查看完整版本: [-- مېكسىكا زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىر كۈندە 28 ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كومپىيوتېر تور بىلىملىرى -> مېكسىكا زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىر كۈندە 28 ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

zam_zam 2011-01-10 20:45


خەلقئارا لىنىيە مەخسۇس خەۋىرى: ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 9-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېكسىكىدا يېقىندا زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقى يەنە كۆپىيىپ كەتكەن، دېڭىز ساھىلى ساياھەت رايونلىرىدىن بىر بولغان داڭلىق ساياھەت رايونى تىنچ ئوكيان دېڭىز ساھىلى رايونىدىكى Acapulco دا 8-يانۋار بىر كۈن ئىچىدە 28 ئادەم زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ زېمىن تالىشىپ قىلغان قوراللىق ئېتىشىشدا قازا قىلغان، شۇ كۈنى ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى بۇ قوراللىق ئېتىشىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئارىسىدىكى 15 ئادەمنىڭ كاللىسى ئېلىنغان، ئۆلگۈچىلەرنىڭ يېشى 15 ياشتىن 25 ياشقىچە ئىكەن.
Acapulco ساياھەت رايونىدا يېقىندىن بۇيان تېررورلۇق، قاتىللىق ۋە ئەسۋە قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كۆپىشى سەۋەبىدىن ساياھەتچىلار ئازىيىپ كەتتى. Gegeleiluo شتاتى ھۆكۈمىتىنىڭ دېيىشىچە، ساقچى تەرەپ 8-يانۋار سودا مەركىزىگە يېقىن جايدىن نۇرغۇن جەسەتلەرنىڭ بايقىغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 15 جەسەتنىڭ كاللىسى ئېلىنىپ، پىيادىلەر يولىغا تاشلىۋېتىلگەن بولۇپ، كېسىۋېلىنغان باشلار ئەتراپتا چېچىلىپ ياتقان. ئۆلگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى 20 ياش ئەتراپىدا ئىكەن، ئۆلگۈچىلەرنىڭ يېنىغا باغاقچە تاشلاپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ دېلونى تىنچ ئوكيان زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى قىلغان. باغاقچىغا ئاساسلانغاندا، بۇ مېكسىكا زۇڭتۇڭىنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ كاللا كېسىش دېلوسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مېكسىكا زۇڭتۇڭى كالدىرون 2006-يىلىدىن باشلاپ، زەھەر ئەتكەسچىلەرگە زور كۈچ بىلەن زەربە بېرىش ھەركىتىنى قانات يايدۇرغان. ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، زەھەر ئەتكەسچىلەر گۇرۇھىنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ئادەم 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

520ahsa 2011-01-10 21:12
نىمانداق ۋەھشى .بۇلارغا ھككمەتنىڭ كۈچى يەتمەيدىكەندە 1   

bugra 2011-01-10 21:13
ۋاي نىمانچە بەك ۋەھشى بۇلار،قېرىنداشلار مېكسىكىغا ساياھەتكە بارماڭلار جۇمۇ.

tayir0999 2011-01-10 21:16
نىمىىشكىلىۋاتكاندۇ ،،بۇ ھۆكىمەت،،،،،،

bugra 2011-01-10 21:20
كامدىن-كام ئۇچرايدىغان رەسىملەر ئىكەن   

anwar1118 2011-01-10 21:56
لىتسيە ساقتۇ ھە!!

8koqa 2011-01-10 22:46
يا پانا ئۆزەڭ با.....راس ساقلىۋالغۇدەك رەسىملەركەن..
نارسىدىلەرمۇ بارمۇ نىمە؟

8koqa 2011-01-10 22:47
ئىشلىتىش
引用第5楼anwar1118于2011-01-10 21:56发表的 :
لىتسيە ساقتۇ ھە!!

ما گەپنى ...قىززىقچىكەنسىز جۇمۇ..

zam_zam 2011-01-10 22:55
ئىشلىتىش
引用第5楼anwar1118于2011-01-10 21:56发表的  :
لىتسيە ساقتۇ ھە!!


دەل شۇ كۇنى لىتسىيە بىلەن مىندوۋىللانىڭ توي كۇنى ئىكەندۇق قالغىنىنى بىلمەيمەن جۇما....


查看完整版本: [-- مېكسىكا زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىر كۈندە 28 ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.061556 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us