查看完整版本: [-- ياردەم قىلساڭلار --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كومپيۇتېردىن سۇئال - جاۋابلار -> ياردەم قىلساڭلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

$~bihlan~$ 2010-12-30 01:26
ھۆرمەتلىك كەڭساي مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلار كومپىيۇتېرنى دوس ھالىتىدە تۇرۇپ ئېكرانغا سىلىنغان مەخپى نۇمۇرنى يىشىشكە بولامدۇ؟ ئەگەر يىشىشكە بولسا ماڭا ياردەم قىلىپ يوللاپ بەرسەڭلار ئاللا ئەجرىڭلارنى بەرسۇن.

karakax 2010-12-30 10:55
مەن بىلمەيدىكەنمەن

oghuzhan 2010-12-30 11:18
سېنىڭ نېمىگە ئىشلىتىدىغىنىڭنى بىلمىسەم !

kalipdax 2010-12-30 12:44
GHOST پىلاستىنكىلىرىدا شىفىرنى يېشىش سېستىمىسى قاچىلانغان بولىدۇ شۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.
يەنە بىرى سىز GHOST پىلاستىنكىلىرىدىكى  WINPE مەۋھۈم سېستىما مۇھىتى ئارقىلىق كومپىيوتۇرىڭىزنىڭ سېستىمىسنى ئېچىپ، C:\WINDOWS\repair ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ ، sam ھۆججىتى بارمۇ يوق. ئەگەر بار بولسا مۇنداق مەشغۇلات قىلىڭ.
قوزغاتقۇچ دېسكا ئارقىلىق DOS بويرۇق ھالىتىگە كىرىپ تۆۋەندىكى بويرۇقنى بېرىڭ.
del c:windows\system32\config\sam
بۇ دىگەنلىك c:windows\system32\config مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى sam ھۆججىتىنى ئۆچۈرۈش بولىدۇ. ئەمدى يەنە تۆۋەندىكى بويرۇقنى بېرىڭ
copy c:windows\repair\sam c:windows\system32\config

بۇ دىگەنلىك C:\WINDOWS\repair  مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى sam ھۆججىتىنى c:windows\system32\config مۇندەرىجىسى ئاستىغا كۆچۈرۈش بولىدۇ.
يۇقارقىلار سىزنىڭ c دېسكا رايونىڭىز FAT32 لىك بولغاندا بولىدۇ. ئەگەر NTFS بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىجرا قىلىڭ.

delete c:\windows\system32\config\system
delete c:\windows\system32\config\software
delete c:\windows\system32\config\sam
delete c:\windows\system32\config\security
delete c:\windows\system32\config\default


copy c:\windows\repair\system c:\windows\system32\config\system
copy c:\windows\repair\software c:\windows\system32\config\software
copy c:\windows\repair\sam c:\windows\system32\config\sam
copy c:\windows\repair\security c:\windows\system32\config\security
copy c:\windows\repair\default c:\windows\system32\config\default

كومپىيوتۇرىڭىز كېيىن نورمال ئېچىلغاندىكىن كېيىن، c:\windows\system32\config ئاستىدىكى software,system,security,default ۋە sam ھۆججەتلىرىنى بىر نۇسخا كۆپەيتىۋېلىڭ ھەم ئۆزىڭىز پۇختا بىلىدىغان بىر ئورۇنغا ساقلاپ قويۇڭ.
يۇقارقىلار بويىچە سىناب بېقىڭ.

ilim 2010-12-30 13:00
مەندە شۇنداق بۇلۇپ قالسا قانداق ئوڭشايدىغانلىقى توغۇرلۇق دەرسلىك بار مەن يوللاپ بىرەي. چ چ رىمنى قاچلاڭ

kalipdax 2010-12-30 13:29
ئىشلىتىش
引用第4楼ilim于2010-12-30 13:00发表的 :
مەندە شۇنداق بۇلۇپ قالسا قانداق ئوڭشايدىغانلىقى توغۇرلۇق دەرسلىك بار مەن يوللاپ بىرەي. چ چ رىمنى قاچلاڭ


دەرسلىك بولسا ھەممەيلەن ئورتاق پايدىلىنايلى .
http://www.qupan.cc/ دىن بوشلۇق ئىلتىماس قىلىپ، شۇ دەرسلىكنى شۇ يەرگە قويۇپ قويغان ھەم دەرسلىكنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز تولىمۇ ياخشى ئىش بولار ئىدى.

$~bihlan~$ 2010-12-30 19:34
رەخمەت ھەممىڭلارغا؟ ئاللا ئەجرىڭلارنى بەرسۇن.

$~bihlan~$ 2010-12-30 19:38
FAT32 ياكى NTFS ئىكەنلىكىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن ئۇنى قانداق بىلىمىز؟

kalipdax 2011-01-02 14:15
我的电脑--يۇقارقى تەرتىپ بويىچە كۆرسىڭىز بىلەلەيسىز.
我的电脑 نى تاق چېكىپ مائۇسنىڭ ئوڭ تەرەپ كۇنۇپكىسىنى تاق چەككەندىن كېيىن تىزىلىك ئىچىدىن 管理 نى تاللايمىز. بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىن 磁盘管理 نى تاللىسىڭىز ھەرقايسى دېسكىلىرىنىڭ تۈرى كۆرىنىدۇ. سىناب بېقىڭ.


查看完整版本: [-- ياردەم قىلساڭلار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.051302 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us