查看完整版本: [-- ئون يىل بۇرۇن ۋە ئون يىل كېيىن --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> ئون يىل بۇرۇن ۋە ئون يىل كېيىن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

salam 2011-01-23 21:01
ئون يىل بۇرۇن بىز ئاتا -ئانىمىزنىڭ باللىـرى ئىدوق،ئون يىلدىن كىيىن باللارنىڭ ئاتا -ئانىسى بولدوق  

ئون يىل  بۇرۇن بىز ئائىلەنىڭ ئىللىقلىغىنى بىلمەيتۇق،ئون يىلدىن كىيىن ئائىلەنىڭ ئىللىقلىغىنى ھېس قىلدۇق

ئون يىل بۇرۇن بىز ئۆيدىن  ئايرىلىپ يىراق جايلارغا بېرىشنى ئارزۇ قىلاتتۇق ،ئون يىلدىن كىيىن يىراق جايلاردا  تۇرۇپ ئۆيگە قايتىشنى ئارزۇ قىلدىغان بولدۇق

ئون يىلدىن بۇرۇن بىز ئېمتىھاندىن باشقا ھىچنىمنى ئويلىمايتۇق، ئون يىلدىن كىيىن ئىمتىھاندىن باشقا ھەممەنەرسىنى ئويلايدىغان بولدۇق.

ئون يىل بۇرۇن بىز مۇھەببەت ھەققىدە گەپ بولسا قىزغىن سۆزلەپ كىتەتتۇق،ئون يىلدىن كىيىن مۈھەببەت  ھەققىدە سۆز بولسا جىمىپ كىتىدىغان بولدۇق.  

ئون يىلدىن بۇرۇن مەن مۈھەببەتلىشىشتىن توي قىلىشنى ئەۋزەل بىلەتتىم، ئون يىلدىن كىيىن مەن توي قىلىشتىن مۈھەببەتلىشىشنى ئەۋزەل كۆرۈدىغان بولۇپ قالدىم.  

ئون يىل بۇرۇن مەن خىزمەتكە چىقىشقا ئالدىرايتىم، ئون يىلدىن كىيىن خىزمەتتىن چۇشۇشگە ئالدىرايدىغان بولۇپ قالدىم.


ئون يىل بۇرۇن مەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلاتتىم ،ئون يىلدىن كىيىن مەن ۋاقىتتىن باشقىسىنى ئىسراپ قىلدىغان بولدۇم.

ئون يىل بۇرۇن بىز تۇرمۇشنى ئويۇن دەپ بىلەتتۇق ئون يىلدىن كىيىن بىز ئويۇننى تۇرمۇش دەپ بىلدىغان بولدۇق.  

ئون يىل بۇرۇن ئۆيدە تۇرۇپ بەشيۇلدۇز مىھمانسارايلارغا ئىنتىلەتتىم، ئون يىلدىن كىيىن بەشيۇلدۇزلۇق مېھمانسارايلاردا  تۇرۇپ ئۆيگە قايتىشقا ئىنتىلدىغان بولدۇم
ئون يىل بۇرۇن سىز قانداق ئىدىڭىز؟

مەنبە:ساقلانمىلار

gaday8076 2011-01-23 21:11
ئون يىل بۇرۇن پۇل تېپىپ ئاتا- ئانامنى ھەرەمگە  ئاپىرىمەن دەيتتىم،لېكىن ئون يىل كېيىن قانداق قىلسام كۇنۇمنى ياخشى ئۆتكۇزەرمەن دەيدىغان بۇلۇپ قالدىم.

paris 2011-01-23 22:11
  

xapkat0999 2011-01-23 22:23
مەن ئۇن يىلدىن  كىيىن  ئۇن ياش   قىرىپ كەتكەندەك بۇپ قالدىم ،ماڭا نىسپەتەن  كۈنلەر بەكلام  تىز ئۆتۋاتىدۇ،

yaxar 2011-01-23 22:29
10يىل بۇرۇن تۇرمۇش قۇرۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.ئەمدى 10يىلدىن كىيىن تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقىدىن تۇرمۇشتىن بىزار بولىدىغان بوپ قالدىم.

kapsizmalika 2011-01-23 22:35
10年前我想结婚10年后我想离婚。维语我写不出来怎么办?

ehtam 2011-01-23 22:40
ئىشلىتىش
引用第5楼kapsizmalika于2011-01-23 22:35发表的 :
10年前我想结婚10年后我想离婚。维语我写不出来怎么办?

