awral0999 |
2011-01-10 17:26 |
ئابلاجان بىلەن پاتەم ئاتۇش شەھىرىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن بولۇپ، ئۈچ پەرزەنتى بار ئىدى. بۇلتۇر نويابىرنىڭ باشلىرى ئىدى. ئابلاجان بازاردىن قايتىپ كەلدە-دە، مال-ۋارانلارغا تېخىچە يەم بەرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئايالىغا بىرمۇنچە كايىدى. پاتىگۈل ئۆي ئىشلىرى بىلەن بولۇپ، چولىسى تەگمىگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئابلاجان يەنىلا ئەيىبلەشتىن توختىمىدى، پاتىگۈل جېدەلدىن كېيىن، قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ بېرىۋالدى. قېينئانىسى زورىخانمۇ كېلىنىنى ئۆيىگە قايتىپ كېتىشكە دەۋەت قىلدى، ئەمما پاتىگۈل زورىخاننىڭ نەسىھەتلىرى كار قىلمىغاچقا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرى ئابلاجاننىڭ زىممىسىگە يۈكلەندۇ. پەرزەنتلىرىمۇ ئانىسىنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى، بىراق ئانا ئۆيگە كېتىشكە قوشۇلمىدى. دەل مۇشۇ كۈنلەردە ئابلاجاننىڭ بىر قوزىسى تۇيۇقسىزلا ھاۋام بولۇپ قالدى. ئۇ كۆڭلىدە "ئۇ ئۆيدە بولغان بولسا بۇ ئىشمۇ بولمايتتى" دېگىنىچە ھارام بولۇپ قالغان قوزىنى خالتىغا سېلىپ قېيىنئاتىسىنىڭ ھويلىسىغا تاشلاپ قويدى. ئابلاجان 9-نويابىر باغدىكى ئىشلارنى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بازاردىن بىر قانچە ئىشلەمچىنى ئەكىلىپ ئىشقا سالدى ھەمدە ئانىسىغا ئىشلەمچىلەرگە تاماق ئېتىپ بېرىشنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۆيىگە قايتتى. ئابلاجان ئۈچ چاقلىق توكلۇق موتوسىكلىتى بىلەن قېيىئاتىسىنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئاز قالغاندا، قېيىنئاتىسىنىڭ بىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى، ئابلاجان موتوسىكلىتنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى ، بۇ ۋاقىتتا ئابدۇراخمان يۈگۈرۈپ كېلىپ قولىدىكى نەرسىنى ئابلاجانغا ئاتتى، ئەمما ئۇ نەرسە ئابلاجانغا تەگمىدى. ئابلاجان قېيىنئاتىسىنىڭ قىلىقىغا قاراپ ئاچچىقى كەلدى بولغاي، موتوسىكلىتتىن چۈشمەي تۇرۇپلا ئابدۇراخماننىڭ قورسىقىغا تەپتى، ئابدۇراخمان يىقىلدى. ئابلاجانمۇ بىر ئاز ماڭا-ماڭمايلا موتوسىكلىتتىن يىقىلدى. ئابدۇراخماننىڭ ئازاپلىق توۋلاشلىرىدىن ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇنى شۇ ھامان خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردى. دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئابدۇراخماننىڭ يانپاش سۆڭىكىنىڭ سۇنغانلىقىنى ئېيتىپ، كېسەلخانىغا ئالدى. ئابدۇراخمان بۇ ئىشنى قانۇن يولى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىللىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ شۇ كۈنىلا ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە دېلو مەلۇم قىلدى. ج خ خادىملىرى شۇ ھامان ئابلاجاننى چاقىرىپ سوراق قىلىۋىدى، ئابلاجان بولغان ئەھۋاللارنى قالدۇرماي سۆزلەپ بەردى. ج خ خادىملىرى ئابلاجاننىڭ قىلمىشىغا دېلو تۇرغۇزدى. ئابدۇراخمان داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جەسەت تەكشۈرۈش باھالىشىنامىسىدە ئۆلگۈچى ئابدۇراخمان ھايات ۋاقتىدا تاشقى كۈچ سول پۇتىغا تەسىر قىلغانلىقتىن سول يوتا سۆڭىكى دومباق ئارىلىقى سۇنۇپ، ئۆپكە ئوڭ تەرەپ ئارتېرىيە قان تومۇر كەپلەشمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۆلگەن، دەپ يەكۈن چىقاردى. ئابلاجان قەستەن زەخمىلەندۈرۈش(ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولۇش) جىنايىتى بىلەن 30-دېكابىر توختىتىلىپ، بۇ يىل 5-يانۋار قولغا ئېلىندى.
مەنبە: _______شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |
|