查看完整版本: [--
ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى ئېگىزگە سەكرەش ماھىرى
--]
كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى
->
تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى
->
ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى ئېگىزگە سەكرەش ماھىرى
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
karakax
2011-01-03 23:39
ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى ئېگىزگە سەكرەش ماھىرى
ئېگىزگە سەكرەش ماھىرى ئالىم كېرەم
1988-يىلى كورلا قاراشەھەر ناھيسىدە تۇغۇلغان .2006-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋىرستىتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن جاپالىق مەشىق قىلىپ مەمىلىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى .ھەممىمىز بىلمىز ،سەھنىدىكى بىر مېنۇتلۇق مۇۋاپپىقىيەتنىڭ ئارقىسدا نۇرغۇن يىللىق جاپالىق مەشىقنىڭ قان-تەرى بار .ئالىم كېرەم شىنجاڭنىڭ ئېگىزگە سەكرەش تۈرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ،بۇ جەھەتتە ئاز بولمىغان ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتتى ،تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ ئاز بىر قىسىم نەتىجىلىرى خالاس .
2006-يىلى 11-نۆۋەتلىك شىنجاڭ تەنھەركەت مۇسابىقىسدە 1.97 مېتىر نەتىجە بىلەن ئېگىزگە سەكرەش تۈرىدە چېمپىيون بولغان .
2006-2007 يىل ئۇدا ئىككى نۆۋەت شىنجاڭ ئالىي مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن تەنھەركەت مۇسابىقىسدە 2.00 مېتىر نەتىجە بىلەن ئېگىزگە سەكرەش تۈرىدە چېمپىيون بولغان .
2008-2010 يىل ئۇدا ئۈچ نۆۋەت شىنجاڭ ئالىي مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن تەنھەركەت مۇسابىقىسدە 2.08 مېتىر نەتىجە بىلەن ئېگىزگە سەكرەش تۈرىدە چېمپىيون بولغان .
2010-يىلى مەمىلكەتلىك "نايىك لوڭقسى'ئالىي مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن تەنھەركەت مۇسابىقىسدە 2.10 مېتىر نەتىجە بىلەن ئېگىزگە سەكرەش تۈرىدە چېمپىيون بولغان .
2010-يىلى مەمىلكەتلىك پېداگوگىكا خارەكتىرلىك ئالىي مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن تەنھەركەت مۇسابىقىسدە 2.11 مېتىر نەتىجە بىلەن ئېگىزگە سەكرەش تۈرىدە رېكورت يارىتىپ چېمپىيون بولغان .
ئۇنىڭ رەسىملىرى
subihi0998
2011-01-04 02:03
ياشاپ كەت ئالىمجان
huxdil
2011-01-04 04:37
جەرەن يىلى توغۇلغان بالىمۇ بۇ ؟
شاۋلىنسىنىڭ ئادەملىرىمۇ بىر ئۆمۈر مەشىق قىلىپ بۇنچىلىك سەكرىيەلمەس بەلكىم .
ئاپىرىن ئاپىرىن ... مۇشۇنداق ئەزىمەتلەر كۆپلەپ مەيدانغا چىقسىكەن دەيمەن .
biliknur
2011-01-04 11:37
باركاللا ئويغۇر ئوغلى ئالىمجان.......
taranqi
2011-01-04 12:19
كەلگۈسى ئۈچۈن تىپىرلاۋاتقان مىليونلىغان ئوتلۇق يۈرەكلەرنىڭ يەنە بىر يارقىن نامايەندىسى ئالىمجان ياشاپ كەت!
tursunxayar
2011-01-04 13:02
غەيرىتىڭىزگە بارىكاللا قېرىندىشىم.
http://nurzat.blogbus.com/bloglink
azmat0997
2011-01-04 14:40
يارايسىز!!
hll
2011-01-04 15:25
ياشاپكەت ئۇيغۇر ئوغلى ئالىمجان .
boran114
2011-01-05 23:12
ئولۇمپىكتا يوقمىدۇ،،
查看完整版本: [--
ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى ئېگىزگە سەكرەش ماھىرى
--] [--
top
--]
Powered by
PHPWind
v7.3.2
Code © 2003-08
PHPWind
Time 0.204168 second(s),query:3 Gzip enabled
You can
contact us