-01-25 14:53
بۇبايرام جەمىيتىمىزدە كەڭ دائىردە ئەۋج ئالدى  قېرنداشلار بۇبايرامىنى قەتئى تۇسۇش كىرەك .قېنى ھەممەيلەن مۇسۇلمانلق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشقاتىرىشايلى   .

kukbura 2011-01-25 18:10
  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قىرىندىشىم،  بۇ تىمىنى يوللاپ ياخشى قىپسىز .  ئىمكانىڭىز بولسا بۇنى قاشتىشىغا بىر يوللاپ قويسىڭىز بولاتتى....
     ئۇيغۇر ياشلىرىمىز بىلىشكە تىگىشلىك مەزمۇن ئىكەن بۇ !

asanat 2011-01-25 18:48
ياخشى  تىما يۇللاپسىز.
ھازىر  بىزدە بايرام  كوپ بولوپ  كەتتى. يىقىندا  2010-يىلى 12-ئاينىڭ31-كۇنى
يىقىندا ئىشتىن قايتىپ كۇچا ئاپتۇزدا كىتىۋاتىسام بىر (34-ياش ئەتراپىدا) ياش ئۇيغۇر يىگىت  ئاغنىسغا قۇل تىلفۇندا دەۋاتىدۇ.ئاداش رستۇرانىلاردا ئۇرۇن  قالىماپتۇ .خۇگۇخاننى  ئۇقۇشۇپ  باقاي  ئاندىن  خەۋەر قىلاي  ھەمممىز  ئاياللارنى ئىلىپ  بارايلى دەپ  پاراڭىلاشتى.
ئادەم قالمىغان  رىستۇرانىلارنىڭ ھەممسى  بىزنىڭكىلەرنىڭ .ئۇزىمىزگە قاراپ ،ئۇزىمىزگە قايتايلى.

yantakxy 2011-01-25 19:29
بۇ بايرام ئومومەن بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇزۇقلارنىڭ بايرىمى ،بۇ بايرام كۈنى ئۇيغۇرلاردىكى بىر قىسىم كىشىلەر (ھەتتا نەۋرە كۆرگەن قېرى بۇزۇقلارمۇ) قولىدا گۈل كۆتىرۋېلىپ  ئاشنىسىغا گۈل تەقدىم قىلىدۇ. ئىش قىلىپ قىچىغى بارلارنىڭ ھەممىسى موشۇ  كونى كوچىغا چىقىپ قالىدۇ. (ئاز ساندىكىلەر ھەقىقى  چىن سۆيگۈ ئۈچۈن چىقسىمۇ). قىزىق يىرى موشۇ كۈنى مېھمانخانىلار موشۇ{ئاشىق-مەشۇق}لار بىلەن توشۇپ كىتىدۇ. سەھرالىق قورامىغا يەتمىگەن قىز-يىگىتلەرمۇ ئۇقۇپ-ئۇقماي بۇ كۈنى شەھەرگە كىرىپ راسىت-يالغان گۈللەرنى كۆتىرۋېلىپ  ھال تارتىپ يۈرۋالىدۇ. بىر قىسىم ئالدانغان نادان قىزلارمۇ موشۇ كۈنى كەچتە ئىپپىتننى يوقىتىدۇ .بۇ مەن كۆرگەن بىزنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى ئەينەن ئەھۋال  

ھەمزە 2011-01-25 21:42
yantakxy  سۆزلىرىڭىز بەكمۇ ئۇرۇنلۇق.
شۇ كۇنلۇكتە دۇكانغا كېلىشتىنمۇ قورقۇپ قالىمەن. بىمەنە مازلارنىڭ ھەممىسى شۇ كۇنى بارلىق مازلىقلىرىنى چىقىرشىدىكەن. قۇلىغا تاياقتەك بىر تال گۈلنى ئېلىۋېلىپ قولتۇقلىشىپ مېڭىشىدۇ. ئۇ كۇندە قىزلارنىڭ ئۇغۇللارغا كىيىم-كىچەك ئېلىپ بىردىغىنىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ.............
ئۇغۇللارمۇ شۇكۇنى قىزلارغا ئۆزىنىڭ مەرتلىكىنى كۈچەپ نامايەن قىلىشىدۇ. قىزمۇ كەچلىكى.................................
ئاللاھ بۇنداق ناچار ئىشلارنى مۇسۇلمانلارغا ئۇچراشتۇرمىسۇن.

eltabir 2011-01-26 01:58
ئەڭ ئاۋال بايرام ئۇقۇمىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كېرەك .

xahida 2011-01-26 13:21
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
اللە بىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن قىرىندىشىم !!!!!
بۇ تېمىنى يوللاپ توغرا قىلىپسىز
ھازىر بۇ بايراملا ئەمەس بىر يىل ئىچىدە كىلدىغان ھەر قانداق بايراملارنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ بەزى ياشلىرىمىز
ھەي!بۇ تىما شۇ ياشلارغا ئىبرەت بولسىكەن ئىلاھىم

nawkran 2011-01-27 15:10
يو  پانا ھەققەتەن ياخشې يزپسز قرندشم    

نالە 2011-01-27 18:32
مۇھەببەتلىشىپ نىمە قىلىدۇ دەيمەن بەرىبىر بەزى ھاياسىزلار بىرى بىلەن ئارلىشىپ نۇمۇس قىلماي ۋاقتى كەلگەندە ماۋۇ قىزنىڭ خىزمىتى باركەن بۇرۇن نىمە بولسا بولمامتى دەپ شۇ قىزنى ئەمرىگە ئالىدۇ، يەنە بەزى قىزلارمۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۆيى بار ، پۇلى بارلارنى تېپىۋالىدۇ !!!

amanxa 2011-01-27 19:32
ھازىرئۇنداق دىسە باشقىلارنىڭ قۇلىقىغا خۇشياقماس بوپ كەتتى،خىجىلمۇبولمايدۇ دىسە قىز ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى گۈل كۆتۈرشىۋالىدىكەن.

ھۆر 2011-01-27 23:35
بۇنى ياشلار بىلىشى كېرەك دەپلا ئولتاماي،ئۆزىمىزدىن باشلايلى!!

月花 2011-01-28 00:05
ياخشى  تىما يۇللاپسىز. مىنىڭچە بۇبايرام كىمگە قايسى مىللەتكە تەۋەبۇلىشىدىن قەتىئى نەزەر شۇكۇنى بىللەقولتۇقلىشىپ كىتىۋاتقانللارنىڭ ھەممس ئاشىق--مەشۇقمىدۇ  ؟  بىر قىسىم قىزلارمۇ موشۇ كۈنى بىرتال گۇل بەدىلىگە بارلىغىنى بىغىشلايدىغانارمۇ بۇلىشى مۇمكىن ،ئەمما ئۇلاربىربىرىگە قانچەكۇن، قانچەئاي ۋاپادارلىق كورسىتەر؟؟؟؟؟؟؟.................
.


查看完整版本: [-- ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكمى(ھەمزە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.056914 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us