没事......سىزدىن رەنجىمەيمىز ،ھە نىم بولسا  ئوقىيالايدىكەنسىز..

kukbura 2011-01-24 02:45
      بۇردەر ىسز يۇمۇر يازسىڭىز بولغۇدەك جۇمۇ!    ehtam  بۇررادەرنى دەيمەن.

kalibdaxbiz 2011-01-24 12:04
10 يىل بۇرۇن تۇرمۇشتا ھەركەت قىلىش نىشانلىرىم كوپ ئىدى. 10 يىلدىن كېيىن نوپۇسنىڭ ئېشىشىغا ئەگشىپ تۇرمۇشتا بىر خىل ۋەھىم ۋە بېسىم ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولدۇم.

dilmuk520 2011-01-24 15:12
مەن 10يىل ئىلگىرى نورغۇن ئىشلارنى ئويلىيالايىتتىم ھەم دىيەلەيىتتىم. بىراق ھازىر دىيىش ئۇياقتا تورسۇن ئويلىنىشمۇ تەس كىلۋاتىدۇ.

arzuyum 2011-01-24 19:49
ئون يىل بۇرۇ ن مەن كىشىلك ھاياتىنى چىن مەنىسى بىلە ن تۇ نۇپ يەتمگە ن ئىكەنمەن .

uykida 2011-01-26 15:15
ئون يىل بۇرۇن ئۇيقىدا ئىدىم ھېلى ھەم چالا ئۇيقىدىمەن.....

abdul 2011-02-16 19:07
مەن 10-يىل بۇرۇن چوڭ-چوڭ شەھەرلەردە ياشاشنى ۋە كورۇشنى بۇلۇپمۇ دولىتىنىزنىڭ شەرق تەرەپكە بېرىشنى ئويلايتتىم بىراق ھازىر بولسا  ئىچكىردىن شىنجاڭغا چىقالمايۋاتىمە بۇ زادى نىمە ئۈچۈن دەپلا كىتىۋاتىمەن

fatih204 2011-02-16 19:26
ئون يىل بۇرۇن 18ياش ئىدىم ،
ئەمدى مانا  28ياش بولدۇم،
ئون يىلدىن كىيىن 38ياشقا كىرىمەن ، ئاللاھ ئومرۇمنى بەرسىلا  

215 2011-02-23 20:04
10يىل بۇرۇن تىزراق تۇرمۇش قۇرۇشنى ئويلايتىم !
10يلدىن كىيىن ...................
10يىل بۇرۇنقى ھالىتىمگە قايتىشنى تىلەيدىغان بوپ قالدىم!

ياسىمەن 2011-02-23 20:06
ئون يىل بۇرۇن چوڭ بۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم .مانا ئۇن يىلدىن كىيىن بالىلىقىمغا قايتىشنى ئارزۇ قىلىمەن

215 2011-02-23 20:07

215 2011-02-23 20:09
10يىل بۇرۇن تىزراق تۇرمۇش قۇرۇشنى ئويلايتىم!
10يىلدىن كىيىن ..........
10يىل بۇرۇنقى ھالىتىمگە قايتىشنى تىلەيدىغان بوپ قالدىم!

yaxauyhur 2011-02-25 16:05
ئون يىل بۇ رۇن مىليادىر بولىشنى ئوي لايتىم . ئونيىلدىن كى يىنمۇ شۇ نى ئوييلا ۋاتىمەن

muhajir1 2011-02-25 16:48
مەن 10يىل بۇرۇن تىزراق چوڭ بولسام ياخشى بىرى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلسام دەپ ئويلايىتتىم. 10يىلدىن كىيىن بولسا مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەرنى ئىمان گاللىرىدىن ئۆتمىگەنلەر دەپ ئويلايدىغان بولدۇم.

