| dulbarqin310 | 
2011-01-06 18:30 | 
 
ساراڭلار دۇختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ساراڭلارنىڭ قايسسىنىڭ بەكرەك ساقايغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئۇلارنى كىنوغا ئاپىرىپتۇ. بۇ كىنوخانا ئىنتايىن زاڭ توپا - مەينەت بولۇپ كەتكەن بولۇپ ، ئورۇندۇقلاردا سىز بىلەن مەن بولسام ھەرگىز ئولتۇرمايدىكەنمىز، لىكىن ساراڭلار بىر-بىرلەپ كىرىپ ئولتۇرىۋېرىپتۇ. ھەممىسى دېگۈدەك كىرىپ ئولتۇرۇپ بوپتۇ. دوختۇرلار ئۈمىدىنى ئۈزۈپتۇ. ئاخىرىدا بىر ئىگىز ، شۇنداق ئىگىز بىر ساراڭ كىرىپ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئورۇندا يانچۇقىدىن بىر دانە  نىپىز ، شۇنداق نىپىز قولياغلىقنى ئېلىپ ئورۇندۇققا قۇيۇپ ئولتۇرۇپتۇ. باشلىق ئۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ: -سىز نېمىشقا بۇ قولياغلىقنى سېلىپ ئولتۇردىڭىز؟  - تېخىمۇ ئىگىزرەك ئولتۇراي دەپ .  
  | 
 
 
 |