10يىل ئىلگىرى مەن پۈتۈن دۇنيانى كەزسەم دەپ ئويلايىتتىم. 10يىلدىن كىيىن كۇچاغا بارىمەن دەپ يېرىم يولدا قايتۇرۋىتىلدىم.

10يىل ئىلگىرى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەم ياماق ئىمتىھان بېرىمەنغۇ دەپ ئويلايىتتىم. 10يىلدىن كىيىن اللەنىڭ ئىمتىھانىنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم ئىلىندىغانلىقىنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم.  

باغ 2011-02-27 17:43
ئون يىل بۇرۇن ئاتا-ئانامنى خاپا قىلىپ يۇرەتتىم،ئون يىل دىن كىيىن ئاتا-ئانامنىڭ ئىشلىرىغا يەردەملىشەلەيدىغان بۇلدۇنم.  ھەقىقەتەن ياخشى تىمىكەن!

ھەسەن 2011-03-05 12:32
ئەي

تاش 2011-03-10 23:58
10يىل بۇرۇن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيتىم.ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتىمەن.يەنە10يىلدىن كېيىن نېمە بولۇشىمنى ياراتقان ئىگەم بىلىدۇ.

كۈرەش 2011-03-16 22:17

taranqi217 2011-03-31 01:46
10 يىل ئىلگىرى ئەمدى بالاغەتكە يەتكەن سەبى ئىدىم.........
ھازىر كۇناھ پاتقىىقىغا پاتقان گۇناھكار مەن.......
يەنە 10 يىلغىچەڭ ئۇزەمگە يۇز كىلەلەيدىغان ئىنسان بوپ يىتىشىپ چىقىش ئۇچۇن تىرىشىمەن....

pqak 2011-03-31 07:53
ئون يىل بۇرۇن خەلقنى ئويلايتىم ئون يىلدىن  كېيىن تارىخنى ئويلاي دىغان بولدۇم.

يامغۇر 2011-04-16 20:59
ئون يىل بورون مۇھەببەتلىشىشنى ئويلىغانتىم ئون يىلدىن كىيىن  بويتاق  قالدىم  

munira101 2011-05-24 18:32
كۆرگۈنۈڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ! كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ !!!!

abduwali123 2011-06-07 11:00
10 يىل بۇرۇن ئىلىمگە باي تۇرمۇشۇم نامرات بولغاچقا خۇتۇنۇم ھىتتا ئاياق ئېلىپ بەرمىدىڭ ئىسىت سەندەك ئەرگەدەپ مەندىن ئاجىرشىپ كەتكەن ھازىر دەل ئەكسچە  توۋا  شۇ خورلۇق مىنى بۈگۈنكى كۈنگە ئىگە قىلدى خۇداغا مىڭ شۈكۈر

جەسۇربەگ 2011-06-07 13:05
<<كەپسىز مەلىكە>> ھازىر بولسىمۇ ئۇيغۇر ئېلىپەسىنى ئۈگۈنۈپ قويۇڭ، بولمىسا 10 يىلدىن كېيىن قاتتىق پۇشمان قىلىسىز!

نۇرئەلى 2011-06-07 20:54
ھەي  10يىل ھەي10يىل مەن 10 يىل بۇرۇن سەبى بىر  يىگىت ئېدىم 10يىل كىين ھازىر قامەتلىك بىر يىگىت  بولدۇم

bahadir0996 2011-06-07 22:35
10يىل بۇرۇن چاقۇرغام  بولسا دەيتىم  .10 يىلدىن كىيىن  پۈتۈن يېڭىلىقنىڭ ھەممىسىگە بىرەر قۇر ئېگە بولدۇم .
10 يىل بۇرۇن جاھان بوزۇلۇپتۇ دەيتىم 10 يىل كىيىن شۇ ۋاقلارنىڭ ھازىرغا نىسپەتەن نەقەدەر ھايالىق ۋاق ئىكەنلىەىنى ئەسلەيمەن .
10بۇرۇن مەكتەپ مەكتەپ ياتىقىدا نان ساتقان ،مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئىشلىگەن ئىدىم . 10 يىل كىيىن  10مىڭ سوم مۇئاشنى ئاز كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم .
10 يىل بۇرۇن ھاياتىم بۇيىچە  قۇرئاننى يادىلاش نىيتىم قەتئى ئىدى .10 يىل كىيىن ياسىن سۇرىسىنى بىر يىل يادىلاپمۇ يېرىم قىلالمىدىم .ۋە قۇرئان يادىلاشقا10يىل كىچىككەنلىكىمگە ئۆكۈندىم .
10 يىل بۇرۇن ئۈزەمنى غېمىم بەك تولا ،بېسىم ئاستىدا دەپ ئويلايتىم  .10 كېيىن تۇرمۇشلۇق بولۇپ ئۇ ۋاقىتتىكى «غەم»لەرنىڭ  ھازىر  ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدىغان ،تىلەپمۇ ئىرىشكىلى بولمايدىغان ئەركىن ،غەمسىز چاغلار ئىكەنلىكىن ھس قىلدىم .

sultanem 2011-06-10 10:49
ئون يىل بۇرۇن نام چىقىرىشنى ئويلايتتىم ھازىر بولسا مىللىتىمنىڭ نامى چىقسىكەن دەپ ئويلايدىغان بوپقالدىم ....ئاللاھىم مەدەت بەرگەيسىز ....امىن

ئەلىف 2011-06-10 11:04
ئون  يىل  بۇرۇن  ئۆزۈمنى  شۇنداق  بەخىتسىز  ھىساپلايتتىم ،  ئون  يىلدىن  كىيىن  بولسا  شۇ  ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بەخىتنىڭ  ئىچىدە  تۇرۇپمۇ  بەخىتىنى  ھېس  قىلمىغانلىقىمنى  سەزدىم ،  بۇ  ئون  يىل  مابەينىدە  نۇرغۇن  نەرسىلەردىن  مەھرۇم  بولدۇم  .  ئېرىشكىنىم  پەقەت...........

faruq 2011-06-24 23:01
ئون يىل بۇرۇن ئۆسمۈر ئوقۇغۇچى ئىدىم.ئون يىلدىن كېيىن ياش يىگىت بولدۇم.يەنە ئون يىلدىن كېيىن نېمە ئىش بولىدۇ،بۇنى بىر اللە بىلىدۇ.

yget 2011-06-24 23:43
ئون يىل بۇرۇن مەكتەپ پۇتۇرۇشنى ئويلاتتىم...
ئون يىلدىن كېيىن مەكتەپكە كىرىشنى ئويلايدىغان بولدۇم

ئۇيغۇرقىزى 2011-08-05 18:37
10يىل بۇرۇن 9 ياشتا ئىدىم 10 يىلدىن كىيىن مانا 19 ياشقا كىرىپ قالدىم

ئۇيغۇرقىزى 2011-08-05 18:38
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى muhajir1 نىڭ 2011-02-25 16:48 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن 10يىل بۇرۇن تىزراق چوڭ بولسام ياخشى بىرى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلسام دەپ ئويلايىتتىم. 10يىلدىن كىيىن بولسا مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەرنى ئىمان گاللىرىدىن ئۆتمىگەنلەر دەپ ئويلايدىغان بولدۇم.

10يىل ئىلگىرى مەن پۈتۈن دۇنيانى كەزسەم دەپ ئويلايىتتىم. 10يىلدىن كىيىن كۇچاغا بارىمەن دەپ يېرىم يولدا قايتۇرۋىتىلدىم.

10يىل ئىلگىرى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەم ياماق ئىمتىھان بېرىمەنغۇ دەپ ئويلايىتتىم. 10يىلدىن كىيىن اللەنىڭ ئىمتىھانىنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم ئىلىندىغانلىقىنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم.  

10يىل ئىلگىرى مەن پۈتۈن دۇنيانى كەزسەم دەپ ئويلايىتتىم. 10يىلدىن كىيىن كۇچاغا بارىمەن دەپ يېرىم يولدا قايتۇرۋىتىلدىم.
 نىمىشقا بۇنداق بۇلۇپ قالدى قېرىندىشىم .سىزمۇ كۇچادىنمۇ ياكى...................................؟

0998888 2011-08-05 19:35
10يىل بۇرۇن مەن خزمەت ئزدەيتتىم ،مانا 10يىلدىن كىين خىزمەت مىنى ئزدەۋاتىدۇ................. 

deyarem 2011-08-15 16:15
10يىل بۇرۇن تۇرمۇش قۇرۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.ئەمدى 10يىلدىن كىيىن تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقىدىن تۇرمۇشتىن بىزار بولىدىغان بوپ قالدىم.

ئەنى-بەنى 2011-08-16 17:07
نىمە ئون يىل بۇرۇن  ...ئون يىل  كىيىن ...ياشىغاندىن كىيىن  رىئانلىققا بويسۇنۇش كېرەكتە...... ئون يىلنى قۇيۇپ  كەتكىنى كەتتى.....كېلدىغاننى  ئىشەنچ بىلەن  كۈتۈۋالساقلا قالغىنى ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن ،،،ئەتە نىمە ئىش بولدۇ ،،بۇنى ئاللا ئىگەمدىن باشقا ھىچكىم  بىلمەيدۇ....

دانىشمەن 2011-09-27 23:31
10 يىل بۇرۇن قاچان چوڭ بولامەن دەيتىم،، مانا ئەمدى ھەي ...  نىمىسىنى دەي نىمىشقا چوڭ بولغاندىمەن داۋاتىمەن، 10 يىل كىيىن ...

omer 2011-09-27 23:48
مەن 10 يىل بۇرۇن دۇنيا مەئىشەتلىرىگە قىزىقاتتىم، مانا ئەمدىچۇ، جەننەتتىن باشقا ھىچ نەرسىگە قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدىم!...

يالقۇنى 2011-10-21 13:20
10يىل بۇرۇن ماشىنا ئادەم،لازىر نۇرلارنى تەتقىق قىلىمەن دەيتتىم،مانا ھازىر قانۇن كەسپىدە ئوقۇماقتىمەن؟ مۇرادىغا يەتكەندىن نەچچەيلەن بار؟

خەنجەر0903 2012-01-25 13:52
/read.php?tid=9273&page=5#94621
مەنمۇ شۇ..

!adiyat 2012-01-25 14:21
10 يىل بۇرۇن رەھمەتلىك دادامغا ئەكىللەيتتىم..ھازىر بىر يىرىم ياشلىق ئوغلوم ماڭا  ئەكىلەيدۇ.

مۇسىلىم 2012-02-12 20:27
5-قەۋەت (kpsizmaliki)گە
نىمىشقا ئاجىرىشىشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىڭىز؟
خەنزۇتىلى سەۋىيىڭىز خېلى ياخشى ئىكەن .شۇنداقتىمۇ ئانا تىلىمىزغىمۇ ئېتىبار بىرىپ قويۇڭ.

مۇسىلىم 2012-02-12 20:31
ئون يىل بۇرۇن يالغۇز ئىدىم.مانا ھازىر تۆت بولدۇم.

قىرچىن 2012-02-24 18:24
10يىل بۇرۇن ئاق كۆڭۆل،سەمىمى،غەيۋەت قىلىشنى ياخشى  كۆرمەيدىغان ئىدىم،10يىلدىن كىيىن باشقىلارنىڭ دەردىگە پەرۋا قىلمايدىغان ،يالغان سۆزلەشتىن باش  تارتمايدىغان،سەل شەخسىيەتچى،ئانچە-مۇنچە باشقىلارنىڭ  گىپىنى  قىلىپ قويىدىغان بۇلۇپ قالدىم.؟!

شىرمۇھەممەتئەلى 2012-02-25 14:07
ۋاقىت نىمدىگەن تىز  ھە  


查看完整版本: [-- ئون يىل بۇرۇن ۋە ئون يىل كېيىن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.068613 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us